نادىر كارتۇن فىلىملەرنى ئەسلەش ۋە تونۇشتۇرۇشنى داۋام قىلىۋاتىمەن. بۈگۈن نۆۋەت ئىتالىيىلىك كىچىك دوست ماركوغا كەلگەندەك قىلىدۇ.ئېسىمدە قىلشىچە«ماركونىڭ ئانىسىنى ئىزدىشى»ناملىق بۇ كارتۇن فىلىمنى 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىداشىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان. كارتۇن فىلىم52قىسىم بولۇپ،ئەسلى نامى «3000چاقىرىم يول بېسىپ ئانسىىنى ئىزدەش»(3000 Leagues in Search of Mother)،بۇ كارتۇن فىلىم ئىتالىيىلىك ئەدەبىيات پىشىۋاسىEdmondo De Amicis (1846-1908)نىڭ«مۇھەببەت مائارىپى»ناملىق مەشھۇر ئەسرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلىكىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.
مەزكۇزكارتۇن فىلىمدا ئىتالىيەنىڭ رىنويا شەھىرىدىكى 9ياشلىق ئۆزمۈر ماركونىڭ ئانىسىنى ئىزەدپ تېپىش ئۈچۈن نۇرغۇن يول بېسىپ ئارگىنتىناغا بېرىش جەرياندىكى تەسىرلىك سەزگۈرەشتىلىرى ئاساسى گەۋدە قىلىپ ،بۇئۆسمۈرنىڭ ھۇجۇدىدىكى جاسارەت،مۇھەببەت،سەمىمىيلىك ئارقىلىق بىزگە چوڭقۇر مۇھەببەت تەربىيىسى بېرىدۇ.
ماركو نېمە سەۋەبتىن ئانسىىنى ئىزدەيدۇ؟
ئەينى يىللىرى مەن كېچىك بولغاچقا كارتۇن فىلىمدىكى دەۋر ئارقا كۆرۈنىشنى چۈشەنمەي،ماركونىڭ ئاپىسى نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك يىراق يەرگە بېرىپ ئىشلەيدىغاندۇ دەپ ئويلاپ كەتكەن ئىدىم.ئەمەلىيەتتە بۇ ئىتالىيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى (ئاپتۇر ياشىغان يىللارغا قاراڭ)ئىجدىمائى-ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ماركونىڭ دادىسى بىر ساخاۋەتچى دوختۇر بولۇپ، بىركىچىك شىپاخانا ئىچىپ مەخسۇس نامراتلارنى داۋالايتى.لېكىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى، ئىرىنىڭ بۇئىشىنى قوللايدىغان ئاننا ئائلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يىراق ئارگىنتىناغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش قارارىغا كېلىدۇ.
ئانىسى كەتكەندىن كېيىن، كىچىك ماركو دادىسىغا ياردەملىششتىن سىرت، ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تاپىدۇ.بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ بىردىن-بىريىقىن ئەرمىكى بولغان مايمۇنچىقىدىن باشقا مۇھىم خۇشاللىقى ئاپىسىدىن كەلگەن خەتنى ئوقۇش ئىدى.لېكىن بىرمەزگىلدىن كېيىن ئاپىسىدىن خەت كەلمەس بولۇپ قالىدۇ.تىت-تىت بولۇپ كەتكەن ماركو،ئانىسىغا بولغان چەكسىز سىغىنىشى ۋە ئەنسىزلىك تۇيغۇسى ئىچىدە ئارگىنتىناغا بېرىپ ئاپىسىنى تىپىش قارارىغا كېلىدۇ ۋە شۇنداق قىلىدۇ.
سەپەر جەريانىدا خىلمۇ-خىل ئىش-ۋەقە،خىلمۇ-خىل ئادەملەرئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدۇ، ئۇ تالايلىغان جاپا-مۇشاقەت،ۋە خۇشاللىقلارغا ئېرىشدۇ.دۇنيانى ،ئادەملەرنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە نائىل بولىدۇ.ئىككى يىل داۋام قىلغان سەپەر جەريانىدا ماركو بىر قەيسەر بالىغا ئايلىنىدۇ.بۇ جەرياندىكى ۋەقەلەر ئىنتايىن تەسىرلىك.
——-
مەزكۇر كارتۇن فىلىم 1976-يىلى ياپۇنىيىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، كۆپلىگەن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە كۆپلىگەن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن.مەن ئۈن-سىن سېتىش ئورۇنلىرىدىن بۇنىڭ ئۇيغۇرچە پىلاستىنكىلىرىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم،ئەگەر بولسا ئائىلىدە ساقلاشقا تېگىشلىك كارتۇن فىلىملارنىڭ بىرى ئىدى بۇ.
ئەگەر توردىن خەنچە نۇسخىلىرىنى كۆرمەكچى بولساق ،مەنبەسى بىرقەدەر كۆپ ئىكەن. ئىزدەش توربېكەتلىرىگە كېرىپ:三千里寻母记دەپ ئىزدىسەك بولىدۇ.