بىرى-بىرىدىن ئاددى سوئاللار، ئەمما سىز راستىنلا جاۋاب بېرەلەمسىز؟ سىز ھەركۈنى ھەرچوڭ ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش بولىشىڭىزمۇمكىن، ئەمما بۇ كىچىك مەسىلىلەر ھەققىدە سىز بۇكەمگىچە سوغۇققانلىق بىلەن ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقمىغان بولىشىڭىز ئېھتىمالغا بەك يېقىن.
ئۇنداقتا، ئاۋال بۇ سوئاللارنى كۆرۈڭ، ئاندىن ئوبدان ئويلىنىپ، سەمىمىيلىك بىلەن جاۋاب بېرىپ چىقىڭ، ئىشىنىمەنكى ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيسىز.
1.بىريىل ئاۋال سىز قىلالمايدىغان ئىشلاردىن قايسىلىرىنى ھازىر قىلالايدىغان بولدىڭىز؟
2.يېقىندىن بۇيان سىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئويلايدىغىنىڭىز نېمە؟
3.ھازىر، دەل مۇشۇ پەيىتلەردە سىز نېمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق؟
4.سىزگە نىسبەتەن مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە؛ بەخت، پۇل، سۆيگۈ، ساغلاملىق، ئابرۇي قاتارلىقلارنى تېزىپ بېقىڭ؟
5.ئالدىنقى ئايدىكى تۇرمۇشىڭىزنى بىرلا ئىغىزگەپكە يىغىنچاقلاپ بېقىڭ؟
6.نۆۋەتتە، تۇرمۇشىڭىزدا سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىڭىز نەدىن كېلىدۇ؟
7.بىرلا جۈملىگە يىغىنچاقلاپ بېقىڭ، سىز زادى كىم؟
8.سىز نېمىڭىزگە تايىنىپ نام قازىنالايسىز؟
9.ئەگەرسىز دۇنيانىڭ يەنە بىرچىتىگە كەتسىڭىز، سىزنى ئەڭ سېغىنىدۇرىدىغان نەرسە نېمە؟
10. تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، ئەگەر تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن كىلەر يىلىغىچە ياشىيالىسىڭىز، كىلەريىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندە سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزقانداق بولىدۇ؟