سەمىڭىزدە بولسۇن، بۇندىن كېيىن ۋەتەن بلوگىدا ھەرشەنبە ياكى يەكشەنبە كۈنى بالىلارئۈچۈن تۈرلۈك سوۋغاتلار تەييارلىنىدۇ.تەييارلىنىدىغان سوۋغاتلار خىلمۇ-خىل بولۇپ، بالىلار بىۋاستە پايدىلىنىدىغان ياكى ئاتا-ئانىلارنىڭ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەر بولۇشى مۈمكىن.
بۈگۈن بالىلارغا يەكشەنبىلىك سوۋغات سۈپىتىدە، بېيجىڭ ئېلېكترۇن نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى ئېچىش ئېنسىكلۇپېدىيىسى»نىڭ ئېلكىتابىنى تارقاتماقچى. مەزكۇر كىتاب جەمئى ئۈچ قىسىم بولۇپ (بىردانە ئېلكىتاب قىلىنغان) مەزمۇنى ئۇنىۋېرسال ھەم مول، بالىلارنىڭ زىھنىنى ئېچىشقا كۆپ ياردىمى بولىدىغان خىلمۇ-خىل قىزىقارلىق ئويۇنلار،تېپىشماقلار،زىھىن سىناش ئىمتىھانلىرى ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇن-نۇرغۇن مەزمۇنلار بار…
مېنىڭچە بۇ كىتابتىن ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارجانلىق پايدىلانسا،بالىلارنىڭ زىھنىنى ئېچىشتا بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار:
كىتاب نامى :«جۇڭگو ياش-ئۆسمۇرلەرنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى ئېچىش ئېنسىكلۇپېدىيىسى»
تىلى: خەن تىلى
كىتاب فورماتى: pdf
ھۆججەت ئېغىرلىقى: 85.7مېگابايت
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئېلكىتابنى كۆرۇش ئۈچۈن كومپيۇتېرىڭىزداpdf ھۆججەت ئوقۇغۇچ دېتاللىرى بولۇشى كېرەك (توردىن ئىزدىسىڭىز يېشىل نۇسخىلىرى بەك كۆپ)
مەزكۇر كىتابقا قانداق ئېرىشىمىز؟
نۆۋەتتە بوشلۇققا يوللانمىدى، كېرەك بولسا ئېلخەت ئادىرىسىڭىزنى قالدۇرسىڭىز ،ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.
باش بەت






