• قوللانچى: پارول:

سىز ئىشىنەمسىز؟ئىشقىلىپ مەن ئىشىنىمەن،بەخت دېگەن شۇنچىلىكلائاددىي بىر تۇيغۇ

بۈگۈن 2011-يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئېيىغا قەدەم قويدۇق،چۈشلۈك ئارام ۋاقتىدا ئىشخانىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ ئۆتۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان «2011-يىلىم»ھەققىدە ئويلنىپ قالدىم ۋە تەبىئىيلا بەخت تۇيغۇسى ھەققىدە پىكىر يۇرگۇزۈپ قالدىم.
ئىنسان ھاياتىدا بەخت دېگەن نەرسىنى ئىزەدپ ئۆتىدىكەن ،ئۇنداقتا بۇ بەخت زادى قانداق نەرسە؟ئەمەلىيەتتە بەخت يېنىمىزدىكىلا نەرسە ئىكەن .سىز ئىشىنەمسىز؟ئىشقىلىپ مەن ئىشىنىمەن ،بەخت دېگەن بەكلا ئاددى بىر تۇيغۇ،خۇددى تۆۋەندىكىدەك :
1. شۇنداق بىرناخشا باركى سىزنى ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ خۇشال دەملەرگە باشلاپ بارىدۇ.بۈگۈن شۇنداق ناخشا ئاڭلىدىڭىزمۇ؟
2. يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىپ ،يىنىڭىزدا سىزگە ھەقىقى مۇھەببەت بىغىشلاۋاتقان ئادىمىڭىزنىڭ يىنىككە نەپەس ئېلىشنى تىڭشاپ قالىسىز.سىزنىڭ شۇنداق ئادىمىڭىز بارمۇ؟
3. ئېھتىياتسىزلىقتىن باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزنى ماختاشلىرىنى ئاڭلاپ قالىسىز.بۈگۈن شۇنداق ئېھتىياتسىزلىقنى سادىر قىلدىڭىزمۇ؟
4. پەرىزىڭىز ئويلىمغان يەردىن توغرا چىقىپ قالىدۇ.بۈگۈن بىرەرسىنى شۇنداق قىلىپ ھەيران قالدۇردىڭىزمۇ؟
5. ئەسلىدە تولىمۇ قاتمال ھالەتتە تۇرىۋاتقان بىر مەسىلە ھەققىدە توساتتىنلا كاللىڭىزدا بىرھەل قىلىش چارىسى پەيدا بولۇپ قالدى.مۇشۇنداق خۇشاللىق تەمىنى تېتىپ باقتىڭىزمۇ؟
6. سەھەر ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا ،ئۆزىڭىزنى بەكمۇ كىلشىكەن ياكى چىرايلىق ھېس قىلدىڭىز.ئۆزىڭىزنى بىرەرقېتىم شۇنداق تونۇپ باقتىڭىزمۇ؟
7. ئۆيدە پەرىشان ئولتۇراتتىڭىز،تېلېفۇنىڭىزسايراپ،قارشى تەرەپ سىز يۈتتۇرۇپ قويغان ھەمياننى تېپىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداق بىر سەمىمى ناتونۇشقا ئۇچىراپ باقتىڭىزمۇ؟
8. ئىمتىھان ۋاقتىدا، مەلۇم بىرقىيىن سۇئالنىڭ جاۋابىنىڭ ئەمەلىيەتتە شۇسۇئالنىڭ بېرىلىشىدىلا مانامەن دەپ تۇرغانلىقىنى بايقاپ قالدىڭىز. سىزئىمتىھان مەيدانىدا شۇنداق بايقاش سەۋەبىدىن پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ تاشلىغانمۇ؟
9. ئىشداشلرىڭىز بىر داڭلىق يازغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئىسىگە ئالالمايۋاتقان پەيتتە سىز ئۇلارغا ئېيتىپ بەردىڭىز.سىزبۈگۈن باشقىلارنىڭ مەمنۇنلۇق بىلەن بىقىشلىرىغا نائىل بولدىڭىزمۇ؟
10. مۇنداقلا بىر ئىغىزقىزىق پاراڭ قىلىپ قويىۋىدىڭىز،ئەتىراپتىكىلەر دەسلىۋىدە تىلىقپ،ئاخىرىسىدا دۇمىلاپ كېتىشتى.سىز بۈگۈن بىرەر دوستىڭىزنى كۈلدۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟
11. …..
12. ….
13. ….
بىركىشى شۇنداق دەپ يېزىپتىكەن:«مەن ھەركۈنى سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرغاندا ،دۇنيادا يەنە نەچچە يۈزمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ مۇشۇ دەقىقىلەرگە ئۇلىشالماي ئۆلۇپ كەتكەنلىكىنى ئويلاپ،ئەي تەڭرىم ماڭا يەنە بىركۈنلۈك پۇرسەت بەرگەنلىكىڭگە مىڭ مەرتىۋە شۈكرى دەيمەن،چۈنكى ھاياتتىنمۇ ئارتۇق پۇرسەت،بايلىق ۋە بەخت بارمۇ؟»
سىز ئىشىنەمسىز؟ئىشقىلىپ مەن ئىشىنىمەن ،بەخت بىر ئاددىي تۇيغۇ خالاس ،ئۇ يىنىمىزدىلا.تۇرمۇشتىن ئۇنى بايقاشنى بىلسەكلا…
يازمىنى ئوقۇپ بولدىڭىز،ئۇنداقتا سىز بۈگۈن بەخت يىنىدىن نەچچە قېتىم ئۆتۇپ كېتىپسىز؟
مەن بىردەمدىن كېيىن بلوگنىڭ ئارقابېتىگە ئۆتۆپ تورداشلاردىن چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ باريوقلۇقىغا قارايمەن،بىر بلوگېرئۈچۈن ئەڭ ئەقەللىي بەخت تۇيغۇسىنىڭ نېمە ئىكەنلكىنى بىلسىڭىز كاشكى…ھاھاھا…





4 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بار؛
    قىلىدىغان ئىشى بار؛
    كۈتكەن ئارزۇسى بار.
    بەخت دىگەن شۇ!

  • ھى ھى، بلوگىرنىڭ خۇشاللىقى ئىنكاسلار پونتاندەك تولۇپ كىتىشقۇ دەيمەن. بۇ يازما ماڭا بەك يارىدى. ئاللاھ خالىسا كۆپرەك سادىر قىلسام بۇلارنى.

  • بىلسەبىر جاۋاب

    ۋۇۇۇۇۇ…مەن نۇرغۇن بەخىتـلىك پەيىتلەرنى ئۆتكۈزىۋىتىپتىمەن……سىزنى بىر قېتىم بەخىـت تۇيغۇسغا چۆمدۈرۋىتەي.ھە.ھى ھى ھى ھى

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif