• قوللانچى: پارول:

خۇددى بىرقاراچۈشتىكى قاباھەتتەك-«127سائەت»

بۇ بەلكىم مېنىڭ مۇشۇ كەم بولغۇچە ، كىنو كۆرگەندىن كېيىن شۇكېنو ھەققىدە يازغان تۇنجى «بىرنېمە»م بولسا كېرەك .يېقىندىن بۇيان خىزمەت بېسىمى ۋە تۇرمۇشتىكى رىتېىمسىزلىقلار تۈپەيلىدىن ئەسلى كۇنۇپكا تاختىسى تەۋرىتىشكە تەييارلاپ قويغان بىرقانچە مەسىلىلەر ئۈستىدە شۇنداق بىر يېزىۋىتىمەن دەپ كومپيۇتېر ئالدىغا كىلىمەندە -مېڭەمنىڭ سىستېمىسىدىن چاتاق چىقىپ ،تەپەككۇرۈم قېتىۋالىدۇ . ئۆزۈمچە بۇنى ئۆزۈمنىڭ «ئۆسۈملۈك ئادەم دەۋرى»ىم دەپ ئاتىۋالدىم. بۇ كۈنلەردە مېنىڭ ئارام ئېلىش ئۇسۇلۇمنىڭ مۇھىم بىر تۈرى كېنو كۆرۇش بولۇپ قالدى. بىرمۇنچەكونا-يېڭى كىنولارنى كۆرىۋەتتىم.شۇ باھانىدە، مەن تۈنۈگۈن كۆرۈپ چىققان «127سائەت»فېلىمى ھەققىدە قىسقىچەتوختىلىپ ئۆتەي، بۇ يېقىندىن بۇيان كۆرگەن كېنولار ئىچىدە ماڭا«تېتىغان»بىردىن-بىر كىنو بولۇپ قالدى.

ھەقىقىي ۋەقەلىك

بۇ فىلىم داڭلىق دالاتەۋەككۇلچىسى ئارۇن رالستۇن (Aron Ralston)نىڭ بىشىدىن ئۆتكەن ھەقىقىي بىر ۋەقەگەئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. Aron Ralston2003 -يىلى 5-ئايدا،جىلغائىكىسپىدىتسىيىسى ئېلىپ بېرىۋېتىپ، كۈتۈلمىگەندە كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ،ئىنتايىن تارۋە چوڭقۇر بولغان جىلغائاستىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەڭ يامان بولغىنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە دومىلاپ چۈشكەن چوڭ بىرپارچە تاش جىلغائاستىدىكى تارچۇق قىساڭغا ئۇنىڭ بىربىلىكىنى قىسىپ قويىدۇ.ئۇشۇنچىلىك ئەپسىزبىر شارائىتتا، ئۆزىنىڭ تەن قۇۋۋىتىگە تايىنىپ ھاياتىنى ساقلاشقا، بۇرنىغا پۇراپ تۇرغان ئۆلۈم بىلەن روھى جەھەتتە ئىلىششقا مەجبۈربولىدۇ.
ئۇ مۇشۇ ھالەتتە بەش كۈن ھايات كەچۈرگەندىن كېيىن، توساتتىن بىر«ئەقىل»تاپىدۇ.ئۇ يېنىدىكى كېچىككىنە قەلەمتىراچ بىلەن تاش بىلەن جىلغا تېمىغا قىسىلىپ قالغان بىلىكىنى كېسىۋېتىش قارارىغا كېلىدۇۋە تاش بىلەن بىلەك ئۇستىخىنىنى ئۇرۇپ چىقىش، قەلەمتىراچ بىلەن كېسىش ئارقىلىق زور ئازابقا بەرداشلىق بىرىپ،ئۆزقولىنى ئۆزى كېسىپ،مىڭبىر-مۇشەققەتتە مۇدھىش جىلغا ئاستىدىن قۇتۇلۇپ چىقىدۇ.
2004-يىلى Aron Ralston ئۆزىنىڭ بۇكەچۈرمىشىنى بايان قىلغان كىتابى «قىياتاش ۋە خەتەرئارىسىدا»نى نەشر قىلدۇرىدۇ.

ئوسكارغا يۈرۈش قىلىش

مەزكۇر كىنۇنىڭ ۋەقەلىكى -چىن ۋەقەلىكتىن ئېلىنغان. لېكىن بۇ ھامىنى سەنئەت مەھسۇلاتى بولغاندىن كىيىن، بىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغىنى ۋەقەلىكتىن باشقا، كنۇدىكى ئىپادىلەش ئۇسلۇبى، كۆرۈنۈش ئۈنۈمى قاتارلىق ئىلمىنىتلاردۇر. مەزكۇر كىنونڭ رېژىسسورى 2008-يىلى كۆپ تۈردە ئوسكارمۇكاپاتىغا ئېرىشكەن نادىر فىلىم« نامراتلارمەھەللىسىدىن چىققان مىليونېر»فىلىمىنىڭ رېژىسسورى دەني .بوربولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنقى ئەسىرى« نامراتلارمەھەللىسىدىن چىققان مىليونېر»زورمۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشكەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۇنياكىنو سەھنىسىدە پەيدا بولىشى.مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا دەنىي.بورمەزكۇر فىلىمى بىلەن يەنە بىرنۆۋەت چاقناش ئىشەنچىدە بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىقىرنىڭ تەۋسىيىسى

بۇ كىنودا ئاساسەن بىرلا ئادەم رول ئالغان دېسەكمۇ بولىدۇ،چۈنكى كىنونىڭ ئاساسى گەۋدىسىدەAron Ralstonنىڭ جىلغائاستىدىكى جىسمانى ئېلىشىشى بىلەن روھى كەچۈرمىشى تەسۋېرلىنىدۇ.ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇش جەريانىدىكى ئىچكى-تاشقى كەچۈرمىشلىرى بىزنى ئىنساننىڭ قۇدرىتى -ئاجىزلىقى، ھاياتنىڭ قىممەتلىكى -ئەرزانلىقى ھەققىدە ئويلاندۇرىدۇ.
ئەلۋەتتە، مەزكۇركىنۇنىڭ ھەقىقىي تەمىنى تېتىش ئۈچۈن مەن سىزنى Aron Ralstonبىلەن بىرگە،ياكى ئۇنىڭ ئورنىغائۆزىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ «127سائەت»لىك يالغۇزلۇق، شۇنداقلا جىسمانى ۋە روھىي ئازابتىنى ئۆزھۇجۇدىڭىزدا ھېس قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

راستىنلا كۆرۈپ باقامسىز؟

نۆۋەتتە بۇ كىنونىڭ بىرقىىسم خەنچە خەتلىك، ئېنگىلىززۇۋانلىق نۇسخىلىرى كىنوبېكەتلىرىدە تەمىنلەندى.چۈشۈرۈپ كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇيەرگە مەرھەمەت:

http://www.eee4.net/html/juqing/2011/0108/19988.html




5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • بۇ كىنونى شاھ ئۇيغۇرغا تەمىنلىسىڭىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋەتسە بولغۇدەكقۇ ….

    • سۈزۈك نۇسخىسىنى ئىزدەپ باقسام تېخى چىقمىغان ئوخشايدۇ، ئەگەر چىقسا چۈشۈرۈپ تەرجىمە قىلىپ باقساق بولىدۇ

  • سىلىگە ئوخشاش ئولتۇرۇپ كىنو كۆرگىدەك بىر ۋاقىت چىقارسام بولاتتى …
    يۈكسەلنى ئالدىغا سېلىۋالدى ئىش …

  • ئەۋللادىم جاۋاب

    مەنمۇ كۆرۈپ باقاي

  • ئىشلەتكەن پىچىقى ساختا چىقىپ قالغان چاغدا Made in China نىڭ نەرسىسىنى ئالماڭلار دەپ نەسھىيەت قىلغان يېرىنى ئاڭلىيالىدىڭىلىمۇ؟ ئاستىدىكى تەرجىمىسىدە ئۇنداق يازماپتۇ. :mrgreen:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif