سۆيۈملۈك قىزىم!
سەن ھەقىقەتەنمۇ بەك قالتىس، ئاپاڭ ئىككىمىز سىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز. سىنىڭ بىزدىن ئائىلىدىن ئايرىلىپ جەمئىيەتكە قەدەم قويىدىغان كۈنلىرىڭگە ئازلا قالدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ساڭا بىرقانچە دوستانە تەكلىپ بېرەي بولامدۇ؟
بىرىنچى تەۋسىيە: سەن ھەرگىزمۇ تاشقى قىياپىتىڭدىن بىئارام بولما
بىزنىڭ نەزىرىمىزدە سەن ئىنتايىن قاملاشقان گەرچە سەن كىيىۋالىدىغان بەزى كىيىملىرىڭ بىزنى ئەنسىرىتىپ تۇرسىمۇ سەن پەقەت سەن، ھەرگىزمۇ تاشقى قىياپىتىڭدىن بىئارام بولما. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش بىلەن بىرگە كۆپرەك ھەرىكەت قىل، سالامەتلىكىڭگە كاپالەتلىك بول. بەزى قىزلارھەرۋاقىت ئورۇقلاش ياكى مۇكەممەل قىياپىتىنىڭ غېمىدە دادلاپ يۈرۈشىدۇ، ئەمما سەن ئاللىقاچان ئۇغەملەردىن خالاس بولغانسەن.
ئىككىنچى تەۋسىيە: سەن ھەرگىزمۇ ئائىلىسى بارئەرلەرگە يېقىنچىلىق قىلما
ئەتىراپىڭدا نۇرغۇنلىغان ئېسىل يىگىتلەر بار. سەن ھەرگىزمۇ ئائىلىسى بار ئەرلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت باغلىما، ھەتتا ئۇلار ھەرقانچە سېھرى كۈچكە تولغان بولسىمۇ. ئەگەر بۇ پەرھىزگە بويسۇنمايدىكەنسەن، ھامان بىركۈنى كۆزياشلىرىڭ بىلەن يۈزۈڭنى يۇيۇشقا مەجبۇر بولىسەن.
ئۈچىنچى تەۋسىيە: سەن ھەرگىزمۇ بىخەتەرلىكىڭ بىلەن ئويناشما
ئۆزۈڭنى خەتەرلىك ھالغا مۇپتىلا قىلما. دېمەكچى بولغىنىم، ئۆزۈڭ تېخى چۈشۈنۈپ بولمىغان ئادەملەرگە ئىشەنمە، بەزىدە سىنى تولىمۇ قىزىقتۇرغان ئەشۇ مەپتۇن قىلارلىق ئىشلارغىمۇ قايتا-قايتا نەزەر سال. كەيىپ سورۇنىدىن يىراق تۇر. تەلىيىڭنىڭ كاجلىقى شۇكى، بۇ جەمئىيەتتە ھەممىلا يەردە يامان ئادەملەربار، شۇڭا تەۋەككۇلچىلىكنى ئاز قىل.
تۆتىنچى تەۋسىيە: سەن ھەرگىزمۇھالىڭدىن ھالقىغان ئېستىمالنى قوغلاشما
تۇرمۇشتا كىرىم-چىقىمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشىڭ كېرەك، شۇڭائاز-تولا پۇل-پۇچەك ساقلاشنى ئادەت قىل. ھەقىقەتەن ھاجەتمەن بولمىساڭلا قەرزدىن نېرى تۇر، ئەلۋەتتە بەزى ئالاھىدە ئىشلاربۇنىڭ سىرتىدا مەسىلەن؛ ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دېگەندەك،… تۇرمۇشتا كىرىم-چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىنى كۆپلىگەن ئورۇنسىزغەملەردىن خالاس قىلىدۇ.
بەشىنچى تەۋسىيە: سەن ھەرگىزمۇ ئۆزۈڭنى كەمسىتىدىغان تۇيغۇدا بولما
سەن ئىنتايىن مۇنەۋۋەر ھەم گۈزەل كېلەچەكنى يارىتالايدىغان ئىقتىدارنىڭ ئىگىسىسەن، شۇڭا ئۆزۈڭگە ئىشەنگىن. ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندىمۇ بەل قويىۋەتمە. بەزى قىزلار شۇ سەۋەبتىن چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ، ئۆزىنى ئەيىبلەيدۇ، ئۆزىگە بولغان ھۆرمەتنى يوقىتىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپ تۈرلۈك مەسىلىلەر پەيدا بولىدۇ.
ئالتىنچى تەۋسىيە: سەن ھەرگىزمۇ ئەڭ ياخشى ھالىتىڭنى يوقۇتۇپ قويما
بىزسەن ئېرىشكەن نەتىجىلەردىن ئىپتىخارلىنىمىز، ئۆزۈڭمۇ بۇلاردىن پەخىرلەن. ئۈزلۈكسىز تېرىش، قىلىشقا تېگىشلىك ھەربىرئىشتا ئەستايىدىل بول. ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭدىن ھالقىغان تەلىپى بولمايدۇ.
يەتتىنچى تەۋسىيە: سەن ھەرگىزمۇ ئاتا-ئاناڭنىڭ مۇھەببىتىنى ئۇنتۇپ قالما
تۇرمۇشتا قانداق ئىشلاريۈزبېرىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ ئائىلە- ھامان سېنىڭ ئائىلەڭ. مەيلى سەن قانداق مۇشكۇلاتقا يولۇققىن، سەن بۇلارنى ئائىلەڭدىكىلەرگە ئېيتساڭ تامامەن بولىدۇ، ئائىلەڭدىكىلەر ساڭا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەمدە بولىدۇ. ئائىلە -مەڭگۈ سېنىڭ ئارقا تېرىكىڭ.
سىنا تورى مائارىپ قانىلىدىن تەرجىمە قىلىندى