قانداق قىلغاندا بالىلارنى ماتېماتىكاتېخىمۇ يىقىنلاشتۇرغىلى،ئۇلارنىڭ ماتېماتىكىلىق تەپەككۈر قىلىشقا بولغان مايىللىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ تەبىئىي پەنلەرنىڭ بولۇپمۇ ماتېماتىكىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتقان نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار نۆۋەتتە بۇ مەسىلىگە چوقۇم قىزىقىدۇ دەپ قارايمەن." />
  • قوللانچى: پارول:

ئائىلىدە سىزمۇ بىر ياخشى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولالايسىز

قانداق قىلغاندا بالىلارنى ماتېماتىكاتېخىمۇ يىقىنلاشتۇرغىلى،ئۇلارنىڭ ماتېماتىكىلىق تەپەككۈر قىلىشقا بولغان مايىللىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ تەبىئىي پەنلەرنىڭ بولۇپمۇ ماتېماتىكىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىۋاتقان نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار نۆۋەتتە بۇ مەسىلىگە چوقۇم قىزىقىدۇ دەپ قارايمەن.
ئەمەلىيەتتە،بۇنىڭ جاۋابى بەك ئاددى،ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بولسا،ئالاھىتەن يېتەكچى تەكلىپ قىلمىسىڭىزمۇ،ئۇنىڭ ماتېماتىكا سەۋىيىسىنى ، قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايسىز.


ئەگەربالىڭىز ماتېماتىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىلا ئىكەنلىكىنى، ماتېماتىكىلىق تەپەككۈر قىلىشنىڭ ئىنتايىن قىزىقارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالىسا،ئۇنداقتا تەبىئىيلا بۇ »قىيىن» پەننى ياقتۇرۇپ قالىدۇ.
ئۇنداقتا قاراپ باقايلى، بالىڭىزنىڭ ئەتىراپىدا قايسى جايلاردا ماتېماتىكا باركىن؟

ئاشخانا ئۆيىدىكى ماتېماتىكا

ئاشخانا ئۆي-ئەمەلىيەتتەناھايىتى ياخشى  بولغان سىنىپ ھېسابلىنىدۇ.سىز بازاردىن سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلگەن كۆكتات، مېۋە-چىۋە قاتارلىقلارنى بالىڭىز بىلەن بىرگە رەتلەڭ. سىزئۇنىڭغا يۇقارقىلارنى تۈرى،رەڭگى،شەكلى قاتارلىق خاسلىقلىرى بويىچە ئايرىشنى تاپشۇرسىڭىزبولىدۇ،ئۇ چوقۇم بۇ ۋەزىپىنى قىزغىنلىق بىلەن ياخشى ئادا قىلىدۇ.
تاماق تەييارلاش باشلاندى، سىزمەلۇم ھەجىمدىكى قاچا ياكى ساپلىق دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئۇن،ياغ،گۇرۇچ قاتارلىقلارنى ئۆلچەپ ئالسىز،بۇ يەردە ئەلۋەتتە مىقدارھەققدىكى دەسلەپكى چۈشەنچىلەر بېرىلىدۇ.ئۇندىن باشقا تۈرلۈك تاماقلارنىڭ نەچچىلىك ۋاقىتتا پىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈش ئارقىلىق ۋاقىتقا دائىر بىلىملەرنى، گۆشنان، قازان نىنى قاتارلىقلارنى تەييارلىغان كۈنلىرى بالىڭىزغا كېسىپ بەرگەندە، ئۇنىڭدىن»ئىككىدىن بىرىنى يەمسەن ياكى تۆتتىن بىرىنىمۇ ؟…»دېگەندەك ماتېماتىكىلىق ئۇقۇملارنى سىڭدۈرىۋەتسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

تاللابازىرىدىكى ماتېماتىكا
تاللا بازىرىغا كېرىپ مال سېتىۋالمىساقمۇ،بالىمىزغا  ماتېماتىكا دەرىسى ئۆتىۋىلىشقا بولىدۇ.سىزبالىڭزنى تاللا بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ،ئۇ ياخشى كۆرىدىغان تاۋارلارنىڭ باھاسىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا قايسى تاۋارنىڭ ئەڭ قىممەت،قايسىنىڭ ئەڭ ئەرزان ئىكەنلىكىنى سېلىشتۇرۇپ چىقىش ۋەزىپىسىنى بەرسىڭىزبولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئوخشاش بولمىغان ئورام-قاپلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى،بۇيۇملارنىڭ رەڭگى،تېگىشش سېزىمى قاتارلىقلارنى سىلاشتۇرۇپ چىقالايدۇ، قاراڭ بالىڭىز ئىككىنچى دەرىجىلىك تۈرگە ئايرىشنى بىلىۋالدى!
ۋاي ،تېخى سىز بالىڭىزدىن سۆيۈنۈپ كېتىپ، ئۇنىڭغا بىرسوۋغات سىتىۋالدىڭىز،ياخشى ئۇنداقتا ھېسابات قىلىشتىن ئىبارەت ھەقىقىي ماتېماتىكلىق مەسىلىدىن بىرسى چىقتى.
سېتىۋالغان نەرسىڭىزنىڭ بىردانىسى بىر يۈەن، ئۇنداقتا سىز سېتىۋالغان 10 دانىسى قانچە پۇل بولدى؟…ھاھ-ھاھ بۇنى سىزدىن سورىمىدىم جۇمۇ.

يول ئۈستىدىكى ماتېماتىكا

سىز ئەمەلىيەتتە دائىم دېگۈدەك بالىڭىزنى ئېلىپ ئۇ-بۇ سەۋەبلەر بىلەن سىرتلاردا يول يۈرىسىز.ئەلۋەتتە بۇ جەرياندىمۇبالىڭىزغا ماتېماتىكا دەرىسى بېرەلەيسىز. ئۆيىڭلار بىلەن كۇتۇبخانىنىڭ ئارىلىقى قانچىلىك؟ مەكتەپنىڭچۇ؟
ئۇ يول بويى خىلمۇ-خىل رەڭدىكى ماشىنىلارنى كۆزىتىدۇ، ئوخشاش بولمىغان نومۇر تاختىلىرىنى كۆرىدۇ.ھىم،مانا ماشىنا نومۇر تاختىسىدىن ئوبدانلا بىر ماتېماتىكلىق ئويۇن ھازىرلىغىلى بولىدۇ. ئىككىڭلار كىمنىڭ نۇمۇرتاختىسىدىكى نومۇرلارنى تولۇق يادىدا تۇتالايدىغانلىقى ھەققىدە بەسلەشسەڭلار بولىدۇ.بۇ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەمەسمۇ؟

ئۆي ئىشلىرىدىكى ماتېماتىكا
بىلىسىز بالىلارنى كېچىكىدىن چامى يەتكەن ئۆي ئشىلىرىغا سېلىشنىڭ پايدىسى كۆپ،ئەگەر بۇ جەريانغا ماتېماتىكا قىتىۋەتسەكچۇ؟
بالىڭىزغا چېچىلىپ ياتقان پايپاقلارنى يىغدۇرۇڭ،ئۇ رەڭ ۋە چوڭ-كىچىكلىكى ماس كېلىش ئۆلچىمى  بويىچە توپلىسۇن.
كىرلارنى كىرئالغۇغا سالدىڭىز ئۇنداقتا پاراشۇك سالىدىغان ۋاقتىڭىزدا ئەسكەرتىپ قويۇڭ:ئالدىنقى قېتىم بىز پەقەت بىر قوشۇق پاراشۇك سالغان ئىدۇق، بۇقېتىم ئىككى قوشۇق سالىمىز،چۈنكى بۈقىتىم يۇيماقچى بولغان كىرىمىزئالدىنقى قېتىمقىنىڭ ئىككى ھەسسىچىلىك كېلىدۇ.

ئەركىلىتىپ ئوينىتىشتىكى ماتېماتىكا

بالىلارنى دائىم دېگۈدەك ئەركىلىتىپ ئوينىتىمىز، بۇ ئۇلارغا زور خۇشھاللىق تۇيغۇسى بەخىش ئېتىدۇ.نۇرغۇن ئويۇنلاردا كونتاكىت ھادىسى مەۋجۇت. مەسىلەن : چاۋاك چېلىپ ئويناش، تارتىشىپ ئويناش قاتارلىقلاردا. بۇنداق چاغلاردا بىزساناق سان ساناپ بەرسەك، بالىلارنىڭ ئېسىدە قىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
….
ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇش ماتېماتىكا بىلەن ئىنتايىن زىچ باغلىنىپ كەتكەن،كېچىك بالىلارنى ماتېماتىكىغا يېتەكلەشتە ئەڭ ئاددىي، تەبىئي ئۇسۇللاردا ئاز-ئازدىن ئۇقۇم يېتىلدۈرۈش كېرەك دەپ ئويلايمەن.





7 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • تىلسم جاۋاب

    بۇ چارىلەر ياخشىكەن، ئانا بولۇپ قالسام ئەسقاتقۇدەك،رەھمەت سىزگە

  • ماۋۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئۇسۇلكەن! سىناپ باقسام بولغۇدەك…

    • سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ مېنىڭچە

  • بالام ئۈچ ياشقا كىرەي دەپ قالدى . بىردىن ئونغىچە پۈتۈن سانايدۇ . يىگىرمىگىچە چالا ، ئوتتۇزغىچە بۇزۇپ سانايدۇ ….
    ئۇ بەك كەپسىز بولغاچ . تولاراق يۇقۇردا دېيىلگەن ئۇسۇل ئارقىلىق دېققتىنى بۇرايمەن . مەسىلەن : ئاچىسىنىڭ يۇيۇپ قۇرۇتۇلغان پايپاقلىرىنى ئۇنىڭغا قاتلىتىمەن . نەتىجىدە ئۇ پايپاقلارنىڭ رەڭگىنى ، جۈپتىنى ، سانىنى بىلىۋالىدۇ . ئۆي ئۇنىڭ ئويۇنچىلىقلىرى بىلەن قالايمىقان بولۇپ كەتكەندە، ئۆزىگە رەتلىلىتىمەن . نەچچە ماشىنا بار ، تاپانچا تولۇقمۇ ؟ رەسىملىك كىتابىڭ تولۇقمىكەن ؟ بۇنىڭدىمۇ ئۇ ئۆز ئويۇنچىلىقلىرىنىڭ سانىنى بىلىۋالغاچ ، ئۆز ئىشىغا پۇختا بولۇشقا پايدىسى باركەن . كۆكتات ئاقلاۋاتقاندا ، سامساق چىشلىرىنى تۇتقۇۇزۇپ قويۇمەن ، سانىيالايدۇ . ئۆيگە بىردىن يۈزگىچە رەقەملەر يېزىلغان جەدۋەل ئەكىلىپ قويدۇم . بالىلار تاتلىققا بەك ئامراق كېلىدىكەن . شۇڭا ، تاللا بازارلىرىدىكى قۇتىلىق كەمپۇتنى ئەكىلىپ بېرىپ ، يېنىغا يەنە بىر سۇلياۋ قاچا قويۇپ بېرىمەن . ئۇ كەمپىتلەرنى ساناپ ئۇ قاچىدىن بۇ قاچىغا ئېلىپ ، سېلىپ ئوينايدۇ . مەن ئىشلىرىمنى خاتىرجەم قىلىۋالىمەن ….

    • بۇ ئوغلىڭىز يۈكسەلنىڭ گېپمۇ؟ ئۇنىڭ ساغلام ،سەگەك چوڭ بولۇشىنى تىلەيمەن . مەنمۇ قىزلىرىم ئايقۇت بىلەن ئايچىن ئىككىسىنى مۇشۇ ئۇسۇلدا يېتەكلەۋاتىمەن…

  • شۇنداق ، ئوغلۇم يۈكسەلنىڭ گېپى . ھازىرقى بالىلارنى باقماقتىن تەربىيلىمەك تەسكەن . ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت !

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif