• قوللانچى: پارول:

جۇڭگودا:ئوقۇتقۇچى بولماسلىقنىڭ 17 باھانىسى

جۇڭگودا:ئوقۇتقۇچى بولماسلىقنىڭ 17 باھانىسى

 

1-باھانە : دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرى يەرلىكتىكى مەكتەپلەردە ئۇزاق مەزگىل ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلانغان . مەكتەپ رەھبەرلىرى ،يەرلىك ھۆكۈمەت تەپ تارتماي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق -مەنپەئەتىگە قول تەككۇزەلەيدۇ ،لېكىن كەڭ ئوقۇتقۇچىلار شۇنچە قىيىنچىلىق تارتسىمۇ ئۈن چىقىرالمايدۇ .

2-باھانە : مائارىپ ئەسلىدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىدى ،بىراق ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت مەكتەپنىڭلا ئشى بولۇپ قالغان ،ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تونۇشىدا مائارىپ دېگەن ئۇقۇم بىلەن ئوقۇتقۇچى دېگەن ئۇقۇم بىرگەپ .

3-باھانە : ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش دېگەن گەپ تولا تەكرارلىنىپ سەپسەتە بولۇپ قالدى . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى ئازراق ئۆسىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر دائىم تارقىلىدۇ بىراق رەھبەرلىك قاتلمىدىكىلەرنىڭ دائىم ئۇنتۇپ قالىدىغىمۇ مۇشۇ ئىش .

4-باھانە : مائارىپ ئاللىقاچان پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ «كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتا» سى بولۇپ قالدى ،گويا ھەرقانداق ئادەم ،ھەرقانداق ئورۇن ئۇنىڭغا خالىغانچە قول شىلتىپ ،پەشۋا ئاتسا بولىۋىرىدىغاندەك ؟ مائارىپ پەيدىن -پەي يەرلىك ھاكىمدارلارنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ، ئۆز ئاۋازىنى ئۆزىمۇ ئاڭلىماس بولۇپ قالماقتا .

5-باھانە : ھەممەيلەن ئوقۇغۇچىلارغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ ،پەقەت ئازساندىكى بىرقىسم كىىشلەرلا ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ . ئوقۇتقۇچىلار پەيدىن -پەي بىر ئاجىز توپقا ئايلانماقتا ،تۈرلۈك-تۈمەن سەۋەبلەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق پەيدا قىلماقتا .

6- باھانە : ھەممە جېنىنىڭ بارىچە ماددىي مەدەنىيەت قوغلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇتقۇچىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى كەڭ دائىرىدە چۆلدەرىمەكتە . ماتېرىيال كۆرۈشتىن باشقا يەنە نېمە بار ؟ ئوقۇتقۇچى رېستۇراندا غىزالىنىپ قويسا چوڭ يەپ -چوڭ ئىچكەنلىك بولىدۇ ،بىرقانچىسى كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن قەرت ئوينىسا كوللېكتىپ قىمار بولىدۇ ، ئوقۇتقۇچى ياخشىراق مۇنچىغا چۈشسە ئىستىلى بۇزۇق بولىدۇ ،ئوقۇتقۇچى مودا مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ قويسا ناچار ھەۋەس بولىدۇ .

7-باھانە : مائارىپنىڭ پاكىزە تۇپرىقى ئەمدى ئۇنداق بولماي قالدى . قالايمىقان ھەق يىغىش ،قالايمىقان سىلىق سىلىش بەك ئېغىر ،مەكتەپنىڭ مالىيىسى رەھبەر ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كىچىك خەزىنىسى بولۇپ قالدى .

8-باھانە : ھازىرقى ئەھۋالدا ئوقۇغۇچى مەڭگۈ بىرىنچى ، ئائىلە باشلىقى تەڭرى . ئوقۇتقۇچى بىلەن ئائىلە باشلىقى ياكى ئوقۇغۇچى ئارىسىدا زىددىيەت تۇغۇلسا گۇناھنىڭ يىلتىزى ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىدا بولىدۇ .

9-باھانە : بىرياقتىن ساپا مائارىپى دەپ توۋلاپ ،يەنە بىرياقتىن ئىمتىھان مائارىپى دەپ ۋارقىراپ ،ئۇزۇندىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئىككىسىنىڭ قىسىلچىقىدا ئاران-ئاران نەپەس ئالماقتا .

10-باھانە : ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەشتە ئەسلى تەنقىدلەش توغرا كەلسە تەنقىدلەش ،قاتتىق تۇتۇش توغرا كەلسە قاتتىق تۇتۇش كېرەك ئىدى ،بىراق ھازىر ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارغا خۇشامەت قىلىشقىلا بولىدۇ .

11-باھانە : ساپا مائارىپى شوئارى ۋە ئىمتىھان مائارىپى بايرىقى ئاستىدا ئاخىرقى ھېسابىدا بار بولىدىغىنى يەنىلا «ناچار ئوقۇغۇچى »،«ناچار سىنىپ » ۋە «ناچار ئوقۇتقۇچى» ۋاھاكازالاردۇر .

12-باھانە : ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتى راستىنلا سەككىز سائەتلىك تۈزۈمدىمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچى كۈندىلىك ئارام ۋاقتى ياكى ھەپتە ئاخىرىدىكى ئارام ۋاقىتلىرىدا بولسۇن غەيرىي رەسمىي خىزمەت قىلىدۇ ،بۇئىشلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

13-باھانە : مائاشىنىڭ قەرزدىن ئاشقىنى ئاش -تۇزنىڭ ،داۋالىنىشتىن قىسنىپ زۇكامنىمۇ ئېغىر كېسەلگە ئايلاندۇرۇۋىلىش ئاددىي ئىش ،ئۆي ياردەم پۇلى دېگەن خام خىيال ،قېرىغاندا كۇتۇنۇش دېگەن ئاق قەغەز .

14-باھانە : «ناچار ئوقۇغۇچى يوق ،پەقەت ناچار ئوقۇتقۇچى بار » مانا مۇشۇنداق دانا گەپلەر باشقىلارنى ئاللاقاچان ئوقۇتقۇچىلار ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ بولدى .

15-باھانە : تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى ، شتات ئوشۇقلىقىدىن كېلىپ چىققان شاللاش تۈزىمى قاتارلىقلارنىڭ سەھنىگە چىقىشى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى يۇۋاشلىتىدىغان «ئەڭگۈشتەر»ى بولۇپ قالدى .

16-باھانە: كەسىپنىڭ مۇقەددەس تۇيغۇسى ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ئادەمدە بولىدىغان شادلىنىش ۋە غەزەبلىنىشتەك نورمال كەيپىياتىنىمۇ نىقابلاپ ياشاشقا مەجبۇر قىلغان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمئىيەتنىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن زور ئۈمىدلىرى قوشۇلۇپ ئۇلار نورمال ئادەملەرچە ياشاشتىن بارغانسېرى يىراقلاشماقتا .

17-باھانە : ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ خاسلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇتقۇچى نۇرغۇن روللارنى ئوينىشى كېرەك ؛ بىلىم تارقاتقۇچى ، تۇرمۇشتىكى باشقۇرغۇچى ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ۋاكالەتچى خادىمى ، ئوقۇغۇچىلار پىسخىكىسىنىڭ ئەمچىسى ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئالاقىچى دېگەندەك … بىراق بۇنچە كۆپ رولنى ئىلىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئاسانلا زىددىيەت -توقۇنۇشى كېلىپ چىقىپ ،ئۇلاردا تۈرلۈك پىسخىكلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا .

راست گەپنى قىلغاندا مائارىپنى بوغۇش كۆپ ، مائارىپنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىسى كۆپ . مائارىپ ساھەسىنىڭ ئىچىدە مائارىپنى كۆپتۈرۈپ كۆرسەتكۈچىلەر كۆپ ، مائارىپنىڭ سىرتىدا مائارىپقا قىزىققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلار كۆپ .
مائارىپ شۇناس جۇ يوڭشىن ئەپەندى ئوقۇتقۇچىلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەن : « ئوقۇتقۇچىلىق -تەۋەككۇلچىلىكتۇر ، ھەتتا بۇ خىيىم -خەتەرگە تولغان بىر كەسىپ . ئۇلۇغ ئادەملەر بىلەن ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرى ئوخشاشلا ئوقۇتقۇچىنىڭ مەھسۇلىدۇر ».

خەن تىلىدىكى «ساپامائارىپى» مۇنبىرىدىن تەرجىمە قىلىندى





8 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • مېنىڭ ئوقۇتقۇچى بولماسلىقىمغا ‹‹باھانەم››يوق!

  • بۇ يەردىكى «باھانە»نى «سەۋەب» دەپ ئالسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلاركەن دەپ ئويلىدىم. باھانە سۆزى يامان مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما بۇ ماقالىدە دىيىلىۋاتقىنى رېئاللىق بولغاندىكىن «باھانە» دەپ ئېلىنسا بەك چۈشمەيدىغاندەك ھېس قىلدىم. لېكىن شۇنداق جىق سەۋەبلەر تۇرسىمۇ يەنىلا ئوقۇتقۇچى بولۇش پىشانمەگە پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ.

    • weten

      خۇش كەپسىز ،نۇرقۇت . بۇ تەكلىپىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرەي

  • ئىسىل يازمىلارنى يوللاۋاتىسىز جۇمۇ! مانا مۇشۇنداق ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقىنى يارىتىڭ. سالامەت بۇلۇڭ! :razz:

  • ئىزدەن جاۋاب

    مېنىڭچە ھازىر ئوقۇتقۇچىلىقلا ئەمەس باشقا كەسىپلەردىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار بار. لېكىن بىز ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن تىرىشمىساق بولمايدۇ. ھەمىشە سىرىتقى مۇھىتتىن ئاغىرنىشمۇ ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس.

  • ئىزدەن جاۋاب

    ھەراست ئەپەندىم، بىلوگىڭىزدىكى يازمىلار قۇرغا لىق تولۇپ چىقىدىكەن، لېكىن مېنىڭ بىلوگۇمدىكى مەزمۇنلارنىڭ سولدىن قىستاش شەكلى ھەرە چىشىدەك بەك قالايمىقان، قانداق قىلىپ بۇ مەسىلىنى ئوڭشايمىز؟

  • دولقۇن731 جاۋاب

    بۇرۇن پەقەتلا خالىمايتىم، ھازىر بارغانسىرى ياقتۇتۇپ قېلىۋاتىمەن.

  • ROCK جاۋاب

    ئوقۇتقۇچىدىن ئولۇغ ئىنسان يوق.مىللىتىمىز ئەەلدىن ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەپ كەلگەن.بۇ نجىس كېسەلنى ماشۇ ئون-يىگىرمە يىل ئىچىدە باشقىلاردىن يۇقتۇرۋالدۇق.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif