• قوللانچى: پارول:

ئاتىلارنىڭ ئالاھىدە مېھرى ۋە بالىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى

بالىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئاتا بولمايدۇ، ئانامېھرىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاتا مېھرى تېخىمۇ سىرلىق بولىدۇ.چۈنكى ئاتا بالا تۇغۇپ تەربىيىلەش جەريانىنى بىۋاسىتە بېشىدىن كەچۇرمىگەچكە، بالىغا بولغان مېھرى ئانىغا ئوخشاش شەرتسىز، سەۋەبسىز بولمايدۇ. ئوخشاشلا بالىنىڭ ئاتىغا بولغان ھېسىياتىمۇ ئانىسىغا بولغان ھېسىياتىدەك ئۇنداق قىزغىن ۋە ئاشكارا بولمايدۇ.
بالىلارغا نىسبەتەن، ئاتا قۇياشقا ئوخشايدۇ، ئەگەر قۇياش بولمىسا، بالا سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە پائالىيەتلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئىجتىمائىي ئالاقىدە ماھارىتى كەمچىل بولىدۇ.شۇڭا ئاتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى تەربىيىلەش، يەنى بالىغا قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى مەيدانىنى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنى تىكلەشنى ئۆگىتىش.
لايىقىدا بولۇش ۋە ماھىر بولۇش بىر ئاتا بولغۇچى پەرزەنت تەربىيىسىدە ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر. ئادەتتە بۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلاردا ئىپادىلىنىدۇ.

1.قاتتىق بولۇش لېكىن زوراۋان بولماسلىق.

بالا خۇشاللىقىدىن خۇدىنى بىلمەي قالغان چاغلاردا، بىرەر چاتاق تېرىپ قويۇشى مۇمكىن، بۇ چاغدا ئاتا چوقۇم كەيپىياتىنى تېزگىنلىۋىلىشى كېرەك.بالا تېرىغان بۇ چاتاقمۇ ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنىڭ بىر قىسىمى، ۋاقىتلىق ھادىسە،ھەتتا چوڭلارمۇ بەزىدە قاملاشمىغان ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ، بالىلارنىڭ چاتاق تېرىپ قويۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس-تە ئەلۋەتتە.بۇ خىل ئەھۋالدا،ئاتا ئازراق ھەيۋە قىلىپ قويسا بولىدۇ،بۇ ھەرگىزمۇ ئۇرۇپ تىللاپ قاتتىق ئەيىبلەش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، پەقەت سەل قاتتىقراق پوزىتسىيىدە بۇخىل خاتالىققا ناھايىتى دىققەت بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خۇددى باشلىقلاربۇيرۇق چۈشۈرىۋاتقاندەك ھالەتنى ئىپادىلىسە بولىدۇ .
مېنىڭ ئوغلۇم مەۋسۇملۈك ئىمتىھاندا ئەدەبىياتتا 98نومۇر ئاپتۇ، سەۋەبى بىخەستىلىك قىلىپ ئاددىي بىرخەتنى خاتا يازغانىكەن، ئۇماڭا بۇنى دېگەندە، بىز تاماق يەۋاتاتتۇق.مەن ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدىم.پەقەت بىرنەچچە مىنۇت سۈكۈتتە تۇردۇم، بالام بۇ سۈكۈت ئىچىدىكى مەنىنى ھېس قىلدى بولغاي ياۋاشلىق بىلەن گەپمۇ قىلماي تاماق يېيىشكە باشلىدى.كەيپىيات ئارقىلىق مەقسەت قارارلىشىپ بولغاندىن كىيىن، يەنە سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى بىر خىجىلچىلىقتا تۇرغان ئادەمنىڭ ياۋاشلىق بىلەن يەنە تەنقىدىنى قوبۇل قىلىشى تەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر دائىم تاماق ۋاقتىدابالىنى قورقۇتسام،ئۇنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىېمىسىدىمۇ مەسىلە كۆرۈلۈشى مۇمكىن.لېكىن سۈكۈتنىڭمۇ مەلۇم رولى بولدى—ئۇ تىپتىنچ ھالدا تامىقىنى يېدى، تېخى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاچىلارنى يۇدى، ئېغىزىنى چايقىدى.ئاندىن ئاستا ھۇجرىسىغا كىرىپ ئۈنلۈك ھالدا تېكىست ئوقۇدى.مەن ئاللىقاچان مەقسىدىمگە يەتكەنىدىم، ھەم ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولغان قىياپەتكە كىرىۋالغانىدىم.شۇنداق قىلىپ مېنىڭ پوزىتسىىيەممۇ مۇلايىملىشىپ، ئۇنى تېكىستنى ياخشى ئۇقۇدۇڭ دەپ ماختاپ قويدۇم. پۈتكۈل جەرياندا بىر ئېغىزمۇ نەسىھەت قىلمىدىم، لېكىن بالام ساۋاقنى قوبۇل قىلدى ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن خاتالىقىنى تۈزەتتى، بىخەستەلىك قىلمايدىغان بولدى.
دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان خاتا ئۇسۇل بولسا، ئۇنى بولۇشىچە تىللاپ، ئۇرۇش، ياكى بىرچەتتە ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇپ، خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشقا بۇيرۇق قىلىپ، ئۇنىڭ تاماق يىيىشتىن ئىبارەت بۇ ھوقۇقىنى تارتىۋىلىشتىن ئىبارەت.بىلىش كېرەككى، بالا مەيلى قانداقلا خاتالىق ئۆتكۈزمىسۇن، ھەرگىز ئۇنىڭ نورمال تۇرمۇش ئادەتلىرىنى بۇزۇۋەتمەسلىك كېرەك.بالىنىڭ قوبۇل قىلىش چەكلىمىسىگىمۇ قارىماي ئۇنى خالىغانچە ھاقارەتلەشكە، ياكى ئېغىر ئۇھ تارتىش، نەرسە –كېرەكلەرنى چېقىپ، ئىشىكنى قاتتىق يېپىپ چىقىپ كېتىش، قاتارلىق ھەرخىل كەيپىيات ئۆزگىرىشلىرىنى پەيدا قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.شۇنداقلا يەنە ئاچچىقىنى جۆرىسىدىن چىقىرىش، ھەممىسى سېنىڭ ئۇنى يامان ئۆگىتىپ قويغانلىقىڭنىڭ كاساپىتى ياكى «سەن بالىنى زادى قانداق تەربىيلىدىڭ»دېگەندەك گەپلەرنى قىلغاندا بالا ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى بەك ئېغىردەك، ئائىلە ماجىرالىرىنىڭ ھەتتا ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ خىل ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى ئاسانلا، ئىمتىھاندا ھودۇقۇش، ئوقۇشتىن زېرىكىش، ھەسرەتلىنىش قاتارلىق پىسخېكىلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2.ئازكوتۇلداش

ئانىنىڭ كوتۇتۇلدىشىغا قارىغاندا، ئاتىنىڭ كوتۇتۇلدىشىنىڭ زەربىسى بەكرەك كۈچلۈك بولىدۇ.ئانا كوتۇلدىغان ۋاقىتتا ئاچچىقلىنىشتىن ئىچ ئاغىرىتىشقا ئۆتەلەيدۇ، ھەمدە ئاۋازىمۇ بارغانسېرى پەسلەيدۇ،بىراق ئاتا سۆزلىگەنسىرى ئاچچىقلىنىپ ، ئاۋازى ھۆركىرىگەن شىردەك يۇقۇرلاپ كېتىدۇ، ھەتتا بالىنى ئۇرۇۋىتىشىمۇمۈمكىن.
شۇڭا ئاتا بولغۇچى ئەڭ ياخشىسى مۇلايىم پوزىتسىيىدە بالا بىلەن پاراڭلىشىش كېرەك:ئالدى بىلەن بالىدىن نېمە ئۈچۈن بۇنداق خاتالىقىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى سورىسا بولىدۇ، بۇ يەردە بىر پرىنسىپ بار، ئەگەر بالىڭىزنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن خاتالىقىنى تونۇشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى تىپتىنچ ئولتۇرۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاپ بېقىڭ، ئانىدىن ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇن مۇشۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىغانلىقڭىزدەك تەجرىبە ساۋاقلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېرىڭ.

3.ئەيىبلەش ئەمەس يېتەكلەش

مېنىڭ ئوغلۇم تاپشۇرۇق ئىشلىگۈسى كەلمىگەن ۋاقىتتا، مەن ئادەتتە ئويۇن ئويناش شەكلى بىلەن ئۇنىڭ ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرىمەن، مەسىلەن: قوشۇش ئېلىش ئەمەللىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغاندا، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئويۇنچۇق سېتىۋېلىش ئويۇنى ئوينايمەن، پۇل تۆلەش ۋە پۇل قايتۇرۇشتا، قوشۇش ئېلىش ئەمەللىرىنى ئويۇنغا ئېلىپ كىرىمەن.
بۇخىل نەزەرىيىنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئۇنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاپلا قالماستىن، يەنە كېيىنكى سودا سېتىق ئىشلىرىدىمۇ ئەسقاتىدۇ.
ئەگەر ئاتا:«سەن نېمانچە دۆت، مۇشۇنداق ئاددىي خەتنىمۇ خاتا يازدىڭمۇ؟»، «كاللاڭنىڭ سۈيى بارمۇ نېمە ؟»، «مۇشۇنداق ئاددىي ساۋاتنىمۇ بىلمىسەڭ ، كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلىشىڭدىن ئۈمىد يوقكەن » دېگەندەك گەپلەرنى قىلغاندا، بالا ھاقارەت ھېس قىلىدۇ-يۇ ، يەنە ئىنتايىن رايىشلىق بىلەن بۇئەيىپلەشلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا، بالا ئۆزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ يېتىلىشى مۇمكىن.

4.ئۇرۇپ -تىللاشقا بولمايدۇ.

نۇرغۇن ئاتىلار بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، ئۇلارنى ئۇرۇپ تىللاش ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ ياخشى ئادەم بولۇشقا يېتەكلەشتىكى ياخشى ئۇسۇل، ئۇرۇش تىللاش ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا بۇلغان كۆيۇنگەنلىك دەپ قاراپ، بالىلار بۇنى قوبۇل قېلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.ئۇرۇش كۆيۈنگەنلىك بولغىنى بىلەن تەننىڭ ئازاريىيىشى ۋە خورلۇق تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدۇ ھەم غەزەپلەندۇرىدۇ، ئىچكى دۇنياسىنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بىر ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسى زەئىپلەشكەن ۋاقىتتا، ئۇ مۇكەممەل بولماي قالىدۇ، مۇكەممەل بولمىغان كىشىلەر توپى بىلەن ياخشى ماسلىشىش ئىقتىدارى بولمايدۇ، باشقىلار بىلەن ئىناق –ئىتتىپاق مۇناسىۋەت ئورنىتالمايدۇ.

5.چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ بالىغا ھەمراھ بولۇش.

بالىنى چوڭلارنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىش بىرخىل خاتا ئۇسۇل بولمىسىمۇ، لېكىن ئاقىۋەتتە بالا چوڭلارنىڭ زىيادە ئەتىۋارلىشىغا كۆنۈپ قېلىپ، ئىرادىسى ئاجىز، ياكى بىشەم بۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن.
مەن بىركۈنى كەچ سائەت 12دىن ئاشقاندا ئاندىن ئۆيگە كەلدىم، ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا يەنە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بېرىپ پىرۇگىرامما ئىشلىشىىم كېرەك ئىدى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە مەن ئوغلۇم بىلەن بىللە يۇيۇندۇم، ناشتا قىلىپ بولۇپ، ئۇنى ۋەلىسپىتىمنىڭ ئارقىسغا مىندۈرۈپ بازارغا بېرىپ كۆكتات سېتىۋالدىم.بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن مەن ئىشقا ماڭدىم، گەرچە گەرچە ھېرىپ كەتكەن بولساممۇ، لېكىن جاھاندىكى ئاتىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بالىسىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ،ھەرقانچە ھېرىپ كەتسىمۇ رازى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.
چۈنكى، بالىغا ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى كۆڭۈل بولىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇش، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش بەك مۇھىم.گەرچە بۇ ۋاقىت بەكلا قىسقا بولسىمۇ، لېكىن بالىڭىز بىلەن بىللە بىرنەچچە قېتىم ئويۇن ئويناش ئارقىلىق بالىڭىزغا ئاتىنىڭ كۈچىنى ۋە ئۇنى قوغدايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۇرۇڭ، مۇشۇنداق بولغاندا ئوغۇل بالىلار قانداق بىر ئەر بولۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ، ئۇنداقتا قىزلارچۇ؟ قىز بالىغا نىسبەتەن ئاتىنىڭ قۇچاقلىشى ۋە كۆيۈنۈشى بۇلمىسا، ئەقەللىيسى بۇ ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئەرلەرگە قانداق ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا بىۋاسىتە تەسىر يېتىدۇ.
ئاتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئىنتايىن كۆپ، يۇقۇرقىلارنى قىلالىسىڭىزلا ئاساسى جەھەتتىن لاياقەتلىك بولغان بولىسىز.بىر مۇنەۋۋەر بالا چوقۇم بىر مۇنەۋۋەر ئاساسقا ئېگە بولۇشى كېرەك، بۇ مۇنەۋۋەرلىك ئاۋۋال ئىرسىيەت، ئاندىن ئەڭ مۇھىم بولغان ئاتا مېھرى ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ.ئاتا مېھرى ھارارەتلىك قۇياش نۇرىدەك، بالىدىن ئىبارەت بۇ گىياھقا ئىللىقلىق بېغىشلىشى كېرەك .

ۋەتەن بلوگى تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن «ئەۋلادىم»تەرجىمە قىلدى





5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ساغان جاۋاب

    ھەقىقىقەت ياخشى ئىكەن. weten ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.

    • weten

      پات-پات كېلىپ تۇرۇڭ :roll:

  • ئارزۇ جاۋاب

    بەك ياخشى تېمىكەن ،كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگۈنۋالغىدەكمىز، بالامنىڭ دادىسى بىر ئوقىسا بولغىدەك.

    • weten

      ئوقىمىسا مەجبۇرى ئوقۇتۇڭ :mrgreen:

  • مېنىڭ بالامنىڭ دادىسى بۇ جەھەتتە لاياقەتلىك ئىكەن. :lol:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif