• قوللانچى: پارول:

ياش ئانىلاربېلىۋىلىشقا تېگىشلىك10 پىسخىكىلىق قانۇنىيەت (4)،(5)

ئىسىم قۇرۇسۇن، ئۆتكەندە ياش ئانىلاربېلىۋىلىشقا تېگىشلىك10 پىسخىكىلىق قانۇنىيەت ناملىق بۇ تېمىدىكى يۈرۈشلۈك يازمىنى باشلاپ قويۇپ ئۇنتۇپ  قاپتىمەن-ھە؟ بۈگۈندىن باشلاپ بۇتېمىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرۈۋېتەي.
بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرىدىغىنىم؛ جەنۇب شامىلى ئېففېكتى ۋە ياغاچ كۈپ ئېففېكتى ئۈستىدە بولىدۇ، مەزمۇن بىرقەدەر ئازبولغانلىقى سەۋەبىدىن بىرلا يوللانما قىلدىم.

 ياش ئانىلاربېلىۋىلىشقا تېگىشلىك10 پىسخىكىلىق قانۇنىيەتنىڭ تۆتىنچىسى -جەنۇب شامىلى ئېففېكتى.

بۇيەنە ئىللىقلىق ئېففېكتى دەپمۇئاتىلىدۇ. بۇ فرانسىيە يازغۇچىسى Jean de la Fontaine بىرمەسەلىدىن كەلگەن. ئۇمەسەلدە مۇنداق بىرۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ:
شىمال شامىلى باھار شامىلىغا بەسلىشىش تەكلىپىنى قويۇپ كۈچ كۆرسەتمەك بولۇپتۇ ۋە قايسىمىز كوچىدا كېتىۋاتقان ئادەملەرنىڭ پەلتوسىنى سالدۇرۇۋىتەلەيمىز دەپ شەرت قويۇپتۇ.
ئالدى بىلەن شىمال شامىلى كارامىتىنى كۆرسەتمەك بولۇپ، سوغۇق نەپىسىنى بىر پۇۋلەپتىكەن، سۆڭەكتىن ئۆتكىدەك سوغۇق ھاۋانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان كىشىلەر پەلتۇلىرىغا تېخىمۇ چىڭ يۆگىنىۋاپتۇ.
نۆۋەت جەنۇب شامىلىغا كەپتۇ، ئۇ مۇلايىملىق بىلەن ھەرتەرەپكە ئىللىق ھاۋا ئىقىمنى پۇۋلەپتۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر دەسلىۋىدە ئىللىقلىق ھېس قىلىشىپتۇ، ئارقىدىن پەلتۇسىنىڭ تۈگمىلىرىنى ئىچىپ تاشلاپتۇ، يەنە بىرئازدىن كېيىن بولسا پەلتولىرىنى يېشىپ تاشلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن جەنۇب شامىلى غەلىبە قىلىپتۇ.

بۇ مەھەلدە، جەنۇب شامىلى غەلىبە قىلدى، ئۇنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىچكى تەلىپىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلدى. ئادەملەرنىڭ سۇبىيكتىپ ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان بۇخىل پىسخىكىلىق تەسىر-دەل جەنۇب شامىلى ئېففېكتىدۇر.
ئائىلە تەربىيىسىدە رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن تەھدىت سېلىشنىڭ قايسىنى تاللاش مەسىلىسىدە دەل يۇقىرىقى جەنۇب شامىلى ئېففېكتى ئاساس بولالايدۇ. بالىلارنى تەربىيىلەش جەريانىدا كۆپرەك ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرۇش ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشەنگەن ھالدا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ياش ئانىلاربېلىۋىلىشقا تېگىشلىك10 پىسخىكىلىق قانۇنىيەتنىڭ بەشىنچىسى -ياغاچ كۈپ ئېففېكتى.

ياغاچ كۈچ‏ تۇڭ ئېففېكتىنىڭ مەنىسى مۇنداق؛ ئەگەر ئىغىزتەرىپى تەپ-تەكشى ياسالمىغان بىردانە ياغاچ كۈپ بار دەپ مىسالغا ئالساق، ئەگەر ئۇنىڭغا لىق سۇ قۇيۇلسا، سۇ ئەڭ كۈپ ئېغىزىنىڭ ئەڭ ئىگىزجايى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەڭ پاكار ئورنى بىلەن تەڭ تۇرالايدۇ.
بىر بالىنىڭ ھەرقايسى دەرسلەردىكى ئۇنۋېرسال نەتىجىسىنى بايامقى ياغاچ كۈپكە ئوخشاتساق، ئۇ ئۆگىنىۋاتقان ھەربىر پەن، ياغاچ كۈپنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر پارچىسىغا تەڭ بولىدۇ.
بالىلارنىڭ ياخشى بولغان ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ئامان-ئىسەنلىكى ھەرگىزمۇ بىرقانچە پەندىكى نەتىجىنى چىقىش قىلمايدۇ، بەلكى ئومۇمى ئەھۋالىنى چىقىش قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مەلۇم ئاجىزنۇقتىلىرىنى تۇتقا قىلىش كېرەك. دېمەكچى بولغىنىمىز، ياغاچ كۈپكە تېخىمۇ جىقراق سۇ سىغسۇن دېسەك، ئۇنىڭ ئېغىزىنى تەكشى ئىگىزلىتىشىمىز كېرەك.





2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • مەن بۈگۈن بىلۇگ يازمىلىلىرىڭىزدىن نۇرغۇن بىلىمگە ئىرىشكەندەك بولدۇم.ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى زىيادە قىلغاي!

  • مەن بۈگۈن بىلۇگ يازمىلىلىرىڭىزدىن نۇرغۇن بىلىمگە ئىرىشكەندەك بولدۇم.ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى زىيادە قىلغاي! :idea:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif