كىچىك قىزىم ئايچىن ئىككى ياشتىن ئاشتى، بەك زىرەك. ئەمما بىرقانچە سۆزدىن باشقىنى، تاشقى پىلانت تىلىدا ئىپادىلەيدۇ. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە بالىنىڭ تىلى كېچىكىپ چىقسا ، ئەقىللىق بولارمىش؟! تۇرۇپ راستمىكىن دەپ قالىمەن، چۈنكى ئۇ راستىنلا بەك زىرەك، چۈشىنىش قابىلىيىتىمۇ بەك ياخشى. لېكىن بۇنداق دەپ باھانە كۆرسىتىش ئىلمىيلىق ئەمەستە. بۈگۈن مەن دەل مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە گۇگۇل ئىزدىگۈچنى مالتىلاپ، خىلى كۆپ ماتېرىياللارنى كۆرۈپ باقتىم، تۆۋەندىكىسى بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى بىر تەتقىقات نەتىجىسى ئىكەن، بۇ ماڭا ئوخشاش ياش ئاتا-ئانىلارئۈچۈن بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىك نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن، تەرجىمە قىلىپ قويدۇم:
مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا تىلى چىقىۋاتقان بالىلارجەزمەن بىلىشكە تېگىشلىك 25 سۆزنى جەزىملەشتۈرگەن، بۇ سۆزلەر ئويۇنچۇق، يېمەكلىك، ھايۋانات قاتارلىق كۆپ تۈرلەرگە چېتىلىدۇ. ئادەتتە، كېچىكىپ تىلى چىقىشنى كىشلەر ئاڭلاش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلىقتىن ياكى تىلى ئىلىنىپ قىلىش قاتارلىقلارنىڭ سەۋەبىدىن دەپ تونۇيدۇ.
مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرە، تىلى چىقىش دەۋرىدىكى بالىلارئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150 ئەتىراپىدىكى تاق سۆزلەرنى بىلىدۇ، ئەمما75تىن 225كىچە ئارىلىقتا بىلسىمۇ نورمال ھېسابلىنىدۇ، بىراق بۇسان 50 تىن چۈشۈپ كەتسە مەسىلە بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ.
مۇتەخەسسلەرخاتىرىلىگەن بۇ25سۆزياكى سۆزبېرىكمىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بالىلارئەڭ دەسلەپتە ئۆگىنىپ بولۇشقا تېگىشلىك ئىلمىنىتلاردۇر، مەسئۇل تۈرئەزاسى Leslie Rescorla پىروپىسسۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بالىلار24ئاي ئىچىدە بۇلارنى ئۆگىنىپ بولالمىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ تىلى كېچىكىپ چىققان ھېسابلانسا بولىدىكەن.
تىلى كېچىكىپ چىققانلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى سۆزلەرنى قىلالىسا ئاتا-ئانىلار ئەنسىرەپ كەتمەسلىكى كېرەك. بىراق ئىككى يېرىم ياشتىن ئاشقاندىن كېيىنمۇ، تاق سۆزلەرنى ئىپادىلەشتە قىينالسا، ئاتا-ئانىلار بۇجەھەتتە تەدبىر قوللىنىشنى ئويلىشىشى كېرەك، بۇنىڭغا سەل قاراپ، بالىنىڭ يېشىنىڭ ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ ئوڭشىلىپ كېتەر دەپ بىخۇدلۇق قىلسا بولمايدۇ.
تۆۋەندىكىلەر مۇتەخەسسىسلەر ئىنچىكىلىك بىلەن جەزىملەشتۈرگەن، بالىلارئەڭ ئاۋال جەزمەن بىلىشكە تېگىشلىك25 تۈرلۈك سۆزلەر:
ئانا، دادا، قوزام، سۈت، سۇ، ياخشىمۇسىز، توپ، ھەئە، ياق، ئىت، مۈشۈك، بۇرۇن، كۆز، بانان، پېچىنە، ماشىنا، قىزىق، رەھمەت، يۇيۇش، ئاياغ، بۆك، كىتاب، يوق، جىق، خوش.
قوشۇمچە:
بىزدە يەنە كۆپىنچە ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا خىلى مەزگىللىرىگىچە بۇۋاقلارتىلىدا سۆز قىلىپ بېرىدىغان يامان ئادەت بار، مېنىڭچە بۇمۇ بالىلارنىڭ تىلى كېچىكىپ چىقىشنىڭ بىر سەۋەبى بولسا كېرەك.