خىزمەت تەبىقىسىدىكىلەر دىققەت! ھەركۈنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان ۋاقىت 6سائەتتىن ئېشىپ كەتكەندە بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئېشىپ كېتىدۇ! ئەڭ قورقۇنۇچلۇق بولغىنى، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى چېنىقىش ئۆيىدە تەرلەپ-پىشىپ قىلغان ھەرىكىتىڭىزبۇنىڭ زىيىنىنى تولۇقلىيالمايدۇ.
ئامېرىكاراكېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزى14يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ 120مىڭ كىشىنى ئىزقوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە ئاخىرىدا يۇقىرىقى يەكۈننى چىقارغان. شۇڭا، ئۆزۈمنى ئۆزئىچىگە ئالغان بارلىق خىزمەت تەبىقىسىدىكىلەرگە جاكارلايمەنكى: ھاياتنى قەدىرلەپ، ئورۇندۇقتىن يىراق تۇرايلى!
ئەمدى، ھاياجىنىمنى بېسىۋېلىپ گەپنىڭ ئۆزىگە كېلەي؛ بۈگۈن مەلۇم خەنچە بېكەتنىڭ ساغلاملىق سەھىپىسىدە ئالاقىدار مەزمۇننى كۆرۈپ، چۆچۈپ كەتتىم، چۈنكى پىقىرنىڭمۇ ھەركۈنلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇش ۋاقتى ئاز ئەمەس…
تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ئەگەر خانىم-قىزلارنىڭ كۈندە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش ۋاقتى كۆپ بولسا، بۇنىڭ زىيىنىنى خىزمەتتىن كېينكى ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەرىكەت-چېنىقىش بىلەنمۇ تولۇقلاپ بولالمايدىكەن. ئەلۋەتتە، ئەرلەرنىڭمۇ شۇنداقراق. ئامېرىكا راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا،بۇخىلدىكى خانىم-قىزلارنىڭ بالدۇرئۆلۈپ كېتىش نېسبىتى باشقىلاردىن %37 يۇقىرى بولغان.
تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرۈلۈشىچە؛ ھەركۈنى ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرغاندا ترىگلىتسېرىد ۋە خولېستېرولنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ھورمۇنلار تورمۇزلىنىپ قىلىپ، يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
تەتقىقات دوكلاتىنىڭ ئاساسلىق ئاپتورىAlpa Patel نىڭ قارىشىچە؛ سىز ھەركۈنى چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرغۇچى بولغان تەقدىردىمۇ، ھەركۈنى كۆپ ۋاقىت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش ئوخشاشلا سالامەتلىككە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىۋېرىدۇ. ئەلۋەتتە سىز خىزمەت ئۈستىلى ئالدىدا بولۇڭ ياكى يۇمشاق سافا ئۈستىدە بولۇڭ بۇلارنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق.
بۇ تەتقىقات 14يىل داۋام قىلغان بولۇپ، ئىزقوغلاپ تەكشۈرۈش ئوبىيېكتى123216 كىشىگە يەتكەن. تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 62 ياش بولغان.
ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئۇزاق ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە خانىم-قىزلارنىڭ ئورۇندۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش خەۋپى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان.