يەكشەنبەڭلار خەيرلىك بولسۇن. بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن ئويۇن ئوينىغۇم كېلىپ قالدى. بۇ ئۇزۇندىن بىرى كومپيۇتېردا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان، ئاددىي ئەمما،ئادەمنى تەرلىتىدىغان ئويۇن. ئەلۋەتتە بۇ يەنە ئويۇن بولۇپلا قالماي، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىڭىزنى سىنايدىغان بىرتۈرلۈك ئىمتىھان.
كىشلىك تۇرمۇشتا، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت جەريانىدا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىرئالىمنىڭ :«دىققەتنى يىغىش ئىقتىدارى-ئۆگىنىشىنىڭ دەرىزىسى، ئۇ بولمىسا بىلىمنىڭ نۇرى كىرەلمەيدۇ » دېگەن سۆزى يادىمدا. قىنى بىز بۈگۈن «ئادەملەر توپىدىن ئۇنى ئىزدەش» ناملىق بۇ ئويۇننى ئويناپ باقايلى. بىزنىڭ دىققەتنى يىغىش ئىقتىدارىمىز قايسى دەرىجىدىكىن؟
ئويۇننى ئويناش قائىدىسى بەك ئاددى، سىزپەقەت ھەربىر ئۆتكەلنىڭ قەرەلى توشقىچە، ئاستىنقى كۈزىتىش نۇقتىسىدا كۆرسىتىلگەن ئادەمنى تېپىپ چىقسىڭىزلا بولىدۇ. ۋاقىت توشقىچە تاپالمىسىڭىز ئويۇن تۇنجى ئۆتكەلگە قايتىپ كېتىدۇ.
ئويۇننىڭ نەتىجىسى ھەققىدە:
ئويۇن جەريانىدا سىز تاماملىغان ئۆتكەل سانى ئارقىلىق، سىزنىڭ دىققەتنى يىغىش ئىقتدارىڭىز باھالاپ چىقىلىدۇ. سىز ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بەلكىم 20-دەرىجىگە چىقالىشىڭىز مۇمكىن. ئۆتكەل ۋە مۇناسىۋەتلىك دەرىجىلەر تۆۋەندىكىچە:
1-ئۆتكەلدىن 4-ئۆتكەلگىچە تاماملىسىڭىز : ھاڭۋاقتى
5-ئۆتكەلدىن 9-ئۆتكەلگىچە تاماملىسىڭىز: ئادەتتىكىچە
10-ئۆتكەلدىن 14-ئۆتكەلگىچە تاماملىسڭىز: ئۆتكۆركۆز
15-ئۆتكەلدىن 19-ئۆتكەلگىچە تاماملىسىڭىز: بۈركۈت كۆز
20-ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتسىڭىز: ئىشىنىمەنكى سىزدە جەزمەن جاھاننامە ئەينىكى بار!
ps.ئەگەر 20-ئۆتكەلدىن ئۆتەلىسىڭىز. سىزنى جىڭياڭ داۋىنىدا كالاگۆشى ،ئېسىل مەي بىلەن مىھمان قىلغاندىن سىرت ئاغا-ئىنى بولىشىمەن .