• قوللانچى: پارول:

گېرمانىيىدە يەسلى تەربىيىسى قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ

گىرمانىيە يەسلى مائارىپى ئەقىدىسى: بىز بالىلارغا بەزى ياخشى ئادەت ،توغرا تەپەككۈر ئۈسۇلى،ۋە توغرا پائالىيەت ئۇسۇلى ئۈگەتسەك بولىدۇ. بىراق بۇنى بالىلارنىڭ ئويناش ھوقۇقىنى ۋە قىممەتىلىك بالىلىق دەۋىرىنى تارتىۋېلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.ھازىر بىز يەسلى تەربىيىسىگە بارغانسېرى ئەھمىيەن بېرىۋاتىمىز.بۇنىڭدا يەسىلى مائارىپىغا توغرا نىشان بەلگىلەش ئىنتايىن موھىم. ئەگەر نشاندىن ئازراقلا چەتنەپ كەتسەك،بالىلارنىڭ تارتىدىغان زىيىنىنى بەلكىم ئۆمۈر بويى تولۇقلاپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.

گىرمانىيەدە بالىلارنىڭ ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ،مەيلى قايسى شىتاپ،قايسى شەھەر ياكى كىچىك بازار بولىمسۇن،ھەممىىسدىلا بالىلار ئۈچۈن بىر پائالىيەت ئۆيى تەسىس قىلىنغان بولۇپ ھەرخىل قىزىقىش –ھەۋەس بۇلۇڭلىرى بارئىكەن،مەسىلەن ،ئويۇىچۇق ئاشخانا،قۇرۇلۇش مودىللىرى،ئويۇنچۇق كىتاپخانا، ئويۇنچۇق باغچا ۋە باشقا ئويۇنچۇقلار.بۇ يەردە بالىلار ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بارسا بولىدىكەن.ئۇنىڭدىن سىرىت ،گېرمانىيەدە زور كۆپ قىسىم بالىلار باغچىلىرىدا ئاددي مۇزىكا ئەسۋاپلىرىدىن باشقا،رويال قاتارلىق مۇرەككەپ مۇزىكا ئەسۋاپلىرى يوق بولۇپ،ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا ناخشا ئېيتىشنى ئۈگەتكەندە ،چاۋاك چېلىپ،ياكى ئۈستەلنى چېكىپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتقۇزىدىكەن،ئۇلار بۇنداق قلىغاندا بالىلار پۈتۈن دېققىتى بىلەن ناخشا تېكىستىنى ئۈگىنەلەيدۇ،ئەكسىچە مۇزىكا بالىلارنىڭ دېققىتىنى چېچىۋىتىدۇ دەپ قارايدىكەن. گېرمانىيەدە يەسلى مائارىپى ئىسلاھاتىمۇ ھەرقايسى جايلاردىكى بالىلار باغچىلىرىنى بىرلىك قىلىدىكەن.دۆلەت بويىچە بىر تۇتاش دەرسلىك ئىسلاھاتى لايىھەسى ياكى ئوقۇتۇش ئەندىزىسى بولمايدىكەن،ھەتتا بىر شتاپتىمۇ بىرلىككە كەلگەن ئوقۇتۇش ئەندىزىسى بولمايدىكەن.ئوقۇتۇش نېشانى ۋە ئەندىزىسىنىڭ زور كۆپچىلىكىنى بالىلار باغچىسى باشقۇرغۇچىسى ئۆزى بېكىتىدىكەن.ئوقۇش ،يېزىش ،ھېساپلاش قاتارلىق ئاساسي بىلىملەر ئېلىپ بېرىلمايدىكەن،پەقەت تەشكىلللىك ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن،ئوقۇتقۇچىلارھېكايە سۆزلەش ،ناخشا ئېيتىش،ئەمگەك قىلىش،سۆزلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى بالىلار بىلەن بىرگە ئېلىپ بارىدىكەن،بالىلارنى تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىشقا يېتەكلەيدىكەن. گېرمانىيە بالىلار مائارىپى تەكىتلەيدىغان ئىككى نوقتا. بېرىنچى نوقتا: ئەمەلىيەت ۋە موھىت تەربىيىسى.بۇ بولسا بىر خىل بالىلارنىڭ موھىتنى ئاسراش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرىدىغان دەسلەپكى تەربىيە.ئەتراپتىكى موھىتنى كۈزىتىش ،ئوخشىمىغان ئاپاراتلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئەتراپتىكى موھىتقا بولغان قىزىقىشىنى ۋە تەبىئەتكە بولغان بېۋاستە سېزىمىنى كۈ چەيتىش كېرەك.بالىلارنى ھەر خىل شەكىللەردە تەبىئەت بىلەن ئۇچراشتۇرۇش،بالىلارنىڭ موھىت ئاسراشتىكى خوجايىنلىق روھىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئالدىنقى شەرت. ئىككىنچى نوقتا: ئەمىلىي تۇرمۇش ۋە ئائىلە تۇزۈمى تەربىيىسى. ئەھمىيىتى بار بولغان موھىت يارىتىپ ،بالىلارغا كوللېكتىپ تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان قابىلىيەتلەرنى ئىگەللەش زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىدۇرۇش كېرەك.مەسىلەن ،كىيىم كىيىش، ھەرخىل ئويۇنچۇقلارنى پىششىق ئىشلىتىشنى بىلىش،ھەر يىلدىكى موھىم كۈنلەرنى بىلىش،ئائىلە ئەمگەك تېخنىكىلىرىنى ئىگەللىۋىلىش بىرقىسىم ئەسۋاپلارنى(مەسىلەن رادېئو،دوخۇپكا) ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋىلىش.جىددى ئەھۋاللارغا نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بولۇش.بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ ،مەشىق ئېلىپ بېرىش كېرەك.

بىر گېرمانىيىلىك بالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،ئۇلارنىڭ باغچىدا تۇرىدىغان ۋاقتى 4000سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىزدىنىش ۋە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ،گېرمانىيە ھەرگىزمۇ بالىلار باغچىسىنى مەكتەپكە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ 4000سائەتتە بالىلار نېمە قىلىشى كېرەك.مانا بۇ گېرمانىيە بالىلار باغچىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە.بالىلار شاد –خورام ئۆسۈپ –يېتىلىشى كېرەك.ئويۇن ئويناشنى بېلىۋىلىشى كېرەك،دوسلىرى بىلەن قانداق چىقىشىپ ئۆتۈشنى بىلىۋىلىشى كېرەك.قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار بەك كۆپ ،ئۇلارتەربىيىنى ئويۇنغا سىڭدۈرۋىتىدۇ.گىرمانىيەدە باغچىغا بېرىشنى خالىمايدىغان بالىلار بەكلا ئاز.چۈنكى باغچىدا كېچىك دوسلار بىلەن ئەركىن ئازادە ئوينىيالايدۇ.نېمىشقا بېرىشنى خالىمىغۇدەك؟ دۆلىتىمىزدىكى بالىلار تەربىيىسى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ بالىلارنى تەربىيىنىڭ ئاساسى قىلىشىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىمەن.بالىلار باغچىسى بالىلار ئوينايدىغان يەر بولۇشى كېرەك،ئۇ ھەرگىزمۇ مەكتەپ ئەمەس،مەكتەپ بىلەن بالىلار باغچىسىنىڭ پەرقىنى ئىنىق ئايرىش كېرەك.دىمەكچى بولغىنىم بالىلار باغچىسى بالىلار ئوينايدىغان جاي بولۇشى ھەرگىزمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن مەكتەپلەشتۈرۋەتمەسلىك كېرەك،بالىلارنىڭ ئويناش ھوقۇقىنى تارتىۋىلىشقا ھەققىمىز يوق. بالىلار ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇقىنى رېمۇنىت قىلىشنى،ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى بىلىشى ،ئۇچرىشىشلىرىنى ئوزى ئورۇنلاشتۇرۇشنى،ئۆزى پىلان تۈزۈشنى ،كىيملىرىنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشنى،ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىنى رەتلەشنى، ساقچىنى ئۆزى ئىزدەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كېرەك. بالىلار ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ ئېكىسكۇرۇسىيە قىلىش ئارقلىق ،قانداق دېلۇ مەلۇم قىلىشنى ،يامان ئادەمگە يولۇققاندا قانداق قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىشى،ساقچىلارنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋىلىشى كېرەك. بالىلار ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ساقچى ئەترىتىنى ئېكىسكۇرىسىيە قىلىپ، ئوت ئوچۈرۈش ئەترىتىدىكى ساقچى تاغىلار بىلەن بىرلىكتە ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىلىملىرىنى بىلىۋىلىشى ،ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش ئاساسي بىلىملىرىنى بىلىۋىلىشى كېرەك.،پوچتا ئىدارىسىنى ئېكىسكۇرۇسيە قىلىپ ،بىرپارچە خەتنىڭ قانداق ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ،قانداق قىلىپ خەت تاپشۇرۋالغۇچىنىڭ قولىغا تېگىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىشى كېرەك.

ۋەتەن بلوگى تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن «ئەۋلادىم»تەرجىمەقىلدى





3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ھەر جاينىڭ مائارىپ،تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى بىر-بىرسىگە ئوخشىمايدۇ…چەتئەللەردىكى مائارىپ تەربىيىسىدە بالىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە،ئۆزىگە ئىشىنىشكە،قول سېلىپ ئىشلەشكە ئىلھام بىرىدىكەن.ئىشقىلىپ ئۇ جاينىڭ بۇ جايغا،بۇ جاينىڭ ئۇ جايغا ئوخشىمايدىكەن… :mrgreen:

  • سالام ۋەتەن.
    بۇ تېمىڭىزنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆكلەم تورىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى سەھىپىسىگە يۆتكىدىم. ئەگەر خالىمىسىڭىز ئۆچۈرۋىتىمەن.
    ئامان بولۇڭ.

    • ئەلۋەتتە قوشۇلىمەن، چۈنكى بۇ بىر مەدەنىي ھەرىكەت. تورداشلارئارىسىدا مۇشۇنداق ئادەت (ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىدىغان)نىڭ كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ئەلۋەتتە.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif