بۈگۈن نېمىشقىدۇر كلاسسىك مۇزىكىلارنى ئاڭلىغۇم كېلىپ قالدى، توردىن ئىزدەپ يۈرسەم كۈتۈلمىگەن يەردىن مەن بۇرۇن ئىز-دېرىكىنى قىلغان تۈركىيىلىك سەنئەتكارCan Atilla نىڭ بىرئالبومى بىراقلا ئۇچراپ قالدى. ئۆتكەندە تۈركىيە كىنوسى «فەتېھ 1453» ھەققىدە ئۇچۇر ئىزدەۋاتسام «فەتىھ 1453 » ناملىق بىر مۇزىكا تېپىلىپ قالدى، ئاڭلاپ كۆرسەم ئۆزگىچە بىر سېھرىي كۈچ بارئىكەن، ئۆزەممۇ ئەزەلدىن شۇنداق ئېغىرراق مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ قوياتتىم، شۇڭائېسىمگە كېلىپ قالىسلا ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىدىم، بۈگۈن مۇزىكا ئاڭلاش خۇمارىم تۇتقان پەيىتتە تېپىۋالدىم-دىسە.
ئەمىسە، Can Atilla ھەققىدە بىرئاز توختىلىپ ئۆتەي، ئاندىن بىرلىكتە مۇزىكىلاردىن ھۇزۇر ئالايلى.
Can Atilla بولسا1969-يىلى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1980-يىلى Hacettepe ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا كەسپىدە ئىسكىرىپكا ئۆگەنگەن. ئۇ 1990-يىللىرىدىن باشلاپ، كومپوزىتور، كۈي ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى قاتارلىق سالاھىيەتلەر بىلەن مۇزىكا ساھەسىدە تونۇلۇپ، نۇرغۇن مۇسابىقە ۋە مۇزىكا بايراملىرىغا قاتناشقان. ئۇ كېيىنچە ئېلېكترونلۇق مۇزىكا ئىجادىيىتى ساھەسىدە باش كۆتۈرۈپ تونۇلۇشقا باشلىغان،…