تورداشلارئەزەلدىن تورداشلارنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالمايدۇ.تالاي قېتىم توردا تۈرلۈك مەخپى شىفىرسىلىش ئادەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان بولسىمۇ،ئەمما كۆپىنچە تورداشلاربۇنىڭغا پىسەنتمۇ قىلىپ باققان ئەمەس،شۇڭىمۇ ھەسرەتلىك ئىشلاريەنىلا داۋام قىلماقتا…
ئالدىنقى كۈنى مەخپى شىفىرباشقۇرۇش-قوللىنىش تېخنىكىسىنى تەمىنلەش ئورگىنىSplashDataئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن 2011-يىللىق ئەڭ ناچار25خىل مەخپى شىفىرنى ئېلان قىلدى.بۇرەتكە تىزىلىش شەرىپىگە مۇيەسسەربولغان مەخپى شىفىرلارخاككىرلار تەرىپىدىن «ئوغۇرلانغان»مىليۇنلىغان مەخپى شىفىرلارئىچىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ ئىنىقلانغان بولۇپ،بەخىتكە قارشى ئەڭ كۆپ تالاپەتكە ئۇچرىغان مەخپى شىفىرلاردەل ھورۇنلارچە سىلىنغان مەخپى شىفىرلاربولۇپ،ئادەتتىكى پىراكتىكانت خاككىرچاقلارمۇ ئۇنى ئاسانلاتېپىۋالغان.مەسىلەن؛password、123456、qwertyدېگەندەك.(بۇنىڭ ئىچىدىكى qwertyنى مىسالغائالساق،بۇ كۇنۇپكاتاختىسىدىكى بىرقۇرھەرىپلەرنىڭ تېزىلمىسى).ئۇندىن باشقا بەزى مەخپى شىفىرلارقارىماققابەكلائۆزگىچە ،لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ بەكلائاددىي، خۇددىي trustno1ۋەshadowلارغائوخشاش.ئۇندىن باشقا يەنەmonkey(مايمۇن)دېگەندەك ھايۋانات-ئۇچارقۇشلارنىڭ نامىدىن ياسالغان مەخپى شىفىرلارمۇ ئەڭ ناچار مەخپى شىفىرلارقاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
تۆۋەندە 2011-يىلىدىكى ئەڭ ناچارمەخپى شىفىرلارنى كۆرۇپ باقايلى،ئارىسىدا سىزنىڭمۇ بارغۇ دەيمەن:
1. password (مەخپى شىفىر)
2. 123456
3. 12345678
4. qwerty (بۇھەرىپلەركۇنۇپكا تاختىسىداقاتارتىزىلغان)
5. abc123
6. monkey (مايمۇن)
7. 1234567
8. letmein (مىنى كىرگۈزىۋەت)
9. trustno1 (ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ)
10. dragon (ئەجدەرھا)
11. baseball (كالتەك توپ)
12. 111111
13. iloveyou (مەن سىنى سۆيىمەن)
14. master (خوجايىن)
15. sunshine (قۇياش نۇرى)
16. ashley (ئادەم ئىسمى)ئاشلىي
17. bailey (ئادەم ئىسمى)بىلى
18. passw0rd (بۇنداق مەخپى شىفىرسالغۇچىلارئۆزىنى زىرەك چاغلايدۇ،لېكىن بۇتېزىملىككە چۈشۈپ قالدى)
19. shadow (سايە)
20. 123123
21. 654321
22. superman (خاسىيەتلىك ئادەم)
23. qazwsx (كۇنۇپكاتاختىسىدىكى ھەرىپلەر تېزىلمىسى)
24. Michael (ئادەم ئىسمى)مايكۇل
25. football (پۇتبول)
ئاخىرىدا دوستلارغا ئەسكەرتىدىغىنىمىزشۇكى،مەخپى شىفىرسالغاندائەڭ ياخشىسى ھەرىپ،سان ۋەبەلگىلەردىن تەشكىل تاپقان مۇرەككەپرەك تېزىلما بولغىنى تۈزۈك،ئەگەربۇنى قولايسىزھېس قىلسىڭىزئارىسىغا سىزىقچە قويۇپ weten-me-blog-2شەكلىدە كىرگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ.تورداشلارنىڭ ئەڭ يامان بىرئادىتى شۇكى بەزىدە مۇنبەر،بلوگ،كىيۇ-كىيۇ قاتارلىقلاربىلەن ئېلخەت ھەتتاتوربانكاھېساباتىنىڭ مەخپى شىفىرىنى ئوخشاش قىلىۋالىدۇ،بۇسىزگەقولايلىق ئىلىپلا كەلمەي،تورئوغرىلىرىغا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ-ئەلۋەتتە.