• قوللانچى: پارول:

ئېنگېلىزتىلى ئۆگىنىشنى ئېنگىلىزتىلىدىكى سىز بىلمەيدىغان مەخپىيەتلىكلەردىن باشلىدىم

ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنشىنى 99-قېتىم يەنە باشلىدىم،بۇقېتىم يەنە توختاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆگىنشىنى ئېنگىلىزتىلىغائائىت قىزىقارلىق ئىشلاردىن باشلىماقچى بولۇپ تورئاقتۇرۇپ يۇرسەم ،ئېنگىلىزتىلى ھەققىدە بىرپارچە يېڭىدىن بايقالغان مەخپىيەتلىك ئۇچىراپ قالدى.

ئېنگلىزتىلى دۇنيادا ئەڭ ئومۇملاشقان تىل،بىراق ئېنگىلىزتىلى ئۆزئاناتىلى بولغان ئەنگىلىيىلىكلەربىلەن ئامېرىكىلىقلارغىمۇناتۇنۇش بولغان ،ئېنگىلىزتىلىدىكى بەزى ئىنتايىن قىزىقارلىق ئىشلاريېقىندا روسىيىنىڭ«ھەقىقەت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان.

1.  ئېنگىلىزتىلىداتاق سۆزلەرنەچچە مىليۇن، بىراق پەقەت بىر«bookkeeper»(بوغالتىر)دېگەن سۆزئىچىدىلا ئۈچ جۈپ ھەرىپ قاتارلىشىپ كەلگەن.

2.  ئېنگىلىزتىلىدىائالتە دانە سوزۇق تاۋۇش بار(a,e,I,o,u,y) بىراق «defenselessness»(ھازىرلىقسىز)بىلەن«respectlessness»(ھۆرمەتسىزلىك)تە eدىن ئىبارەت سوزۇق تاۋۇش تەكرارقايتىلانغان بولۇپ،بۇھەرئىككى سۆزئوخشاشلا15ھەرىپتىن تۈزۈلگەن.

  1. « almost »(تاس قالماق) بولسا بىردىن-بىرتەركىپىدىكى ھەرىپلەرئېلېپبە تەرتىپى بويىچە كەلگەن سۆزھېسابلىنىدۇ.

4.  « honorificabilitudinitatibus »بولسا ئەڭ ئۇزۇن،سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئۈزۈك تاۋۇش ھەرىپلىرى بىردە-بىر تەكرارلانغان سۆزدۇر.بۇسۆزمەشھۇرئەدىب شېكىسپىرنىڭ مەلۇم ئەسىرىدە ئۇچرايدىغان بولۇپ،مەنىسى«سانسىزشەرەپلەر»ئىكەن.

5.  «ئوكىسفورد ئېنگىلىزتىلى چوڭ لۇغىتى»دە« antidisestablishmentarianism »دېگەن سۆزئەڭ ئۇزۇن تاق سۆزدەپ قارالغان،بىراق روسىيە گېزىتىدىكى بۇ ماقالىدە،مەلۇم بىرخىل كېسەللىكنىڭ نامىنى بىلدۈرۈدىغان سۆز« pneumonoultramicroscopicsilicovolcanokoniosis »نى ئەڭ ئۇزۇن يەككەسۆزدەپ بېكىتتى.بۇسۆززادى نەچچە ھەرىپتىن تەشكىل تاپقان،مەن بۇ ماقالىنى يېزىۋاتقان بولغاچقا ساناپ بولالمدىم،ئەمما بۇنى قانچىلىك ئەپسىزدۇر دەپ ئويلاپ قالدىم.

6.  بۇماقالىدە يەنە « The sixth sick sheik’s sixth sheep’s sick »(ئالتىنچى كېسەل قەبىلە باشلىقىنىڭ ئالتىنچى قويى كېسەل)نى تېز ئېيتماق ئەڭ تەس بولغان ئېنگىلىزچەتەلەپپۇزئويۇنى دەپ قارىدى.

  1. ئېنگىلىزتىلىدا پەقەت بىرلا تاق سۆز« queueing »(رەت)دىلا بەش دانە سوزۇق تاۋۇش ئارقىمۇ-ئارقاكەلگەن.

8.  « therein »(نەدە؟) پەقەت يەتتەھەرىپتىن تەشكىل تاپقان،بىراق ھەرىپلەرنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ياكى ئايرىپ ئېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن 9خىل تاق سۆزياساشقابولىدۇ.ئۇلار: the, he, her, there ,here ,I ,rein, in, herein

9.  « stewardesses »(ئايال مۇلازىم)بولسا كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ سول قول رايۇنىدا بېسىلىدىغان ئەڭ ئۇزۇن تاق سۆز.(ئەگەرخەت بېىسىش ئۇسۇلىڭىزئۆلچەملىك بولسا،بۇ سۆزنى پەقەت سول قولدىلا باسىسىىزدېگەن گەپ)

10. ئېنگىلىزتىلىدابىر دىن 999غىچە ساناق ئىچىدە بىردانىمۇ« a»ھەرىپىنى تاپقىلى بولمايدۇ،ئەمما 1000(خەتچە يېزىلىشى: one thousand)دە بىردانە« a »ھەرىپى بار.

 

تەرجىمە قىلغۇچى: ۋەتەن





2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • مەن بەش يىل ئېنگىلىز تىلى ئۆگىنىپ بۇنچە كۆپ مەخپىيەتلىكلەرنى بايقىماپتىمەن دېسە !؟

    • weten

      مەندەك يېڭى ھەم چالا ئۆگەنچىلەر يامان بولىدۇ ھاھاھ..

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif