قانداقراق ئەھۋالىڭلار، ياخشى تۇردۇڭلارمۇ؟
يېقىندىن بۇيان كۆزۈم تىلىپ ئاغرىپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كومپيۇتېرئالدىدىكى مەشغۇلاتنى ۋاقتىنچە ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردۈم، شۇڭا تورداشلارغا يېڭى يىللىق سالام يوللاش، بلوگىمنىڭ بىرياشقا توشقان خاتىرە كۈنىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بىريىللىق خۇلاسە چىقىرىش دېگەندەك ئىشلار شۇ پېتى قىلىپ قالغان ئىدى. شۇ ئارىلىقتا يەنە 2011-يىللىق «ئۇيغۇرلاردىكى 10مۇنەۋۋەر بلوگ»نى باھالاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسىمۇ چىقىپ ئېلان قىلىنغان بولدى.
شۇ مۇناسىۋەتتە ئالدى بىلەن بۇ شەرەپكە نائىل بولغان بلوگېر دوستلارنى قۇتلۇقلايمەن. يېڭى يىلداگەرچە بىرەر پارچە تەبرىك كارتىسى تاپشۇرۇپ ئالمىغان بولساممۇ، ئەمما بلوگىم نەق تۇغۇلغان كۈنىدە ئىنتايىن قىممەتلىك بىرسوۋغاتقا ئېرشتى.
2012-يىلى 1-يانۋار، بلوگ ئېلان قىلغىنىمغا نەق بىريىل تولغان كۈن. بۇكۈندە يۈكسەك بلوگى ۋە ئەلداۋا، بىلكان شېركىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئىلىپ بېرىلغان 2011-يىللىق« ئۇيغۇرلاردىكى ئون چوڭ بلوگ» نى باھالاپ چىقىش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، پىقىرنىڭ مەزكۇر بلوگىمۇ بۇقاتاردىن ئورۇن ئالغان ئىدى.
ئەسلىدە، 20نامزات باسقۇچىدىلا سەپىرىنى ئاياغلاشتۇردى دپ قارىغان ئىدىم، ئەمما ئاخىرقى نەتىجە مېنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلدى.
پائالىيەت بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندابلوگىمنى يوقلاپ تۇرىدىغان بىرقانچىلىغان ئوقۇرمەنلىرىم، دوست-بۇرادەرلىرىم ئۇچۇر يوللاپ ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچقايسى )جۈملىدىن مەنمۇ( بېلەت تاشلاش بېكىتىلگەن مۇنبەرلەرنىڭ ھېچقايسىغا ئەزا ئەمەس ئىدى.
1-يانۋار نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارمۇ خۇشال بولۇشتى ھەم ئۇچۇر يوللاپ تەبرىكلەشتى.
شۇنداق ئويلاپ قالدىم، گەرچە بۇپائالىيەت ئەڭ ئاۋال يۈكسەلدىن ئىبارەت بىلوگېرنىڭ تەشكىللىشىدىن ھۇجۇتقا كېلىپ ھازىرغاقەدەر ئۈچ نۆۋەت ئاساسەن مۇۋاپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى، بۇئاسان ئەمەس. چۈنكى بۇ ھېچقانداق بىر تەشكىلات ياكى ئاپپاراتنىڭ دەپتىرىدە يوق، پەقەت ئۇيغۇر تورداشلارئۆزى بىنا قىلىپ ئۆزى تەشكىللەپ، ئۆزى داۋاملاشتۇرىۋاتقان پائالىيەت.
بۈگۈن تورئارىلاپ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلارغا كۆزيۈگۇرتسەم، بىرقىسىم تورداشلار باشقىچە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپتۇ، ئەلۋەتتە ئوڭ تەرىپىدىن قارىغاندا بۇمۇ مەزكۇر پائالىيەتكە كۆڭۈل بۆلگەنلىك ئەلۋەتتە. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى تور تۇرمۇشىمىزدىكى ئىجادىيلىققا، ئۈمىدكە ھامىلدار بولغان بۇ پائالىيەت ھەربىر نۆۋەتتە پىشىپ يېتىلگۈسى، مۇكەممەللەشكۈسى.
ئاخىرىدا ئۆتكەن بىريىلدا بلوگىمنى زىيارەت قىلىپ كۆزىنى چارچاتقان بارلىق ئوقۇرمەنلىرىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن ھەم يېڭى يىلدىكى تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەتلىرىگە بەرىكەت تىلەيمەن