ئۆتكەندە تاساددىپى پۇرسەتتە، نۇرتورىنىڭ خەۋەر قانىلىدىن تۈركىيىنىڭ 17مىليۇن دوللار خەجلەپ ئىشلىگەن، چوڭ تېپتىكى تارىخى فىلىمى« فەتىھ 1453»(Fetih 1453) ھەققىدە قىسقىچە مەلۇماتقا ئېرىشكەن ئىدىم. ئۆزۇم دۇنياتارىخى دەرىسى بېرىدىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ فىلىمگە بەكلا قىزىقپ قالدىم، ئېلىگىرى دۇنيا تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەر ھەققىدە ياۋروپا، ئامېرىكىلىقلار كۆپ كىنو ئىشلەپ كەتتى، بۇ بىزدە خۇددى دۇنيا تارىخىغا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرى پەقەتلا يوقتەك تەسىرپەيدا قىلاتتى…
1453-يىلىدىكى ئىستانبول فەتىھى ئەمەلىيەتتە دۇنيا تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ يۈرىكدىكى قارا داغ. شۇڭا نۆۋەتتكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، مەزكۇر كىنونىڭ ئىشلىنىشى گېرىكلەرنى ئۆزئىچىگەئالغان خىرىستىيان ياۋروپاسىدىكىلەرنىڭ سەزگۈرلۈكىنى كۈچەيتىۋەتكەندەك، ئۇلارنى ئازابلىغاندەك قىلىدۇ.
مەن ئادەتتە، ئەل ئىچىدە يۇقىرى كۆرۇش رىكورتى يارىتىۋاتقان تۈركىيە زىيادە كۆپ قىسىملىق «تۈگىمەس» تېلېۋىيە تىياتىرلىرىنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، «ئاتام-بالام» ،« مەن قۇياشنى كۆردۈم» ، «يۈسۈپ تېرۇلۇگىيىسى»، «نىيۇيۇرۇكتىكى بەش مۇنار»،«نەپەس» قاتارلىق نادىر فىلىملىرىنى قالدۇرماي كۆرۈپ چىقتىم ھەم بلوگىمدا كۆپچىلىككە تەۋىسيە قىلىپ كەلدىم.
نۆۋەتتە، مەزكۇر فىلىم ھەققىدە ئېرىشكەن مەلۇماتىم بەكلا ئاز، فىلىمنىڭ كونكېرت ۋەقەلىكىنى تېخىمۇ بىلمەيمەن، ئەمما بۇفىلىمنىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنىشى بويىچە بولغاندا، بۇنىڭ دەھشەتلىك ئۇرۇش مەنزىرىلىرىگە تويۇنغان بولۇشى ئىنىق. چۈنكى 1453-تۈرك سۇلتانى مۇھەممەد(II) ئۆزى بىۋاستە قوماندانلىق قىلىپ، 70مىڭدىن كۆپ پىيادە قىسىم، 20مىڭدىن كۆپ ئاتلىق قىسىم،320 جەڭ كېمىسى قاتارلىق زور ھەربىي كۈچ بىلەن، شەرقى رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ مەركىزى، دۇنياۋى سېتىراتىگىيىلىك شەھەر كونىستانىتىنپول (ھازىرقى ئىستانبۇل) غا قورشاپ ھۇجۇم قىلىدۇ. دۇنيارتارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك جەڭلەرنىڭ بىرى قان ئارقىلىق تارىخ بېتىگە يېزىلىدۇ. مۇستەھكەم شەھەر قورغىنىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈرك ئارمىيىسى ئىنتايىن زور بەدەللەرنى تۆلەيدۇ، ئەلۋەتتە بۇ كىنودا ئۆزئىپادىسىنى تاپقان بولۇشى ئېنىق.ئاخىرى كونىستانىتىپول تۈركلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، نامى ئىستانبولغا ئۆزگەرتىلىدۇ، خىرىستىيان ياۋروپاسى زار-زار يىغلايدۇ…
مەزكۇر كىنۇنى تۈركىيە ئاكسوي شېركىتى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 3 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىنغان، ئومۇمى خىراجەت 17مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. دېمەك تېخنىكا،سۈپەت جەھەتتە قانداقراق چىققانلىقىنى پەرەز قىلىۋالساق بولىدۇ، ئۇندىن باشقا تۆۋەندىكى تەشۋىق فىلىمىنىڭ كۈرۈنۈشلىرىدىنمۇ ھېس قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر فىلىم 2-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇنجى مەيدان قويۇلارمىش. ئەلۋەتتە، مەن سىلەرگەئەڭ تېز ئارىدامەزكۇر فىلىمنى چۈشۈرۈش ياكى كۆرۈش مەنبەسى بىلەن تەمىن ئېتىشكە تېرىشىمەن.
كىنو مۇقاۋىسىنىڭ بېشىدىكى تۈركچە جۈملە، سۇلتان مۇھەممەد(II)نىڭ ئىستانبولغا يۈرۈش قىلىشىتىن بۇرۇنقى مەشھۇر، قەسىمى ئىكەن :« يا مەن ئىستانبولنى ئالىمەن، يا ئىستانبول مىنى !»
كنونىڭ تەشۋىقات فېلىملىرى :