كومپيۇتېردا كۆزئاسراش رەڭ مۇھىتى ھاسىل قىلىش
ۋەتەن
كومپيۇتېرئالدىدا كۆپ مەشغۇلات قىلىدىغانلارنىڭ بولۇپمۇ خەت ئۇرۇش ۋە تۈرلۈك جەدۋەل تۈزۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلىرى ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا كۆزىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش بەك مۇھىم .
تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە كومپيۇتېرىڭىزدا ئاددىي تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كۆزئاسراش رەڭ مۇھىتى ھاسىل قىلىۋالسىڭىز سىزگە ئاز-تولا نەپ بېرىشى مۇمكىن .
بىرىنچى باسقۇچ: ئۈستەل يۈزىدە ،مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسنى چىكىپ ،«خاسلىق» (属性) دىئالوگ رامكىسىنى ئىچىپ ،ئۇنىڭدىن «كۆرۈنۈش ھالىتى»(外观) كارتىسىنى تاللاپ «ئالى »(高级) كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
ئىككىنچى باسقۇچ: بۇ ۋاقىتتا «ئالى دەرىجىلىك كۆرۈنۈش ھالىتى» (外观高级) ناملىق دىئالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ .بۇنىڭدىكى «تۈر»(项目) تىزىملىكى ئىچىدىن «كۆزنەك»(窗口) تۈرىنى تاللايمىز.
ئۈچىنچى باسقۇچ: ئارقىدىن ئوڭ تەرەپتىكى «رەڭ »تىزىملىكى ئىچىدىن «باشقا»(其他)ناملىق تۈرنى تاللايمىز، ئاندىن يېڭىدىن ئېچىلغان تەڭشەك رامكىسىدا مۇنداق تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز:
«رەڭ تۈسى»(色调)قىممىتىنى 85،«تويۇنۇش دەرىجىسى»(饱和度) قىممىتىنى 90،«يورۇقلۇق دەرىجىسى»(亮度) قىممىتىنى 205 قىلىپ بېكىتىمىزۋە «جەزملەش»(确定) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تاماملايمىز.
تۆتىنچى باسقۇچ: توركۆرگۈچ (Internet Explorer) نى ئىچىپ «قۇرال ئىستۇنى»(工具)دىن تۈرتاللاش(internet选项) نى تاللاپ «قوشۇمچە ئىقتىدار»(辅助功能) كۇنۇپكىسىنى چېكىپ ئاندىن «توربەتتە بەلگىلەنگەن رەڭنى ئېشلەتمەسلىك»(不使用网页中指定的颜色)تاللاش تۈرى ئالدىدىكى كاتەكچىگە بەلگە قويىمىز.
خوش ،ئەمدى توربەت ، ھۆججەت قىسقۇچ ۋە Wordتايازغان ھۆججەتلەر قاتارلىقلارنى ئىچىپ كۆرۈپ بېقىڭ ،ئەسلىدىكى كۆزنى تالدۇرىدىغان ئاق رەڭ ، كۆزىڭىزگە ئارام بېرىدىغان سۇس يېشىل رەڭگە ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقايسىز.ئەمەلىيەتتە سىز ئۈچىنچى باسقۇچتا تەڭشىگەن «رەڭ تۈسى»
(色调)، «تويۇنۇش دەرىجىسى»(饱和度)، «يورۇقلۇق دەرىجىسى»(亮度)لەرنىڭ قىممىتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .ئالاھىدە ئەسكەرتىدىغىنىمىزقىزىل ياكى قىزىلغا مايىل رەڭلەرگە تەڭشىمەڭ ،ئامال بار ئۈستەل يۈزى تەگلىك سۈرەتلىرىمۇ شۇنداق بولسۇن چۈنكى قىزىل رەڭ بىلەن كۆپ ئۇچراشسىڭىز ئاسانلا كۆزقۇرغاقلىشش ۋە كۆزخىرەلىششتەك كۆزكىسەللىكلىرىگە دۇچار بولىسىز .