بۈگۈن سەھەردە زوھۇرغا تۇرغاچ ،رايۇنىمىزۋاقتى 3:00تە باشلانغان ئىسپانىيە«دەرىجىدىن تاشقىرىلارلوڭقىسى»ھەل قىلغۇچ جېڭىنىڭ2-ئۇچرىشىشىنى كۆردۈم،مۇسابىقە ئويلىغىنىمدىنمۇ كەسكىن بولۇپ كەتتى.
خان جەمەتى مادىرىد كۇلۇبىنىڭ مەستانىسى بولۇش بۇرچۇم بىلەن ئەڭ ئاخىرقى مېنۇتلارغىچە ئاق كېيىملىك قوشۇنغا مەدەت بەرگەن بولساممۇ،ئەپسۇس ،ئەڭ ئاخىرقى پەيتلەردە مېسسى تەرىپىدىن بوغۇزلاندۇق!…
قارىغاندا مادىرىدنىڭ نوكەمپۇ مەيدانىدا بارسىلونانى يېڭىشى ۋاقتىنچە ،بىز مادىرىد مەستانىلىرنىڭ شېرىن خىيالى بولۇپ قالدىغان ئوخشايدۇ.سەھەردىكى مۇسابىقىدە بارسىلۇنا ئەنئەنىسى بولغان «ئارتىسلىق»قىلىقلىرنى يەنىلا سادىر قىلغان بولسىمۇ،ئەمما ئومۇمى جەھەتتىن ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولدى.مادرىدقا كەلسەك،ھەقىقەتەن ئىلگىرىلەش زور، يەنە ئازۋاقىتتىن كېيىن بۇرۇنقى شاھلىق سەلتەنىتىنى قايتىدىن سۈرىدىغاندەك قىلىدۇ.
يەنە شۇنى بايقىدىمكى، مېسسى ھازىر بارسىلۇنانىڭ چوڭ مېڭىسى،ئەگەر مېسسى بولمىسا بارسىلۇنانىڭ مادىرىدنى يېڭىش نېبىستى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكۈدەك.
مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى كوماندا ئەزالىرى ئارسىدا سۈركىلىش بولۇپ،كۆڭۆلسىزلىك يۈربەرگەن بولسىمۇ،بۇ مۇسابىقە پۇتبۇل مەستانىلىرىنىڭ خۇمارىنى باستى.
ئاخىرىدا بارسىلۇنا كۇلۇبىنى ۋە بارسىلۇنا مەستانىلىرىنى تەبرىكلەيمەن ،شۇنداقلا مادىرىدنىڭ قايتىدىن رىۋايەت دەۋرىنى باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن…