1. بىلىق ئىدىشى قائىدىسى
ئەگەربىلىق ئىدىشىدا ئىسسىق بەلباغ ئالتۇن بىلىقى بىقىلسا ،ئۇنىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى ئۈچ سۇڭدىن ئاشمايدۇ،ئۇنىڭغا قانچىلىك ئەجىرقىلىشڭىزدىن قەتئىي نەزەر،ئۇسىزنى يەنىلا ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.ئەمماشۇخىلدىكى ئالتۇن بىلىقنى بىلىق كۆلچىكىگە قويۇپ بەرسىڭىز،ئىككى ئۆتە-ئۆتمەي ئۇنىىڭ تەن ئۇزۇنلۇقى ئەسلىدىكى ئۈچ سۇڭدىن ئۆسۈپ بىرچىغايىتىدۇ.
پەرزەنتڭىزگە قارىتىلغان تەلىم-تەربىيىمۇشۇنىڭغائوخشاش، بالىلارئۆسۇپ يىتىلىش جەريانىدامەلۇم دەرىجىدە«ئەركىنلىك»بوشلۇقىغائىرىشىشى كېرەك.
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئاسىرىشى دەل بىلىق ئىدىشىغا ئوخشايدۇ،بالىلارئاتا-ئانىسىنىڭ«بىلىق ئىدىشى»دابىرئۆمۇر تۇرسىمۇ يىتىلگەن بىلىق بولالمايدۇ. ئەگەرپەرزەنتىمىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىنى كۆزلىسەك،چوقۇم ئۇلارغا مۇۋاپىق بىر ئەركىن بوشلۇق يارىتىپ بىرىشىمىززۆرۇركى ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئاتا-ئانىسى ھەدىيەقىلغان كېچىككىنە «ئىدىش»تاقانائەتچانلىق بىلەن ياشاشقاكۆندۇرۈپ قويماسلىقىمىزكېرەك.
پەرزەنتلەرنىڭ جەمئيەتكەئارىلىشىشنىڭ ئىشىپ بىرىشى، بىلىمىنىڭ كۈنسىرى ئارتىشىغا ئەگىشىپ ئاتا-ئانىلارئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتى ھەققىدىكى مەجبۇرەن ئوي-خىيالى ۋە ھاياجانلىرىغاھاي بىرىپ، ئۇلارغاتېخىمۇ كەڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش بۇشلۇقى ھازىرلاپ بىرىشى ئاقىلانىلىق.
2.بۆرە قائىدىسى
بۆرە-تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ قىزىققاق ھايۋان، ئۇلارھەرقانداق شەيئى ۋە ھادىسىنىڭ مۇقەررەرلىكىگەئىتىبارقىلىپ كەتمەيدۇ. بەلكى ئۆزخاسلىقى بويىچە تەكشۈرۈپ ھېس قىلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسدىكى تۈرلۈك-تۈمەن «غەلىتە»لىكلەرھەرقاچان بۆرىلەرنىڭ بۇھەقتە«ئىزدىنىش»ىگەئىلھام بولىدۇ.
بۆرىلەرھەردائىم ئەتىراپىدىكى مۇھىتقاقىزىقىش ۋە قىزغىن ھېسىيات بىلەن باقىدۇ، شۇڭا ئۇلارھەرقاچان ئوزۇقلۇق تاپالايدۇ، ئۆزىگەكىلدىغان خەۋپنى چۈشىنەلەيدۇ،ئەلۋەتتە ئۇلاربۇ ئىقتىدارىنىڭ مۇكاپاتى ھېسابىداياشاش ئىقتىدارى كۈچلۈك ھايۋانغائايلانغان.
بالىلارنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن جەزمەن ئۇلارنىڭ دۇنياغابولغان ئاكتىپ ھەۋىسىنى قوزغاش كېرەك.ئۇلارغاتۇرمۇشنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىدىغان كۆزنى ھەدىيە قىلىش مۇھىم. بۇنداق يىتەكلەنگەن بالىلاركىلەچەكتە كىشىلىك ھايات يولىدائىنىق نىشانىغا ئىرىشىدۇ، خىزمەت ۋە كەسپتەھەركۈنى يېڭى ئىجادىيلىق ۋەيېڭى روھقا ئىگە بولالايدۇ.
3.جەنۇب شامىلى ئېففېكتى(تەسىرى)
شىمال شامىلى بىلەن جەنۇب شامىلى كىمنىڭ كۈچلۇكلىكى ھەققىدە بەسلىشىپتۇۋەئاخىرىدا«كىم كىشىلەرنىڭ پەلتۇسىنى سالدۇرىۋىتەلەيدۇ؟» دېگەن ھەقتە ئۆز-ئارا تۇتۇشماقچى بولۇپ قارار قىپتۇ.نەتىجىدە شىمال شامىلى قانچىلىك قەھرى غەزەپ بىلەن ھەيدە قىلغانسىرى كىشلەر تېخمۇقىلىن كېيىنىۋاپتۇ، ئەكسىچەجەنۇب شامىلى ئازغىنەتەۋرىنىپ قويۇپتىكەن كىشىلەرئىسىپ كىتىشكىنىدىن پەلتۇلىرىنى سىلىپ تاشلىشىپتۇ..
جەنۇب شامىلى كىشىلەرگە مېھىرھەم كەڭ قورساقلىقنىڭ، تەنبىھ ۋە ھەيۋىدىن كۈچلۇك ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ. پەرزەنت تەربىيىسىمۇشۇنىڭغا ئۇيغۇن، ئەشۇ دائىم تەنبىھ ئىشتىدىغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاخىرى شۇنى ئىتىراپ قىلىدۇكى، ئۇ بالىلارتەنبىھ ئاڭلىغانسىرى شۇنچە گەپ ئاڭلىماس بولۇپ كىتىدۇ. ھەرقانداق بالا خاتالىق سادىرقىلىدۇ، ئاتا-ئانىلاربالىلارنىڭ خاتالىقلىرىغاسەۋر قىلىشى، ئوبىكتىپ ، ئاقىلانە، ئىلمىي تۈردە كۈندىلىك تۇرمۇشتابالىلاربىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى،بالىلارنىڭ ھالىغا يېتىش بىلەن بىرگە ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزىتىش خىزمىتى ئىشلىشى كېرەك.مۇشۇنداق قىلغاندىلاپەرزەنتلەرنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيىگىلى بولىدۇ.
4.روسىندال (Rosenthal)ئېففېكتى(تەسىرى)
يۇنان ئەپسانىلىرىدەئىيتىلىشىچە سېپرۇس شاھى Pygmalionبولسا ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن ھەيكەلتاراش ئىكەن. ئۇبىر كۈنى بىر قىزنىڭ ھەيكىلىنى تاماملاپتۇ، بۇ ھەيكەل شۇنچىلىك مۇكەممەل ۋە نەپىس چىققان بولۇپ ھەتتا Pygmalionئۆزى بۇ ھەيكەلدىكى قىزئوبرازىغائاشىق بولۇپ قاپتۇ. پادىشاھنىڭ مۇھەببىتىدىن تەسىرلەنگەن مۇھەببەت ئىلاھى ھىلىقى قىزھەيكىلىگە جان ئاتا قىلىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەيكەلتاراش پادىشاھمۇ ئۆزىنىڭ مۇرادىنى ھاسىل قىلىشتىن سىرت سېپرۇس خەلقىنىڭ يەنىمۇ قايىللىقىغا نائىل بولۇپتۇ.
روسىندال ئامېرىكىلىق پىسخۇلۇگ، 1966-يىلى ئۇئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىگە بولغان ئۈمىدى ھەققىدە بىر تەجرىبە ئىشلىگەن. ئۇبىرسىنىپتاسىناق ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، بىرپارچە«ئەڭ ئالغاباسقۇچىلار»تېزىملىكىنى تەييارلاپ،بۇ تېزىملىكنى مەكتەپ مۇدىرىغاتاپشۇرۇپ بىرىدۇ.مەكتەپ مۇدىرى بۇ تېزىملىكنى شۇ سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلىغا تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. سەككىزئايدىن كېيىن ،روسىندال ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى بۇ سىنىپقاقايتاكەلگەن ۋاقتىدا«ئەڭ ئالغاباسقۇچىلار»تېزىملىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۆرۇلگەن ئىدى.ئەمەلىيەتتە بۇ ساۋاقداشلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۇرۇلىشىدىكى سىر ناھايىتى ئاددىي بولۇپ-چۈنكى ئوقۇتقۇچى ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلگەن ئىدى.
ھەرقانداق بالائادەتتىن تاشقىرى تالانتلىق بولالىشى مۈمكىن، بىراق بۇنداق ئېھتىماللىقنىڭ ئىشقا ئىشىشى ئاتا-ئانا، ئوقۇتقۇچى قاتارلىق تەسىركۆرسەتكۈچىلەرنىڭ بۇ بالىلارغا نىسبەتەن ئورتاق ھالدا كۆيۇنىشى، ئۈمىدىنى باغلىشى ۋەئىزچىل غەمخۇرلۇق قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش يۆنىلىشى ئاساسەن ئاتا-ئاناۋەئوقۇتقۇچى قاتارلىق تەسىركۆرسەتكۇچىلەرنىڭ يىتەكلگىنى بويىچە بولىدۇ،ئاددىي قىلىپ ئىيتقانداسىزپەرزەنتىڭىزنى قانداق ئادەم قىلماقچى بولسىڭىز،ئۇنىڭ شۇنداق ئادەم بولۇش ئىھتىماللىقى ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بولىدۇ.
—–
ۋەتەن تەرجىمىسى
خەن تىلىدىكى«پاراسەت»مائارىپ تورىدىن تەرجىمە قىلىندى