• قوللانچى: پارول:

ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ قىزلارفىزىئولوگىيىسىگە بولغان تەسىرى

‹ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا،ھەرقېتىم ئايلىق ئىمتىھان ئېلىنىش ئالدىدا ،بېشىم قاتاتتى.ئەسلىدە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىشىم كېرەك ئىدى،لېكىن،نېمە ئامال،‹پالاكەتچىلىك ھامان ئۆزۋاقتىدا يېتىپ كېلەتتى.›
بۇ كۈندىلىك خاتىرىنىڭ ئىگىسى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر ئەقىللىق ھەم تىرىشچان قىز ئوقۇغۇچىسى .ئەمما ۋاقىت بۇ ‹ئش ئۇقىدىغان› قىز ئوقۇغۇچىنى ھەيز ئېلىپ كەلگەن دېشۋارچىلىقلاردىن چەتتە قويمىدى.


‹شۇ بىر نەچچە كۈندە دوۋسۇن قىسىمىم چىدىغۇسىز ئاغرىپ ،ئەلەڭ-سەلەڭ بولۇپ قالاتتىم،زېھنىمنى يىغىپ ئىمتىھان بېرىشتىن سۆزئاچقىلى بولاتتىمۇ؟›
جۇڭگو ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۈ يۈنشىياۋ تەكشۈرۈش داۋامىدا بۇ ماتېرىيالنى كۆرۈپ قالىدۇ.ئۇ تېخى بۇنى پەقەتلا بىر قىزنىڭ خاتىرىسى دەپ ئويلايدۇ،ئەمما چوڭقۇر تەكشۈرۈش جەريانىدا ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى بايقايدۇ.
بېيجىڭ ئونۋېرىستىتى مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ پىرافسسۇرى كاڭ جىيەنمۇ ئوخشاش بىر مەسىلىنى بايقايدۇ.ئىلگىرى ئۇزۇن مەزگىل بېيجىڭ ئونۋېرىستىتى باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرامەكتەپتە مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن ئىدى.كاڭ مۇدىر مەكتەپنىڭ سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش ئۆيىنىڭ خىزمەت پىلانىغا مۇنداق بىر تۈرنى قوشۇپ قۇيغان،يەنى ،مەكتەپتە ئاغرىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېئاگىنۇز نەتىجىسىگە ئاساسەن ئستاتىستىكا ئېلىپ بېرىش .
ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ئۇنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتكەن : زۇكام،سىرتقى زەخىملىنىش قاتارلىق كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا ،قىزلارنىڭ ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش كېسەللىكى يۇقىرى نىسبەتنى ئېگەللىگەن.
ئىككى يىل ئاۋال سۈن يۈنشىياۋنىڭ بېشىنى قاتۇرۋاتقىنى باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالى مەكتەپكىچە بولغان ئوقۇش باسقۇچىدا ئوغۇللارنڭ ئۆگىنىشتىكى ئىپادىسىنىڭ ئەڭ ناچار بولۇشى ئىدى. شۇڭا ئۇ نەزىرىنى بۇ ‹ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار كرىزىسى› گە قارىتىپ ،‹ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش › تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلغان ئىدى.
ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە،ئىككى يىل قىز ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇ ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر خېلى كۆپ بايقاشلارغا ئېرىشتى: بۈگۈنكىدەك ئىمتىھان مائارىپى دەۋر سۈرىۋاتقان ئەھۋالدا ،ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن قىز ئوقۇغۇچىلار ئەسلىدە قۇتقۇزۇشقا ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىكەن.‹قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.ئىمتىھان مائارىپنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلارغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.›
بالدۇر ھەيز كېسىلىگە ئەلاچى ئوقۇغۇچى.
بۇ ‹ قىزلارنى قۇتقۇزۇش› دوكلاتىدىكى ھەقىقي ئىش…
2010-يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى ئاياغلاشقاندىن كىيىن ئەمدىلا بىر نوقتىلىق ئالى مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى قوبۇل قىلغان 18 ياشلىق شىياۋسوڭ(كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)غا ھەيز كېسىلگەن دەپ دىئاگنوز قويۇلدى.تولۇقسىزدىكى ۋاقتىدىلا ئۇنىڭدا
ھەيز قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى بارئىدى،تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ئۆگىنىش جىددىيلىكى سەۋەبىدىن ،ئۇ تېخىمۇ كۈچەپ ئۈگەنمىسە بولمايتتى.پەقەت ئالى مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىنلا ،ئۇ ‹خاتىرجەم› ھالدا دوختۇرغا كۆرۈنگەن ئىدى،لېكىن تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ ئېچىندۇرىدۇ: ئۇ ھەيز كېسىلىش،بالىياتقۇ يىگلەش،تۇخۇمدان زەئىپلىشىش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان ئىدى.
شىياۋسوڭنىڭ مەسئۇل دوختۇرىنىڭ ئېيتىشىچە،شىياۋسۇڭ مۇشۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان 3- ئوتتۇرا مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىسى ئىكەن،بۇ دوختۇر بۇ ئۈچ نەپەر قىزنىڭ بايانىنى ئاڭلاپ يۈرىكى ئېچىشقان بولسىمۇ ،بىراق ئۇ ئامالسىز قالغان.ئۇ مۇنداق دىدى:‹ زىيادە چارچاشنىڭ،قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ساغلاملىقىغانىسبەتەن زىيىنى چوڭ.چۈنكى كېچىلىك ئۇيقۇ مەزگىلى ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرخىل ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىشى يۇقىرى پەللىگە يېتىدىغان مەزگىل .ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا،ئۇزۇن مۇددەت چارچاش ھالىتىدە تۇرسا،بۇ ئىچكى ئاجرىتىپ چىقىرىش سېسىمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ياشلىق مەزگىلىدىكى يېتىلىشكە توسالغۇ بولىدۇ.
سۈن يۈنشىياۋ مۇنداق دىدى: ‹زىيادە ئېغىر ئۆگىنىش بېسىمى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ›. ئۇزۇن مەزگىللىك زور بېسىم،ۋە روھى جىددىيلىك مۇقەررەر ھالدا قىزلارنىڭ ئىچكى ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىدۇ.بۇ بىۋاسىتە ئىچكى ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن ،يەنە ۋاستىلىك ھالدا ئۇيقۇ ۋە ھەرىكەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.‹ئوغۇل بالىلار بىلەن ئوخشىمايدىغىنى ،ياشلىق مەزگىلىدە قىزلار قەرەللىك ھەيز مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.ھەر ئايدا بىر ھەپتە قانسىراش ھالىتىدە تۇرىدۇ.ئەسلىدە ياخشى دەم ئېلىشقا تېگىشلىك ئىدى ،ئەمما ئۇزۇن مەزگىللىك جىددىي ئۆگىنىش،ئاز ھەرىكەت قىلىش،ھەتتا ئۇيقۇنىڭ نورمىدىن كۆپ ئاز بولۇشى ئۇلارنىڭ ئىچكى ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا ئىمكانىيەت بەرسۇنمۇ؟›
‹ ئۆگىنىش بېسىمى جىنس ئايرىمايدۇ،ئىمتىھان مائارىپى مۇھىتى ئاستىدا ،قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېسىمى نەچچە ھەسسە ئېغىر بولىۋاتىدۇ.
ئىككى يىل ئاۋۋال جۇڭگو ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەتقىقات مەركىزى 1800نەپەر قىز ئوقۇغۇچىغا سىناق ئېلىپ بارغان،سىناق نەتىجىسىدىن مەلۇم بولدىكى :قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەركۈنلۈك تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتى ۋە تەكرار ۋاقتى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردىن كۆپ بولىدىكەن.47.4پىرسەنت ئوتتۇرا مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىسى ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت تاپشۇرۇق ئىشلەيدىكەن.

ئىتائەت قىلىش خاراكتېرىنىڭ سەلبىي تەسىرى

‹ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسى يۈزەكى مەسىلە،ئەمما قىزلار مەسىلىسى ئىچكى مەسىلە.قىزلار ئەقىللىق ھەم ھوشيار،يېتىلىشى بالدۇر،ئاتا-ئانا،ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەلىپىگە نىسبەتەن ئىتائەتمەن پوزىتسىيىدە بولىدۇ.مەسىلەن، ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ مەقسىدىمگە يېتەلمىگەن20 ئەنزىنى تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىدىن بايقىشىچە،ئۇنىڭ ئىچىدىكى 18ئەنزىنىڭ ھەممىسىدىلا ئەھۋالنى بىلىدىغان قىزئوقۇغۇچىلار مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ياكى باشقا چوڭلارغا ئاشكارلاپ قويغان ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:قىز ئوقۇغۇچىلار كۆپ ھاللاردا،ۋەزىيەتنى چوڭلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ كۆزىتىدۇ..لىي ۋىنداۋ مۇلاھىزە قىلىپ مۇنداق دىدى:‹ قىزلار ئىتائەتمەن كېلىدۇ،ئۇلار چوڭلارنىڭ نىشانى ۋە قىممەت قارىشىغا تىخىمۇ مايىللشالايدۇ،ئوغۇللار ئۇنداق ئەمەس،بۇمۇ مەكتەپتە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمىشقا مۇئەللىمنىڭ مەقسىدىنى ياخشى چۈشىنەلەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.›
لېكىن دەل مۇشۇ‹ ئىتائەتمەنلىك بىلەن مايىللىشىش ›بىلەن نۆۋەتتىكى ئىمتىھان مائارىپى سىستېمىسى ‹ئۆز-ئارا قوزغاتقۇچى› لىق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۇرىۋاتىدۇ. بىر تەرەپتىن ،ئىمتىھان مائارىپى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىتائەتمەنلىك بىلەن مايىللىشىشىنى كۈچەيتىپ،ئەسلىدىلا يېتەرسىز بولىۋاتقان مۇستەقىللىق ئېڭىنى زەئىپلەشتۈرىۋاتىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن،ئىتائەتمەنلىك خاراكتېرى قىزلارنى مەكتەپتە ھەرجەھەتتىن مۇنەۋۋەر نوپۇزغا ئىگە قىلىۋاتىدۇ.
ئىككى يىل ئاۋالقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان سانلىق مەلۇماتلار 60.3پىرسەنت قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ‹ نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ،جان تىكىپ ئۆگىنىشكە رازى ئىكەنلىكىنى,
بۇنداق قىز ئوقۇغۇچىلار سانى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار سانىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.لىي ۋىنداۋ يەنە مۇنداق دىدى:‹ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى تېخىمۇ ئېغىر ،لېكىن ئۇلار نىڭ بۇنىڭغا رازى بولۇشى بىزنىڭ دىققىتىمىزنى ۋە ھوشيارلىقىمىزنى قوزغىشى كېرەك.›
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ،ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا ،سۈن يۈنشىياۋ قىز ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىپادىسىنى سېلىشتۇرۇش جەريانىدا قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىپادىسىنىڭ ئالاھىدە ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايقاپ ،ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ غېمىنى يېگەن ئىدى.لېكىن ھازىر قىز ئوقۇغۇچىلار مەسىلىسىدىن ئىبارەت بۇ سەل قارىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىنىڭ تەكتىگە يەتتى.ئۇ ئەگەر مائارىپ خىزمىتى داۋاملىق ئۆگىنىش بېسىمى نورمىدىن ئېغىر قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىنىڭ خەۋىپكە ئۇچرىشىغا سەل قارايدىغان بولسا ،يېقىن كەلگۈسىدە ئېچىنىشلىق نەتىجىنىڭ تەمىنى تېتىپ قالىمىز. چۈنكى بۈگۈنكى قىزلار ،كەلگۈسىدىكى ئانىلار،ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ –يېتىلىشىگە كۆڭۈل بولۇشىمىز كېرەك ،دەپ كۆرسەتتى.
ئەۋلادىم ئىلاۋىسى: بىز ئۇيغۇرلادىمۇ ياشلىق تەربىيىسى ۋە جىنسى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنى نۇمۇسلۇق ئىش دەپ قاراش خاھىشى ئېغىر بولغاچقا،بالىلىرىمىز ئۆسۈپ –يېتىلىش مەزگىلىدە بۇ جەھەتتە ئۇچرىغان بەزى مەسىلىلەرگە دەل ۋاقتىدا توغرا جاۋاپقا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ،شۇڭا ئاتا-ئانىلار بۇ مەسىلىلەرگە ئىلمى پوزىتسىيىدە بولۇپ، سەل قارىلىۋاتقان لېكىن بالىلارغا تەھدىت بولىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك.





4 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • weten جاۋاب

    ئالدى بىلەن «ئەۋلادىم» نىڭ مۇھىم بىر مەسىلە بايان قىلىنغان تەرجىمە ماقالىسى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆپ رەھمىتىنى بىلدۈرىمەن .
    ياش -ئۆسمۇرلەر ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدىكىلەر ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ھەممە بىلىدۇ، ئەمما ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش ۋە ئېلىپ بېرىش جەريانىدا كۆپىنچە ھاللاردا ئۇلارنىڭ روھى ۋە فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنى،نۆۋەتتىكى تەرەققىيات باسقۇچىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىدىغان ئەھۋال ئومۇميۇزلۇك ھادىسە.
    ئاتا -ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار جەزمەن بۇ ھەقتە بەلگىلىك ساۋادلارغا ئىگە بولۇشى ۋە بۇ جەھەتتە زىل بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئويلاپمۇ باقمىغان يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى ئىنىق.

  • كامىلە جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!بۇ ماقالىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم بىر قىسىم بولۇپ قالدى،چۈنكى مەنمۇ شۇ دەۋرلەرنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن،مانا ئەمدى قىزلىرىم شۇ دەۋرگە قەدەم قويدى،ئۇلارغا ھەرقانداق ۋاقىتتا شۇنداق كۆڭۈل بولىمەن،بىراق ئادەمنى بىزار قىلىدىغان مۇشۇ مائارىپ تۈزۈمى بولىدىكەن،بىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرىمىز ،ئەجىرلىرىمىز بەلگىلىك ئۈنۈم بەرمەيدۇ دەپ قارايمەن،بۇ ئەسەرنى بوشلۇقىمغا چاپلىسام بولامدۇ؟رۇخسەت قىلاسىزمۇ؟

    • weten

      ئەلۋەتتە، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا نەگە يوللىسىڭىز بولىۋىرىدۇ.

  • كامىلە جاۋاب

    رەخمەت! ;-)

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif