ئاتا-بالا ئىككەيلەن بىر ئويۇن ئوينىدى.ئويۇننىڭ قائىدىسىدە 10مېنۇت ۋاقىت بىر ئادەمنىڭ بارلىق ئۆمىرى قىلىپ بېكىتىلدى،بۇ ئىككەيلەن ئايرىم-ئايرىم ئوخشاش بىر كىتابتىن «ئالتۇن»دېگەن سۆزنى ئىزدەپ تىپىشتىن بەسلىشىدىغان بولۇپ،كىم كۆپ تاپسا ئەلۋەتتە شۇئۇتقان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ-دە.
ئېلېكترۇنلۇق قول سائىتىنىڭ تەتۇرساناق ھېسابلاش ئىقتىدارى قوزغىتىلغاندىن كېيىنلا ئاتا-بالا ئىككەيلەن«ئالتۇن ئىزدەش»كە كېرىشىپ كەتتى،ئۆي ئىچى جىمجىتلىققا چۆمگەن بولۇپ، پەقەت كىتاب ۋاراقلىرىدىن چىققان شىرت-شىرت ئاۋازلارلا بارئىدى…
دەرۋەقە بىر مېنۇتتىن كېيىن بالا خۇشال ھالدا توۋلىۋەتتى:«مانا بىرنى تاپتىم !!»،ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا دادىسىمۇ جاكارلىدى:«مەنمۇ بىرنى تاپتىم!»
ئېلېكترۇنلۇق سائەتنىڭ رەقەملىرى تېنىمسىز لېپىلدايتى،ئارىلىقتىن بەش مېنۇت ئۆتكەندە بالا يەنە توۋلىدى:«ئۈچىنچىسىنىمۇ تاپتىم !»
«مېنىڭكىدە ئالتۇن نېمانچە ئازدۇر ،تاپالمايمىنا!؟»دەپ جاۋابەن ئىنكاس قايتۇردى دادىسى ئۇنىڭغا.
بۇنى ئاڭلىغان بالىسى خىلىلا ئەستايىدىل ۋە مەغرۇر بىر قىياپەتتە دادىسىغا :«سەن ئىزدەشنى بىلمەمسەن؟كۆڭۆل قويۇپ ئىزدىمەمسەن!» دېدى.
سائەت رەقەملىرىنىڭ ئالمىشىش سۈرئىتى بارغانسېرى تېزلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى .بىر چاغدا دادىسى:«ئوھۇي ..ئىككىنچى ئالتۇننى تاپتىم»دەپ توۋلىدى. لېكىن ئارقىدىنلابالىسى تۆتىنچى ئالتۇننى تاپقانلىقىنى جاكارلىدى…
ۋاقىت سەككىزىنچى مېنۇتقا قەدەم قويغاندا بالا يەنە بىر يولىلائۈچ دانە ئالتۇن تاپتى.شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ10دانە ئالتۇن تاپقان بولۇپ،تۆت دانە ئالتۇن تاپقان دادىسىنى يېڭىۋالدى.«دادا سەن ئۇتتۇردۇڭ » دېدى ئۇ دادىسىغا غالىپلارچە تىكىلىپ.«شۇنداق مەن ئۇتتۇرغىنىمغاقايىلمەن، ئەمما بۇ ئىش مۇشۇنىڭ بىلەنلا تۈگىدىمۇ؟»دەپ سوئال بىلەن جاۋاب قايتۇردى دادىسى.
-«يەنە نېمە قىلىمىز؟»
-«ئالتۇنلارنى قانداق ئىشلىتىسەن،شۇنى ئويلىشىپ باقتىڭمۇ ؟»
دادىسىنىڭ بۇ سۇئالى ھەققىدە سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن بالا شۇنداق دېدى:«بىربولاق شاكىلات،ئويۇنچۇق،ھەقىقى مۇسابىقە ئاپتۇمۇبىلى…يەنە..يەنە…مىسىرغا بېرىپ ئەل-ئېھرامنى كۆرىمەن!»
دادىسى ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،سائەت ئىكرانىنى كۆرسەتتى،شۇ تاپتا ئويۇنغا كەتكەن ۋاقىت 9مېنۇت10سىكۇنت بولغان ئىدى.
بۇنى چۈشەنمىگەن بالا دادىسىدىن سورىدى:«يەنە نېمە بولدى، دادا؟»
دادىسى ئۇنىڭغا قاراپ بېشىنى چايقىدى:«بىلەمسەن سىنىڭ ئۇ ئارمانلىرىڭ ئەمدى ئىشقا ئاشمايدۇ،چۈنكى سەن ئاللا قاچان قېرىپ بولدۇڭ.شاكىلاتنىمۇ يىيەلمەيسەن،مۇسابىقە ئاپتۇمۇبىلىنىمۇ ئالالمايسەن،ئەل-ئېھرامنىمۇ كۆرەلمەيسەن.قارا ئۇنى-بۇنى دەپ يۈرۈپ ۋاقىت 9مېنۇت40سىكۇنت بولۇپ كېتىپتۇ، مانا شۇنداق قىلىپ بۇ ئون مېنۇتلۇق ئۆمرىمىز ئاخىرلاشتى!»
بالا دادىسىغا قاراپ داڭ قېتىپ قالدى،چۈنكى ئۇ ئويۇننىڭ بىر مۇھىم چەكلىمىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى.
دادىسى ئۇنىڭغا ئاخىرىدا شۇنداق دېدى:«سەن ئالتۇن ئىزدەش ئۈچۈن ئۆمرۇڭنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى سەرپ قىلىۋەتتىڭ،ئەمما ئۇنىڭدىن بەھىرئالالمىدىڭ!ئەمەلىيەتتە ئالتۇن قىممەتلىك ئەمەس،ۋاقىت ھەقىقى قىممەتلىك نەرسە.»
«يالقۇنچىغان يۈرەك»بلوگىدىن تەرجىمەقىلىندى.