• قوللانچى: پارول:

بالىلارغاشەنبىلىك : ئاددىي كارتۇن سىزىش مەشىقلىرى

رەسىم سىزىش بالىلارنىڭ زىھنىنى ئۇرغۇتۇپلا قالماي، يەنە كۈزىتىش، ئوبرازلىق تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق . بالىلارئاددىي ، ئوماق بولغان كارتۇن رەسىملەرگە ئامراق كېلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ رەسىم سىزىش مەشىقىمۇ مۇشۇ دائىرىدىن باشلانغىنى ئەۋزەل.
تۆۋەندە تۈرلۈك جان-جانۋارلارغا ئائىت 10 پارچە ئاددىي كارتۇن رەسىملىرىنىڭ سىزىش ئۈلگىسى بېرىلدى، مەن بۇ ئەرزىمەس سوۋغات ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ئارام كۈنلىرىگە خۇشاللىق تىلەيمەن.

1. جەرەنچاق سىزىش

 

2.چاشقانچاق سىزىش

3.تۆگىچاق سىزىش

4.يېڭناغۇچ سىزىش

5.بىلىق سىزىش

6.قۇش سىزىش

7.توشقانچاق سىزىش

8.تەخەيچاق سىزىش

9.تۈلكىچاق سىزىش

10.مۆشۈكياپىلاق سىزىش





16 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ھەقىقەتەن ئاددى سىزمىلاركەن. رەسىمچىلىكتىن پەقەت خەۋىرى يوقلارمۇ ئاسانلا سىزىپ چىقالىغۇدەك.
    «چاق»ھەممىگە بولمايدىكەن ھە ؟قۇشچاق،بىلىقچاق،يىڭناغۇچچاق دىگەندەك

  • مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا رەسىم سېزىشقا ئامراقتىم، ئەمما ئوقۇتقۇچۇم سىزغىنىڭ ئالمىمۇ…مۇ دەپ زاڭلىق قىپتى، بارلىق رەسىم سىزىش ھەۋىسى يوقالدى.
    يۇقارقى رەسىملەرنى كۆرۈپ يوقالغان ھەۋەسلىرىمنى تېپىۋالغاندەك ھىس قىلدىم.

    • weten

      بالىلىق دېگەنزە …مەنمۇ بىر مەزگىل ھەممىدىن ۋازكېچىپ ، كەچكىچە رەسىم سىزىيدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدىم،بىر قىسىم رەسىملىرىم مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە نەتىجىگە ئېرىشكەن، يەنە بىرئىككى پارچىسى ئوقۇتۇش زالىنىڭ كارىدۇرىغا ئېسىلغان ئىدى،ھەركۈنى ئۇرەسىملەرنى كۆرۇپ قالتىس پەخىرلىنىپ كېتەتتىم… :smile:

  • weten جاۋاب

    شۇنداق، بۇخىل ئاددىي سىزمىلار بالىلارنىڭ رەسىم مەشىقىگە بەك ماس كېلىدۇ.
    «چاق» ئەركىلەتمىسى راست ھەممىسىگە چۈشمەيدىكەن، يېڭناغۇچچاق دەي دېسەم ئۇنىڭ بالىسىنى نېمە دەيدىغىننى بىلمىدىم :|

    • بۇرۇن بىر ساۋاقدىشىم، بىز تەرەپتە يېڭناغۇچنىڭ چوڭىنى 70 كىچىكىنى 60 مىش دەيمىز دېگەن. ھا ھا

    • يىڭناغۇچنىڭ بالىسى ئۇچالامدۇ ؟

  • weten جاۋاب

    ئۇ دېگەن يېڭناغۇچنىڭ تىپى .70 تىپلىق،60تىپلىق يېڭناغۇچلار دە… :mrgreen:

  • يىڭى يازما چۈشمەيدىغۇ ۋەتىنىم . ۋەتەن مۇنقەرىز بولمىغاندۇ ؟

    • weten

      يېقىندىن بۇيان ، ئاپامنى داۋالىتىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم

  • ئەسلى رەسىم دېگەننى ئىزلاپ ئەمەس تەسەۋۋۇر قىلىپ سىزسا تېخىمۇ ياخشى :evil:

    • weten

      شۇنداق . ئەمما تەسەۋۋۇرنىڭ ئىپتىداسىمۇ دوراشتىن باشلىنىدۇ مېنڭچە.

  • ماۋۇ رەسىمنىڭ سىزىش ئۇسۇلىنى ئىگەللىۋېلىپ قىزىمغا ئۆگەتسەم بەك خوش بولۇپ كەتكۈدەك. رەھمەت سىزگە!

  • ساقلىۋالدىم

  • پىنھانە جاۋاب

    رەسىم سىزىشنى ئۈگەنمەكچىدىم ،،،مۇشۇنڭىدىن باشلىسام بولغۇدەك ئەمىسە :razz:

  • ئادىل مىجىت كىردىما ؟

    • weten

      نېمە؟ :shock:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif