گۇگۇل(Google) شېركىتىدە ئىشلەش چۈشىڭىز بولۇشى مۈمكىن ، ئەمەلىيەتتە بۇ تەسمۇ ئەمەستەك قىلىدۇ،تۆۋەندە مەن سىزنى گۇگۇل شېركىتىنىڭ خادىم قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ سۇئاللىرى بىلەن تەمىن ئىتىمەن،ئۆزىڭىزنى بىر سىناپ بېقىڭ. ئەگەر بۇ سۇئاللارغا راستىنلا جاۋاب بېرەلىگەن بولسىڭىز ،ئۇدۇل گۇگۇل شېركىتىگە يول ئېلىڭ !
1- سۇئال. ئوقۇغۇچىلار ئاپتۇبۇسىغا قانچىلىك گولف توپىنى قاچىلىغىلى بولىدۇ؟
( ? How many golf balls can fit in a school bus)
2-سۇئال.سىئاتىل شەھىرىدىكى بارلىق دىرىزە ئەينەكلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن نەچچىلىك خىراجەت كېتىدۇ؟
( How much should you charge to wash all the windows in Seattle?)
3-سۇئال.دۇنيادا نەچچە نەپەر پىئانىنو يېتەكچىسى بار؟(How many piano tuners are there in the entire world?)
4-سۇئال.بىرپارچە سان-فىرانسسكودىن چېكىنىپ چىقىش لايىھىسى تۈزۈڭ.( Design an evacuation plan for San Francisco.)
5-سۇئال.بىركۈن ئىچىدە سائەت سىتىرىلكىلىرى قانچە قېتىم ئۈستمۇ-ئۈست چۈشىدۇ؟(How many times a day does a clock’s hands overlap?)
6-سۇئال.بىركىشى ماشىنسىنى بىرمېھمانخانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغاندىن كېيىن بارلىق بىساتىدىن ئايرىلىپ قالغان.بۇزادى نېمە ئىش؟(A man pushed his car to a hotel and lost his fortune. What happened?)
7-سۇئال.ئۈچ جۈملە سۆزئارقىلىق 8ياشلىق جىيەنىڭىزگە بىر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىڭ.( Explain a database in three sentences to your eight-year-old nephew)
بۇ سۇئاللارنى كۆرگەندىن كېيىن مەن يەنىلا ئوقۇتقۇچىلىقىمنى قىلىۋىرىش نېيىتىگە كەلدىم،سىزچۇ؟