كۆپىنچە كىشلەر ھازىر يانفۇندا ئۇنى-بۇنى رەسىمگە تارتىپ قويۇشنى ئادەت قىلغان. مەنمۇ يانفۇنۇمدا تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى، قايناق بازارلارنى، ئوماق بالىلارنى،ئۆزۆم ئۇچراتقان ئالاھىدە ئىشلارنى رەسىمگە تارتىپ قويۇشقا ئامراق.
ئەلۋەتتە ھازىر يانفۇنلار سەرخىللىشىپ، رەسىمگە تارتىش سۈپىتىمۇ بەك ياخشى بولۇپ كەتتى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ سۈپىتى مەخسۇس رەقەملىك فوتۇئاپاراتلاردىن قىلىشمايدۇ. لېكىن تۆۋەندىكىسى بىر دانە ئەبجەق ،ماركىسىز يانفۇندا تارتىلغان سۈرەتلەر. ئەينى ۋاقىت توك توختاپ قالغان بىر كېچە بولۇپ، زىرىكىشنى بىسىش ئۈچۈن يانفۇن ئويناۋىتىپ شامنىڭ غۇۋا نۇرى ئاستىدا تۆۋەندىكى رەسىملەرنى ھۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئىدىم…
بۇ بىر ئالاھىدە ئىش ئەمەس، لېكىن ئېچىڭىز پۇشقاندا يانفۇنىڭىزدىن پايدىلىنىپ ،تەسەۋۋۇرىڭىزنى قاناتلاندۇرسىڭىز،بەلكىم نى ئېسىل ئەسەرلەرنى ھۇجۇدقا كەلتۈرۈپ چىقىشىڭىز مۈمكىن.