دۇنياۋى نوپۇزلۇق ئورگان، شىۋىتسارىيە ماركاقىممىتىنى ئانالىزقىلىش ئاپاراتى BV4 ۋە تېخنىكا ھەمراھى HWZ يېقىندا 2012-يىللىق ئىجدىمائى ئالاقە ۋاستىلىرى ماركىلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش دوكىلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار پۈتكۇل دۇنيا مېقىياسىدا2012 -يىلىدىكى قىممىتى ئەڭ يۇقۇرى بولىدىغان ئىجدىمائى ئالاقە تورلىرىغا نېسبەتەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بۇ يەكۈننى چىقارغان ئىكەن.
تەكشۈرۈش خارەكتىرى ئاساسەن ئىجدىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ ماركا تەسىرى ۋە ماركىنىڭ پۇلغا سۇندۇرۇلغان قىممىتى بولغان بولۇپ، 50 تىن ئارتۇق تەسىرى كۈچلۈك ئىجدىمائى ئالاقە مىدىيالىرىنىڭ ئىچىدىن ئالدىنقى 10كۈچلۈك تاللاپ چىقىلغان، ئۇلارتۆۋەندىكىچە:
رەت تەرتىپىدىن كۆردۇقكى يەنىلا دۇنيا ئىجدىمائى ئالاقە تورلىرىنىڭ سەركىسى بولغان Facebook、YouTube ۋەTwitter ئۈچى(بۇلارنى ئىجدىمائى ئالاقە تورى ساھەسىدىكى «ئۈچ چەۋەنداز» دەپ قويساق بولغۇدەك) ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان. ماركا مۆلچەر قىممىتى Facebookنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولۇپ 29مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، ئۇنىڭدىن قالسا YouTube نىڭ 18مىليارد ئامېرىكا دوللىرى،Twitter نىڭ 13مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
بۇيەردىكى ئەقلىمىزنى لال قىلدىغان ماركا باھاسى- پەقەت ئۇلارنىڭ ھەيران قالارلىق زىيارەت ئىقىمىنىلا كۆزدە تۇتقان بولماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ يەرشارى مىقىياسىدىكى تونۇلۇش نېسبىتى، ئابۇنت مىقدارى قاتارلىقلارمۇ كۆزدە تۇتۇلغان.مەسىلەن Facebookنىڭ ئابۇنت سانى تەخمىنەن 840مىليۇن(دۆلىتمىزنىڭ يېزانوپۇسىدىنمۇ كۆپ دېگەن گەپ بۇ) غا يەتكەن بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتقاندا دۇنيادىكى ھەرسەككىزنەپەر ئادەمنىڭ بىرىدە Facebook ھېساباتى بولغان بولىدۇ!
قاراپ باقساق بۇ ئۈچ چەۋەندازنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىلىق ئىكەن، بۇلاردىن باشقا بۇقېتمقى تەكشۈرۈشتە بايقالغان خىلى كۆپ يوچۇن ماركىلار بولۇپ، جۇڭگونىڭ QQبوشلۇقى4-ئورۇندا، سىنا مىكرو بىلوگى 5-ئورۇندا، تېڭشۈن مىكروبلوگى 8-ئورۇندا پەيدا بولۇپ ئۆزىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭدىن تاشقىرى Facebookبىلەن بىركەسىپتىن بولغان روسىيىنىڭVKontakte ۋە جۇڭگونىڭ ئاۋام تورى ئايرىم-ئايرىم 11-ۋە 12-ئورۇنغا ئۆتكەن.
BV4تەكشۈرۈش ئاپاراتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئورگىنىMax Meisterنىڭ بىلدۈرۈشىچە: نۆۋەتتە ئىجدىمائى ئالاقە ۋاستىلىرى ماركاقىممىتى يېڭىدىن تېز ئىشىۋاتقان بازارلار جۇڭگو، روسىيە، بىرازىلىيىە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىكەن.
شەخسى پاراڭ: Facebook、YouTubeۋە Twitter لارنىڭ ئىسىمىنى ھەر كۆرسەم كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ، خۇددى كومپيۇتېرىم تورغا ئۇلانمىغاندەك تۇيغۇدا بولىمەن.