ئاجايىب يەڭگىل ۋە يۇمۇرىستىك ئىشلەنگەن بۇ كارتون فىلىم ئەينى يىللىرى بىزنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرۇشىمىزگە نائىل بولغان ئىدى.كارتۇن فىلىمنىڭ نامى ۋە فىلىمدىكى كلاسسىك ئىبارە بولغان «خەپ توختاپتۇر،توشقان!»بىرمەزگىل ھەرخىل ۋارىيانتلاردا مودا گېپىمىزبولۇپ قالغان ئىدى.ئېسىمدەقېلىشىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا يېزىمىزنىڭ تۆت دوقمۇشىدىكى بىردۇكاننىڭ تېمىدا چوڭ قىلىپ يېزىلغان «خەپ توختاپتۇر، بايزىت ئاۋاق!» دېگەن خەت بولۇپ ھەركۈنى مەكتەپكە بىرىپ كېلىش جەريانىدا ھەممەيلەن ئۇنى بىررەت ئۈنلۈك ئوقۇۋىتەتتۇق,كېيىن بىلسەم مەھەللىمىزدىكى بايزىت ئاۋاق بىرەيلەننى ئۇرۇپ قېچىپتىكەن،تاياق يېگۈچى بىركۈنى ئۆچ ئالىمەن دېگەن قەسىمى سۈپىتىدە شۇنداق يېزىپ قويۇپتىكەنمىش…
ئۆزىمىزنىڭ گىپىمىزگە كەلسەك «خەپ توختاپتۇر،توشقان»(Ну,ПОГОАИ)نى سابىق سۆۋىت ئىتتىپاقىنىڭ «سايۇزفېلىم»شېركىتى ئىشلىگەن بولۇپ 1967-يىلىدىن باشلاپ قويۇلۇشقا باشلىغان.مەزكۇرفرتۇن قويولغاندىن كېيىن تېزلاپۈتكۈل سۆۋىت بالىلىرىنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا سازاۋەربولغان.كېيىنچە پولشا قاتارلىق باشقا دۆلەتلەر تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ چەتئەللەردىمۇ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.
ئەپسۇسلىنارلىق يىرى،مەزكۇزكارتۇن فىلىم 20قىسىم ئىشلىنىپ توختاپ قالغان بولۇپ،سەۋەبى ئەينى يىللىرىدىكى سۆۋىت مەدەنىيەت دائىرىلىرى «كارتۇندىكى سەلبىي پۇرسۇناژ بولغان بۆرىنىڭ تاماكا چىكىشى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەر بالىلارغا سەلبىي تەربىيە بېرىدۇ،ئۇندىن باشقا بۇ كارتۇننىڭ ھېچقانداق ئىجابىي تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يوق»دەپ قارىغان.شۇنىڭ بىلەن فىلىم ئىشلىگۈچىلەر داۋاملىق ئىشلەشكە ئامالىسىزقالغان.
مەن توردىن كۆرگەن بەزەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا بۇ كارتون فىلىمنىڭ داۋامى ئىشلىنىۋىتىپتۇمىش.
بۇرۇن مەن قايسى بىر توربېكەتتە بۇ كارتۇننىڭ بىرقانچە قىسىم ئۇيغۇرچە نۇسقىسىنى كۆرگەندەك قىلغان،لېكىن ئىزدەپ تاپالمىدىم.تۆۋەندىكىسى بۇ كارتوننىڭ بەيدۇ توردىن تاپقان فىلىم توپلىمى: