• قوللانچى: پارول:

بالىلاردا ساغلام پىسخىكا يېتىلدۈرۈشنىڭ 9پەرھىزى

بالىلىق مەزگىل بولسا ئادەمنىڭ ساغلام پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرىدىغان ئالتۇن ۋاقىت . ئەگەر بۇ چاغداساغلام پىسخىكا تەربيىسىنى كۈچەيتىشتە ياخشى باشلىنىشنى روياپقاچىقىرالىساق، بۇ بالىلارنىڭ ئەخلاقى ۋەساغلام زىھىن قۇۋۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى بولىدۇ.ناۋادا ئەكسىچە، بالىلاردا ساغلام بولغان پىسخىكا يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىغاندا، ياكى ئايرىم مەسىلىلەر بايقالغاندا بىپەرۋالىق قىلىنغاندا ،كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئىنتايىن تەس بولىدۇ.
ئۇنداقتا ، ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بۇ ھەقتە زادى نېمىلەرگە دېققەت قېلىشى كېرەك؟

 

1. بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۇش چەكتىن ئېشىپ كەتمىسۇن
بالىلارغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلۇپ كېتىشنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، ئۇلاردا ئاسانلا ،مەسىلىلەردە ئۆزىنى مەركەز قېلىۋىلىش خاھشى تۇغۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىدا ھەممە ئادەم ئۇلارنىڭكىنى راست قېلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە بۇخىل پىسخىكىلىق ھالەت تەرەققىي قىلىۋەرسە،بالىڭىز راۋرۇسلا بىر مەنمەنچى بولۇپ چىقىدۇ.

2.بالىڭىزغا ھەرگىز «پارا» بېرىپ ئۆگىتىپ قويماڭ
بالىڭىز ئەقلىنى بىلگەندىن تارتىپ شۇنى ئىنىق تونۇسۇنكى، ھوقۇق بار يەردە،مەجبۇرىيەت بولىدۇ.ھەتتا مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، ھوقۇقنىڭ تەمىنى تېتىغىلىمۇ بولمايدۇ.شۇڭا ئۇلارنىڭ قولىدىن كىلىدىغان ئىشلارنى قېلىشى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ھېسابلانسۇن، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ھەرگىز ئۇلارغا «پارا» بېرىپ يۈرمەڭ.

3.بالىڭىزغا ئامراقلىق قىلىشتا ھەددىڭىزدىن ئاشماڭ
بالىلارنى چوڭلار بىلەن بىرگە تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە ئويۇن ئويناش قاتارلىقلاردا بىللە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ياخشى ئىش، بۇنداق بولغاندا بالىلار كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىكى «بىرتەرەپ قىلىش»لارغا پىشىدۇ. ئەمما بۇنىڭدا جەزمەن ئۇلارنىڭ ئارىلىشش دائىرىسى بولىشى، چوڭلار بىلەن بولغان ئارىلىقى بەك يېقىن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

4.بالىڭىزغا قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشلارنى زورلاپ قىلغۇزماڭ
بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىىسى كۆپىنچە مەلۇم ئىشلارنى مۇۋاپىقىيەتلىك قىلالىغانلىقىدىن كېلىدۇ،شۇڭا ئۇلارنى قولىدىن كىلىشى مۈمكىن بولمايدىغان ئشلارنى تاماملاشقا مەجبۇرلىماسلىق كېرەك.بولمىسا ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاسانلاغايىپ بولىدۇ.

5.بالىڭىزغا«قويمىچلىق»قىلماڭ ھەم قورقۇتماڭ
بالىڭىزغا قويمىچىلىق قىلماڭ دېگىنىم سىزگە ئايان ،بۇرۇندىن تارتىپ دانالار ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئالدىماسلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلمەكتە. مەن بالىلىق بولغاندىن كېيىن شۇنى ھېس قىلدىمكى بۇنى ئادا قىلىش ھەقىقەتەنمۇ تەس، ئەمما مېنىڭچە بۇنى ئۆزىمىزنىڭ راھەت باھانىسى ياكى ئادەت قىلىۋىلىشىمىز يامان سۈپەتلىك ئالدامچىلىق بولىدۇ.
بالىلارنى قورقۇتۇش بولسا بالىلارنىڭ نەزىرىدە ئاتا-ئانىنىڭ نوپۇزىنى تىكلىشى ئىنىق، ئەمما بۇ ھامان رولىنى يوقۇتۇپلا قالماي، ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىشكە باشلايدۇ.

6.بالىڭىزغا ھەددىن زىيادە قاتتىق تەلەپ قويماڭ

ئاتا-ئانىلارنىڭ تەلەپچان بولۇشى توغرا ،ئەمما ھەممە ئىشنىڭ يولىدا بولغىنى تۈزۈكلىكىنى ھەم بىلىمىز.بالىغا ھەددىن زىيادە قاتتىق تەلەپ قويىۋالغاندا ئۇلاردا ،ئۆزىنى كەمسىتىش، يۈرەكسىزلىك، ياۋايىلىقتەك ساغلام بولمىغان پىسخىلىق ھالەت شەكىللىنىپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە مۇتەخەسسلەر بىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.ئەگەر بۇخىل دىكتاتۇرىڭىز دىن ۋا زكەچمىسىڭىز، بالىڭىزدا قارشلىق ، ئەسەبىيلىك ياكى ئائىلىدىن بىزار بولۇپ،ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشتەك نۇرمالسىزلىقلار پەيدا بولۇشى ئىھتىمالغا بەك يىقىن.
7.بالىڭىزنى كۆپچىلىك ئالدىدا تەنقىدلىمەڭ ياكى مازاق قىلماڭ
بىزدە «كۆپچىلىك ئالدىدا قىلغان تەربىيە،كالتەك بىلەن باشقا ئۇرغان بىلەن تەڭ» دەيدىغان بىرگەپ بار، ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. بالىلارنى كۆپچىلىك بار جايدا تەنقىدلەش ياكى مازاق قىلىش ئۇلارنىڭ غورۇرىنى ئىنتايىن ئىغىر زەخمىلەندۈرىدۇ.ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنى قويۇپ باقسىڭىزلا شۇ پەيتتە ئۇنىڭ قاناداق ھېسىياتتا بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسىز، قىنى پەرەز قىلىپ بېقىڭ: ئىدارىڭىزدە باشلىقىڭىز ،سىزنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا تەنقىدلەپ كەتسە قانداق بولۇپ كېتىسىز،ئايرىم تەنقىدلىسىچۇ؟

8.بالىڭىزنى ماختاشتا ئۆزىڭىزنى بىلەلمەي قالماڭ
بالىڭىزنىڭ ياخشى نەتىجە قازىنىشى ئەلۋەتتە سىزنى خۇشھال قىلىدىغان ئىش، سىزبۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك خۇشال بولسىڭىز مەيلى. ئەمما، شۇ سەمىڭىزدە بولسۇن، ئۇنى ھەددىن زىيادە ماختاش ئارقىلىق تەبرىكلىمەڭ،بۇ بالىڭىزنى ۋاقىتلىق خۇش قىلغىنى بىلەن كېلەركى مۇۋاپىقيەت يوللىرىدا زور  توسالغۇ بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.

9.بالىڭزغا ھەرگىز«تايىنى يوق » مۇئامىلىدە بولماڭ
بۇ خىل ئاتا-ئانىلارمۇ خىلى بار، بۇلارنىڭ بالىسىغا تۇتقان مۇئامىلىسى ناھايىتى تۇراقسىز،تۇتامى يوق .ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىزغا تۇتقان مۇئامىلىڭىزنىڭ تايىنى بولمىسا، بۇ خىل مۇئامىلە ئاسانلا بالىلارداگۇمانخۇرلۇققا مايىل زىيادە سەزگۈرلۇك، كەيىپ-مىجەزى تۇراقسىز بولۇش، جۈرئىتى يوق توخۇيۈرەكلىك قاتارلىق نۇرمال بولمىغان پىسخىكىلق كىسەللىكلەرنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ.

مەزكۇر ماقالە ۋەتەن بلوگىغا تەۋە، كۆچۆرۇپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەنى ئىنىق ئەسكەرتىڭ





3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ساقلاپ قويۇپ 4-3يىلدىن كېتىن بالىلىق بولغاندا كۆرەيمۇيا بۇنى :mrgreen:

    • weten

      بالا تەربىيىسىنى توي قىلماي تۇرۇپلا باشلاش كېرەك ، بىلەمسىز شۇنى ! :roll:

  • ئويلاپ باقسام كىچىكىمدە دادام تولا مازاق قىلاتتى مىنى :cry:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif