ئالدىرىغان يولدا قاپتۇ دېگەندەك، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كۈن ساناپ، كۈندە بۇ ھەقتە تورئارىلاپ يۈرگەن ئىدىم. نەق شۇ «ئوسكارمۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى» ئىچىلىدىغان كۈنلەردە «دەرىجىدىن تاشقىرى» ئالدىراشچىلىقلار تۈپەيلىدىن بۇ پىلانىم يوققا چىقتى..ھىلىمۇ شۈكرى، توخونىڭ سۈتى بىلەن تۇخۇمنىڭ تۈكىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى تاپقىلى بولىدىغان ئىنتېرنېت بولغاچقابىرنەچچە كۈن كېچىكىپ بولسىمۇ بۇ كاتتاپائالىيەتنىڭ سىن فېلىمى كۆرۈپ چىقتىم.
«ئوسكارئالتۇن ھەيكەل»مۇكاپاتى ھەققىدە بەلكىم ھىچنىمىنى بىلمەيدىغان تورداشلار بولمىسا كېرەك، شۇڭا مەن بۇ ھەقتە توختالماي، بەلكى كېنۇ مەستانىلىرى ئۈچۈن «نان تېگىدىغان» يىرىنىلا يازاي.
خالىسىڭىز«83-نۆۋەتلىك ئوسكارئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنى تارقتىش مۇراسىمى»(The 83rd Academy Awards) نىڭ خاتىرە فېلىمىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈپ چىقىڭ(ئەرزىيدۇ). ئۇنى خالىمىسىڭىز بۇ نۆۋەتتە دۇنيا كىنو ساھەسىدە ئەڭ نوپۇزلۇق شان -شەرەپ بولمىش ئوسكار مۇكاپاتىغا نائىل بولغان نادىر كىنۇلارنىڭ تېزىملىكىنى يوللاپ قويدۇم ،شۇنىڭدىن پايدىلىنپ توردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
83-نۆۋەتلىك ئوسكارمۇكاپاتىغائېرىشكەنلەر تۆۋەندىكىچە:
[ئەڭ نادىرفىلىم]-«پادىشاھنىڭ نۇتۇقى» \خەنچە نامى:«国王的演讲» ئېنگىلىزچە «The King’s Speech»
[ئەڭ نادىررىژىسسۇر]-تام.خوپەر («پادىشاھنىڭ نۇتۇقى» فىلىمىدە)
[ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى]-ناتالىيە.پوتمان «قارائاققۇ» (《黑天鹅》)فىلمىدە. مەن ئالدىنقى قېتىم تونۇشتۇرغان نادىر كىنو «بۇ قاتىل ئۇنچە رەھىمسىز ئەمەس»تىكى كىچىك قىزچاق شۇ، ئۇكىنۇدىكى ۋاقتى(1994-يىلى)ئۇنىڭ 13ياش مەزگىللىرى ئىدى، ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى چوڭ بىر مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشكىنىنى تەبرىكلەيمەن.
[ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى]-كولن .فېرز «پادىشاھنىڭ نۇتۇقى» فىلىمىدە.
[ئەڭ ياخشى يانداش باش رولچى ئايال ئارتىس]-ئەمي.ئادامس «جەڭگىۋار»(《斗士》 )
[ئەڭ ياخشى يانداش باش رولچى ئەرئارتىس]-كرىستىيان.بير«جەڭگىۋار»(《斗士》 )
[ئەڭ ياخشى ئەسلى سىنارىيە مۇپاكاتى]-داۋىد.سىيتلىر«پادىشاھنىڭ نۇتۇقى»
[ئەڭ ياخشى سىنارىيەلەشتۈرۈش مۇكاپاتى]-«ئىجدىمائى ئالاقە تورى»\خەنچە«社交网络» ئېنگىلىزچىسى «The Social Network»
[ئەڭ نادىركارتون فىلىم]-«ئويۇنچۇقلارسەپەرۋەرلىكى3» \خەنچە«玩具总动员3»\ئېنگىلىزچە«Toy Story 3»
[ئەڭ ياخشى چەتئەل تىلىدىكى فىلىم]-«تېخىمۇ ياخشى دۇنيا»\ خەنچە«更好的世界»،ئېنگىلىزچە«In a Better World»(دانىيە)
[ئەڭ ياخشى ئوچىرىك فىلىم]-«Inside Job»
[ئەڭ نادىرقىسقاكارتون فىلىم]-«ئىزدەش ئېلانى»(«The Lost Thing»)
[ئەڭ نادىرقىسقائوچرىك فىلىم]-«Strangers No More»(«不再是陌生人»)
[ئەڭ ياخشى سەنئەت يېتەكچىسى]-روبېرت.سىتىرومبىرگ :«ئەلىزنىڭ پەرىلەرماكانىدىكى ساياھىتى»(«爱丽丝梦游仙境»)
[ئەڭ نادىرئوپىراتۇرلۇق مۇكاپاتى]-ۋاللىي.پفستېر:«باشلىنىش» \خەنچەنامى:«盗梦空间»\ئېنگىلىزچە نامى:«Inception»
[ئەڭ نادىركىنوناخشا-مۇزىكىسى مۇكاپاتى]-«ئويۇنچۇقلارھېكايىسى3»فىلىمنىڭ ناخشىسى :«We Belong Together»
[ئەڭ ياخشى يانداش مۇزىكا]-تېرىنت.رېزنور ۋە ئاتتكۇس روس :«ئىجدىمائى ئالاقە تورى»
[ئەڭ ياخشى كىرىشتۈرمەئاۋازمۇكاپاتى]-«باشلىنىش» فىلىمى
[ئەڭ ياخشى ئاۋازئۈنىمى مۇكاپاتى]-«باشلىنىش»فىلىمى
[ئەڭ ياخشى گىرىم مۇكاپاتى]-«بۆرە ئادەم»(«The Wolfman»)
[ئەڭ نادىركىيىم لايىھىسى مۇكاپاتى]-«ئەلىزنىڭ پەرىلەرماكانىدىكى ساياھىتى»(«爱丽丝梦游仙境»)
[ئەڭ نادىركۆرۇش ئۈنۈمى مۇكاپاتى]-«باشلىنىش»فىلىمى
[ئەڭ ياخشى مونتاژ مۇكاپاتى]-«ئىجدىمائى ئالاقە تورى» فىلىمى)«社交网络»)
[ئەڭ نادىرتەرجىمھال قىسقا فىلىم مۇكاپاتى]-«مۇھەببەت ئىلاھى»(«God of Love»)
ـــــــــــــــــــــــــــــ
83-نۆۋەتلىك ئوسكارمۇكاپىتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ خاتىرە فىلىمىنى چۈشۈرۈپ كۆرمەكچى بولسىڭىز، مانا چۈشۈرۈش ئادىرىسى :
http://eee4.net/html/zongyijiemu/2011/0303/20272.html