• قوللانچى: پارول:

ئامېرىكائالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرىدا قايسى تېمىلاردا ماقالە يېزىلىدۇ

بىزدەك ئوقۇش ھاياتىنى بىشىدىن كەچۈرگەنلەرياكى كەچۈرىۋاتقانلار ئۈچۈن ئىمتىھاندىكى ماقالە يېزىش سېنىقى يېڭىلىق ئەمەس.مەن قارىسام نەچچە يىللارئاۋالقى ماقالە تېمىلىرى ياكى ئۆلچەملىرى بىزدە ھېلىھەم شۇ پىتى داۋام قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ.بۈگۈن توردا ماتېرىيال كۆرىۋىتىپ ئامېرىكا ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى SAT
(ئامېرىكا ئوتتۇرامەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە كېرىش ئۇنۋېرسال سىنىقى Scholastic Assessment Testنىڭ قىسقارتىلمىسى) سىنىقىدا چىقىرىلغان ماقالە يېزىش تۈرىنىڭ تېمىلىرىنى كۆرۈپ ،بۇ جەھەتتىمۇ ئىككى تەرەپ مائارىپىنىڭ خىلىلا زور پەرقى بارلىقىنى ھېس قىلدىم.
ئۇنداقتا كۆرۈپ باقايلى ،ئانالىز قىلىپ باقايلى :

بىرىنچى تۈر: كۈلپەت ۋە غەلىبە(Hardship and Success)

1. بىز ھەقىقەتەن جەبرى-جاپا ۋە بەخىتسىزلىك ئىچىدىن تېگىشلىك نېسىۋىگە ئېرىشەلەمدۇق؟
2. بىزنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشىمىز ئورۇنلۇقمۇ؟
3. مەغلۇبىيەت راستىنلا ئۇتۇق قازىنىشقا قارىغاندا بىزگە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتەلەمدۇ؟

ئىككىنچى تۈر:ئىرادە ۋە غەلىبە(Self-Determination and Success)

1. سالاھىيەت(كىملىك)ىمىزۋە قىسمىتىمىزنى بىزگە باشقىلاربەرگەنمۇ ياكى ئۆزىمىز بارلىققا كەلتۈرگەنمۇ؟
2. بىز رىئاللىقنى ئېتىراپ قىلساق ئورۇنلۇقمۇ ياكى ئۇنىڭ بىلەن كۆرەش قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟
3. بىزنىڭ تاللىشىمىز بەخت ۋە مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشىشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئامىلمۇ؟

ئۈچىنچى تۈر: ئۆزلۈك ئىھتىياجى ۋە غەلىبە(Self Expectation and Success)

1. بەزىلەرنىڭ زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۇلارنىڭ ئۆزلۈك تەلىپىنىڭ يۈكسەكلىكىدىن بولامدۇ؟
2. پەقەت مۇكەممەلكىنى قوغلاشقاندىلا،ئاندىن ئۇتۇق قازانغىىلى بولىدۇ؟
3. نىشانغا يېتىشتە ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزغا چەك بېكىتىشىمىز كېرەكمۇ-قانداق؟

تۆتىنچى تۈر:ھەمكارلىق ۋە غەلىبە(Collaboration and Success)

1. يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىشتا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشش ۋە بىرلىكتە تىرىشش زۆرۇرمۇ؟
2. يەككىنىڭ خاس نىشانىنى قوغلىشىشى ئۇ تەۋە كوللىكتىپنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئۈچۈن ئاكتىپ ئامىل بولالامدۇ؟
3. ھەمكارلىشىش، رىقابەتلىششكە سىلۇشتۇرغاندا بىزنى تېخىمۇ كۆپ نەرسىگە ئېرىشتۇرىدۇ،شۇنداقمۇ؟

بەشىنچى تۈر:ئەخلاق ۋە غەلىبە (Ethics and Success)

1. نام چىقىرىش بىلەن نام-ئاتاقسىز ياشاشنىڭ قايسىسى ئېلىپ كېلىدىغان خۇشاللىق كۆپ؟
2. بىزنىڭ قىلمىشلىرىمىز باشقىلارنىڭ قاراشلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلامدۇ؟

ئالتىنچى تۈر:سۈپەت ۋە غەلىبە(Quality or Quantity and Success)

1. ئادەم پەقەت ئۆزى بايقىغان ئارتۇقچىلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا ئاندىن مۇۋاپىقىيەت قازىنالامدۇ؟
2. ھەرقانداق مۇھىم بايقاشلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلۇشىنىڭ مەھسۇلىمۇ؟

دىققەت قىلدۇقمۇ ئۇلار ئوقۇغۇچىلارنى قايسى تەرەپلەردىن سىناۋاتىدۇ؟مۇۋاپىقىيەت بىلەن ھاياتنى قايىسى مەۋقەدە باغلاۋاتىدۇ؟





باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif