توردۇنياسىدائۆزگىچە ئىشلارروياپقا چىقىپ تۇرىدۇ، جۈملىدىن تورداشلارنىڭ كەشىپ قىلىۋالغان ئاتالغۇۋەئادەت سۆزلىرىمۇ تورتۇرمۇشىىمىزدىكى دىققىتىمىزنى قوزغايدىغان ئىشلاردىن بىرى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ خەن بۇرادەرلەربۇجەھەتتە بەكلا قىزغىن، ئۇلارنىڭ توربېكەتلىرىدە توساتتىنلا يېڭى ئاتالمىلارپەيدا بولۇپ تۇرىدۇ.
يېقىندىن بىرى دىققەت قىلسام بىزنىڭ تورداشلارنىڭ توريازمىلىرى بولسۇن،قالدۇرۇلغان سۆزلىرى(ئىنكاس)لىرىدە بولسۇن مۇشۇنداق يېڭىلىقلارپەيدا بولىۋاتىدۇ. مەسىلەن مەن تۆۋەندە تىلغا ئېلىپ ئۆتىدىغان«p.s.»ئىلمىىنتىمۇشۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەن ئەڭ دەسلەپ تورخۇمارلاركۇلۇبى (http://torhumar.com)دىكى يازمىلاردا بۇئېلىمىتنى ئۇچراتقاندانېمەمۇددىئادا ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلەلمىگەن ئىدىم، كېيىن قارىسام بۇ خەنچەتوربېكەت، بىلوگ يازمىلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇھەقتەماتېرىيال ئىزدەپ كۆردۈم.
p.s.نىڭ تولۇق يېزىلىشى postscript بولۇپ، «ئوكيانۇس»لۇغىتىدىن ئىزدىگەندە ھازىربولغان مەنىسى: «خەت-ئالاقىلەرگەئايرىم قوشۇپ قويۇلغان سۆزلەر»ئىكەن، لېكىن مېنىڭچەبۇ چۈشەندۈرۈش بەكلانائىنىق قالغاندەك قىلىدۇ. بۇنى قىسقىلاقىلىپ«ئىلاۋە»(ئاپتۇرنىڭ ماقالە ياكى مەلۇم بىرسۆز-جۈملە، ئىبارىلەر ھەققىدىكى ئىزاھاتى،دەلىل-ئىسپاتى)دەپ ئالساق ئەڭ مۇۋاپىق بولىشى مۇمكىن.ئۇيەنە postscripttosth نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.
مەسىلەن:
She mentioned in a postscript to her letter that the parcel had arrived.
(ئۇ-خىتىنىڭ داۋامىدا قوشۇمچە قىلىپ پوسۇلكىنى ئەۋەتىپ بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.)
ئەمەلىيەتتە بۇسۆزلاتىنچىدىكى postscriptumدىن كەلگەن بولۇپ written after(قوشۇمچە مەزمۇن)دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. (يەنى that which comes after the writing)مېنىڭ بايقىشىمچەpostscript(ئىلاۋە)نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشىنى«p.s.» دىن باشقا يەنە«ps.» ياكى«Ps»قىلىپ يېزىشقىمۇ بولىدۇ.