شېرلوك ھولمىستىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟ ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن دېلو رازۋېدكا قىلىشنى ئۆگىنەلمىسەكمۇ، ئۆگىنىشىمىزگە تېگىشلىك نەرسىلەر يەنىلا بار.
ھەم غەلىتە ھەم ئىنتايىن تالانتلىق بۇ ئەنگلىيىلىك رازۋېدچىك ھەققىدە ،كىچىك روبېرت باش رول ئالغان«رازۋېدچىك شېرلوك» ناملىق مىنىتېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن( بۇيەردە كۆزدە تۇتىۋاتقىنىم BBC ئىشلىگەن نۇسخىسىنى كۆرسىتىدۇ،ھازىر 3-قىسمى چىقىپ بولدى). ئۇ- بىزنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ ھەم قايىل قىلىدۇ.
شېرلوك ھولمېسنىڭ دېلو رازۋىد قىلىش جەريانىدىكى ھېكايىلەردىن تۆۋەندىكىدەك ئۈگۈتلەرنى بايقاشقا بولىدۇ:
تەپسىلات ئىنتايىن مۇھىم
Details matter
ھولمېسنىڭ ئەڭ قالتىس قورالى ئۇنىڭ بىرجۈپ سىنچى كۆزى، ئۇنىڭدىن ھېچنېمە قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بىرەيلەن سىرتتىن كىرگەن بولسا، ئۇ بىرقۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن ئۇ كىشى ھەققىدە خىلى كۆپ مەلۇماتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېرەلەيدۇ.
ئەگەر سىز خىزمەتتە ھولمېستەك تەپسىلاتقا ئېتىبار بەرسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ خاتالىششتىن خالى بولىدىغانلىقىڭىزنى بايقايسىز. مەسىلەن، سىز خوجايىنىڭىز بىلەن خېرىدارلارنىڭ كۈندىلىك مۇئامىلىسىنى كۈزەتسىڭىز، ئۇلارغا ئائىت مەسىلە ۋە ئېھتىياجلارغا ھۆكۈم چىقىرالايدىغان بولىسىز.
ئەلۋەتتە بۇ خىل ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن سەۋرچانلىق، ئىنچىكىلىكنى، زېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ، بىراق ئىشىنىمەنكى تىرىشسىڭىزلا ئۈنۈم كۆرەلەيسىز.
ئەمەلىيەتتەمەلۇم قېيىن مەسىلىلەرنىڭ يېشىمى يوق
Some mysteries are never solved
دىققەت قىلسىڭىز، ھولمېس دېلو پاش قىلغاندا نۇرغۇن يېشىملەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە يەنە كۆپلىگەن تۈگۈنلەرنى سىز پىتى تاشلاپ قويىدۇ.
تۇرمۇشمۇ شۇنداق، تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەر ھامان جاۋابىدىن كۆپ بولىدۇ. لېكىن ھولمېس بولغاندا بۇ يامان ئىش ئەمەس. ھەربىر مەسىلىنىڭ جاۋابىنى توپ-تولۇق تاپالماسلىق ئەمەلىيەتتە بىزنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئىش ئەمەس. ھەممە سىرلار تولۇق ئېچىلىپ كەتسە، ھاياتنىڭ نېمە لەززىتى بولسۇن.
ياخشى بىر ھەمراھنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم
Partners are indispensable
ھەممىمىزگە مەلۇم ۋاتسون ئۇنىڭ ھەمراھى، ياردەمچىسى ھەم ئەگەشكۈچىسى. ئۇ ھولمېسنىڭ ئاجايىپ سەزگۇرەشتىلىرى جەريانىداھەم تاماشىبىن ھەم بۇ قالتىس ۋەقەلەرنىڭ خاتىرىلىگۈچىسى بولۇپ مەيدانغا چىقىدۇ.
مەيلى سىز نېمە ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇڭ، بىر ياخشى ھەمراھ ئىنتايىن مۇھىم، ئەڭ بولمىغاندا سىزبىلەن ئەشۇ ئىشلىرىڭىز ھەققىدە پاراڭلىشىشنى خالايدىغان بىرى بولۇشى كېرەك ئەلۋەتتە. يەنە شۇنى تەكىتلەپ قويۇش كېرەككى ھولمېستەك شۇنچە زىرەك ئادەممۇ يەنىلا باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنىشىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، دېمەك قالتىس ئادەملەرنىڭ يالغۇز ياشىيالىشى قۇرۇق گەپ.
سىزنىڭ نام-ئاتىغىڭىزسىزنى ئالغا باستۇرىدۇ
Your reputation precedes you
بەزى دېلولارغا ھولمېس ئاكتىپلىق بىلەن قول تىقسىمۇ، لېكىن كۆپىنچە كىشلەر ئۆزى يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆزلىرى ئىزدەپ كېلىدۇ، بۇيەردىكى سەۋەب بەك ئاددىي، چۈنكى ھولمېسنىڭ بۇساھەدىكى نام-ئاتىغى چوڭ.
مەيلى سىز نېمە ئىش قىلىڭ، ئۇ ئىشنى قانداق قىلىۋاتقانلىقىڭىزغا ھامان دىققەت قىلىۋاتقانلار بولىدۇ، ياخشى قىلغان بولسىڭىز ياخشىچە، يامان قىلغان بولسىڭىز يامىنىچە، مەلۇم دائىرىدە ئۇچۇرلىرىڭىز تارقىلىدۇ.
مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى بۇلا ئەمەس
There is more than one way to approach a problem
ھولمېسنىڭ مەسىلە ھەل قىلىشتىكى ئادەت، ئۇسۇل-چارىلىرى بەك كۆپ. بەزىدە كوچا ئايلىنىپ ئۇچۇر توپلىسا، بەزىدە غاڭزىسىنى شورىغىنىچە خىيال سۈرىدۇ،…دېگەندەك. ئۇ شۇنچە زىرەك بولسىمۇ، ئۇنىڭ قوللانغان چارە-تەدبىرلىرى دائىملا بىرىنچى قېتىمدىلا ئۇتۇقلۇق بولمايدۇ. لېكىن ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلماي يېڭى چارىلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىشنى ئويلىشىدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈرلۈك چارىلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىشنى بىلشىمۇ بەك لەززەتلىك ئىش. ئاددىيسى مەسىلىنى ھەل قىلىش يولى بۇلا ئەمەس، يەنە باشقا ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىڭ.
P.S مەن كىشىلىك ئالاقە ۋە خىزمەتتە ھولېمىسچە يول تۇتۇپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، بەلكىم بۇ سىز ئويلاپ باقمىغان يېڭى تەمدىكى تۇرمۇش بولۇشى مۇمكىن.