بىزدائىم سەبىي بالىلارنى ئاپئاق قەغەزگە ئوخشىتىمىز، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئالدى بىلەن بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولمىش ئاتا-ئانىلاربۇ ئاپئاق قەغەزگە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەيئىلەرنى سىزىشىمىزكېرەك ئەلۋەتتە.
لېكىن بىرقىسىم ئاتا-ئانىلاربۇ ئاپئاق قەغەزلەرگەنېمىلەرنى سىزىۋاتىدۇ، بالىلارئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ بولمىش ئائىلىدە ئۇلارغا قانداق ساۋاق بىرىۋاتىدۇ؟
1.قوپال گەپ-سۆز
ئاتا-ئانىلارنىڭ تىل ئادىتى بالىغاچوڭقۇر تەسىركۆرسىتىدۇ. بىرقىسىم ئاتا-ئانىلاربالىنىڭ ئالدىدادائىم گەپ-سۆزدىكى مەدىنىيلىككە ئىتبار بەرمەيدۇ، بالىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆز-ئاراقوپال سەت گەپلەرنى قىلشنىڭ يامان تەسىرىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، بالىسىنى شۇنداق سەت،قوپال ئىبارىلەربىلەن سەتلەيدۇ.بۇنداق، تىلدىكى قوپاللىق خۇددى ۋېرۇستەك بالىلارنىڭ سەبىي دىلىنى بۇلغايدۇ.
2.قوپال مىجەز-خۇلق
بىرقىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ مىجەز-خۇلقى ئىنتايىن قوپال، تەبىئىتى غەلىتە. ئىغىزى ئىچىلسىلا ھاقارەتكە، قولى كۆتۇرۇلسىلادىۋەيلەشكە چاپىدۇ. ئائىلە تۇرمۇشىدابالىلاربۇنداق يامان مۇھىتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق ھاۋارايى ئۇلارنى يۈرەك ئالدى قىلىۋىتىدۇ.
پىسخولۇگلارنىڭ يەكۈنلىرىدىن كۆرە:بالىلاردىكى تىل مەينەتلىكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاساسەن ئۆزئاتا-ئانىسى ھېسابلىنىدۇ.
3.ئەر-ئايالنىڭ ئىناقسىزلىقى
ئەگەردائىم ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا ئىناقسىزلىق كەيپىياتى داۋام ئەتسە، بۇ ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقى ئىغىردەرىجىدە نابۇت بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق قاباھەتلىك ئائىلىدە، بالىلارئاسانلا ئەسلىدىكى تەبىئىي، بولۇشقا تېگىشلىك شوخلىقلىرىدىن مەھرۇم بولىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىش،ئارام ئېلىش، ئۆگىنش، ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلىرىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە پاسسىپ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر بۇخىل ھادىسەچەكتىپ ئاشسا ئۇلار ھەتتامۇئەييەن دەرىجىدە جىسمانى ۋەروھى بىمار بولۇپ قىلىشى ئىنىق.
4.ناچارتۇرمۇش ئادەتلىرى
ئادەتتە بىرقىسىم ئاتا-ئانىلارنەزەرىدە خىلمۇ-خىل ناچارئادەتلىرى ئادەتتىكى كېچىك ئىش تەرىقىسىدە بىلىنىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ شۇ ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ نۇرمال ئۆسۇپ يېتىلىشىگە كۆرسىتىدىغان پاسسپ تەسىرىنى مۆلچەرلەش قىيىن. ئاتا-ئانىلاردىكى ھورۇنلۇق، بوشاڭلىق، تازىلىققائىتىباربەرمەسلىك قاتارلىق ئىتىبارسىزئىللەتلەرنى بالىلاركۆرىدۇ، بۇئۇلارغا كۈندە يولۇقىدىغان كەيپىيات بولغاچقا ئۇلارئاستا-ئاستا ھالدا بۇخىل ئادەتلەرنى ئۆزىگە سىڭدۈرىدۇ.
ئادەتتە بىز ئوقۇتقۇچىلاركۆرۇپلا مۇئەييەنلەشتۈرەلەيدىغان بىرئىش بار، يەنى سىنىپتىكى شەخسى تازىلىق ئادىتى ۋەئاممىۋى تازىلىق قارىشى ناچار ئوقۇغۇچىنى بايقىغاندا مەسىلىنى شۇ بالا ئۆسۇپ يىتىلگەن ئائىلەمۇھىتىدىن كۆرىمىز،دەرۋەقە مۇتلەق كۆپۇنچە ئەھۋال شۇنداق چىقىدۇ.يىغىپ ئىيتقاندا بالىلارنىڭ ناچارئادەتلىرى يەنىلائائىلىسىنى (ئاتا-ئانىسىنى)مەنبە قىلىپ تەرەققىي قىلىدۇ.
5.ناچارتۇرمۇش ھەۋەسلىرى
تەتقىقاتلارشۇنى ئىسپاتلىدىكى نۆۋەتتە بالىلاردۇنياسىدا يامراۋاتقان چىكىمللىككە، ئىچىملىككە، قىمارغا ..بىرىلىشتەك يامان خۇمارلارنىڭ بىرىنچى مەنبەسى يەنىلا ئائلە بولۇپ، تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا بۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ تەسىرىدە بۇخىل ناچارخۇمارلارغائاساس سالغان.
يۇقارقىلاردىن تاشقىرى، يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ لاپ ئىتىشقا ئامراق بولۇشى، يالغانچىلىقى، شەخسىيەتچىلىكى، ھەسەتخورلىقى…قاتارلىق ئىللەتلىرى ۋىرۇس سۈپىتىدە سەبيلەرنىڭ پاك ئىچكى دۇنياسىنى زەھەرلەپ نابۇت قىلىدۇ.