خەنلەردە سەھەرتۇرغان قۇش قۇرۇتنى كۆپ يەيدۇ دەيدىغان بىرگەپ بار، بۇسەھەر تۇرۇشنىڭ بەرىكىتى ھەققىدە ئېيتىلغان. لېكىن سۆيۈملۈك كارىۋاتتىن ئايرىلىش بەزى دوستلار ئۈچۈن ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە. ئەمەلىيەتتە، باشقىلار سەھەر تۇرالىغان ئىكەن، سىزمۇ سەھەرتۇرالايسىز. سەھەر تۇرۇش بىرئادەتلىنىش مەسىلىسى خالاس، تۆۋەندە بۇ سەھەر تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەققىدە ئاز-تولا «مەسلىھەت» بېرەي:
1.ئالدى بىلەن ياتاق ئۆي مەسىلىسىنى ئويلىشىش كېرەك. ھازىر كۆپىنچە كىشىلەردە ياتاق ئۆيىگە تېلېۋىزور، كومپيۇتېر ئورنىتىش ئادىتى مەۋجۇت بۇ نەرسىلەر تەبىئي ھالدا سىزنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىڭىزنى كېچىكتۇرىۋىتىدۇ، بۇكاساپەتلەرنىڭ ئايرىم ئۆيىدە بولىشى ھەرقايسى جەھەتتىن پايدىلىق ئەلۋەتتە.
2.ياتاق ئۆينىڭ ھاۋاسىنى يەڭگۈشلەشكە ئەھمىيەت بېرىڭ، ياز كېلىۋاتىدۇ بولسا كېچىسى دېرىزىنىڭ بىرقانىتىنى ئېچىپ قويۇپ ھاۋا ئالمىشىشقا شارائىت يارىتىڭ.
3.كۈندىلىك تۇرمۇشتا مەلۇم يوسۇندىكى ئارام ئېلىش تەرتىپى بولسۇن، مەيلى ھەپتە ئاخىرىدىكى ئارام كۈنلىرىدە بولسۇن، ھېيت-بايراملاردا بولسۇن ئامال بار بۇتەرتىپ نورمال ئىجرا قېلىنشىى كېرەك. (ئەمما بۇنى قىلماقنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىگە ئۆزۈم گۇۋاھ)
4.ئويغىنىپلا چىراقنى يېقىۋىتىڭ، چۈنكى قاراڭغۇلۇق ئۇيقۇنىڭ ياخشى دوستى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يورۇقلۇق ئادەم بەدىنىدە فىزولوگىيىلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئويغىنىپ بولۇپ، تورۇسقا قاراپ يېتىۋەرمەي، دەرھال چىراقنى يېقىپ بەدىنىڭىزنى تولۇق ئويغىتىڭ.
5. ھەراست، ئويغانغاندىن كېيىن يېتىپ تۇرۇپ ئانچە-مۇنچە كېرىلىڭ. بىرماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە ئويغىنىپلا دەرھال ئولتۇرۇش ، ئورندىن تۇرۇش يۈرەككە زىيانلىق ئىكەن، شۇڭا بەكەرەك كۈچىۋەتمەي كېرىلىش ئارقىلىق ئۈگە-ئۈگىلىرىڭىزنى جاي-جايىغا چۈشۈرۈپ ئاندىن ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.
6. سوۋىتىۋالغان قايناق سۇ بارمۇ؟ بولمىسا بۇندىن كېيىن تەييارلاپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ئىگىلىشىمچە سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئېچىپ بېرىش تەن-سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، سەھەردە سۇ ئىچكەندە بەدەننى تېزسۈرئەتتە ئويغىتىدىكەن. ئەلۋەتتە ئۇنى ئېچىشتىن ئاۋال مۇزدەك سۇدا يۈز-قولىمىزنى يۇيىمىزتېخى…
7.ئەتە قىلىدىغان ئىشلىرىڭىزنى رەتكە تېزىپ بىر ئەسكەرتمە تېزىسى تۈزۈشنى ئادەت قىلىڭ، ئۇنى ياستۇقىڭىزتۈۋىگە ياكى تازىلىق ئۆيىدىكى كۆرۈش ئەينىكىنىڭ مۇۋاپىق يېرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. بۈگۈن شۇنچە كۆپ ئىشلارسىزنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرسا ئەلۋەتتە سەھەررەك تۇرۇشىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ-دە.
8.بولسا سىزنى ئويغىتىۋىتىغان بىرئادەم بولسا تېخى ياخشى. بالا ۋاقتىڭىزدىغۇ ئاپىڭىز شۇنداق قىلىدۇ، توي قىلغاندىن كېيىن ئايالىڭىز بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ (گەپ شۇنداق زىرەك خوتۇن ئالالىشىڭىزدا) ئەمما يالغۇز تۇرىدىغان بويتاق بولۇپ قالسىڭىزچۇ؟ قوڭغۇراقلىق سائەت كېرەك. لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ ھامان بىركۈنى ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ. بويتاق بۇرادەرلەرگە تەكلىپىم، چاققانراق سەمىمى، كۆيۈمچان قىزدوست تېپىڭ، ئۇھەركۈنى سەھەردە سىزنىڭ تېلېفۇنىڭىزنى سايرىتىپ قويسۇن.
9.ئۆزىڭىزنى مۇكاپاتلاڭ. سەھەر تۇرۇشنى مەشىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، بولسا ئۆزىڭىز ياقتۇرۇدىغان مۇزىكىلارنى قويۇپ قويۇش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى مۇكاپاتلاڭ، ئەلۋەتتە باشقا شەكىلدىكى مۇكاپاتلاشنى ئويلاپ تاپسڭىزمۇ بولىدۇ.
10.يۇقىرى ئاۋازدا ئۆزىڭىزنى تەبرىكلەڭ. ئالدىنقسىىنى قىلىشىنى ياقتۇرمىسىڭىز ئورنىڭىزدىن سەھەر تۇرغاندىن كېيىن باشقىلارغا دەخلى قىلمىغۇدەك يۇقىرى ئاۋازدا (يالغۇز بولسىڭىز تېخىمۇ يۇقىرىراق) :« يارايسەن ۋەتەن( بۇيەرگە ئۆز ئىسمىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ) سەن يەنە سەھەر ئويغاندىڭ! يېڭى بىركۈننى ھەممىدىن بۇرۇن كۈتۈۋالدىڭ، سەن نېمە دېگەن قالتىس! تەڭرىم، مېنىڭ ھەركۈنى سەھەر تۇرۇشۇمغا مەدەت بەرگىن!»دەڭ.