ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر ئاخبارات ۋاسىتىسى ئامېرىكىلىق ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىنى تەكشۈرۈپ – تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ 12تۈرلۈك ئائىلە تەربىيىسى قائىدىسىنى يەكۈنلەپ چىققان .
1. مۇھىت پرىنسىپى : بالىلارنىڭ ساغلام بولغان ئائىلە مۇھىتىدا ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش .
2. ئۈمىد پرىنسىپى : بالىلار ھايات مۇساپسىدە مەڭگۈ ئۈمىدىنى كۆرەلەيدىغان بولۇش .
3.كۈچ پرىنسىپى : بالىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ باراۋەر بولۇش ،ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى پەش قىلماسلىق .
4. باشقۇرۇش پرىنسىپى : بالىلار ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغىچە بولغان ئارىلىقتا چىڭ تۇتۇپ باشقۇرۇش ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى .
5. سادا پرىنسىپى : گەرچە بالىلارنىڭ ئائىلىدە قارار قىلىش ھوقۇقى بولمىسىمۇ ،بىراق ئۇلارنىڭ ساداسىنى ئەستايىدىل ئاڭلايدۇ .
6. ئۈلگە پرىنسىپى : ئۆزى ئۈلگە بولۇشنىڭ بالىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى غايەت زور بولىدۇ .
7. پىكىردە بىرلىككە كېلىش ۋە ئۆزقارىشىنى ساقلاپ قىلىش پرىنسىپى : بالىلارنىڭ شەيئىلەرگە بولغان كۆزقارىشىنى ھۆرمەت قىلىش ،ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۇلارنى چۈشىنىدۇ .
8.جازالاش پرىنسىپى : بۇ ھەرىكەت ئاسانلا بالىلاردا قارشىلىق ۋە ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ ،شۇڭا ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق ۋە سەزگۈرلۈك بىلەن قوللىنىلىدۇ .
9. ئاقىۋەت پرىنسىپى : بالىلاردا ئۆزلىرى قىلىۋاتقان ھەربىر ھەرىكەتنىڭ رېئال دۇنيادىكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئويلىنىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈش .
10. «20يارد» پرىنسىپى : بالىلارنىڭ مۇستەقىل مەيدانىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلاربىلەن ئاز دېگەندىمۇ 20يارد ئارىلىق قالدۇرۇش .
11. تۈزۇمچانلىق پرىنسىپى : بالىلار كىچىكىدىن تارتىپ ئەخلاق بىلەن قانۇننى پەرق ئىتەلەيدىغان بولۇش .
12. ئۆيگە قايتىش پرىنسىپى : ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ، قانداق جايدا بولۇشىدىن ،قانداق ئىش قىلىۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۆيگە قايتىش ۋاقتىغا رىئايە قىلىش .
يۇقىرىقى 12 پرىنسىپتىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى بالىلىرىنىڭ ئوقۇشى ، ئۆگىنىش نەتىجىسى ،ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش …قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى قانداق ئادەم بولۇش . ئەخلاق ۋە ساپاغا ئېتىبار بىرىش .
خەن تىلىدىكى «ساپا مائارىپى» مۇنبىرىدىن تەرجىمە قىلىندى