• قوللانچى: پارول:

دۇنيادىكى ئەڭ داڭدار10 ئۇنىۋېرسىتېت

دۇنيادىكى ئەڭ داڭدار 10ئالى ئوقۇل (ئۇنىۋېرسىتېت)

1. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى (Harvard University USA 哈佛大学)
تەۋەلىكى : ئا ق ش
بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى : 374يىل
قىسقىچە تەرجىمىھالى : خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 1636-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ پۈتكۈل ئامېرىكا بويىچە ئەڭ كلاسسىك ئالى ئوقۇللارنىڭ بىرى.بۈگۈنگە قەدەر خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 6نۆۋەتلىك ئامېرىكا ئەلباشى (پرىزدىنت) ، 29نەپەر نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ۋە 27نەپەر پۇلتېزىر مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى يېتىشىپ چىققان .
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى -تېشى سىياسىتىنى بەلگىلەش ، ھەربىي ئىشلار ،دىپلوماتىيە سىياسىتى قاتارلىق ئىشلىرىدا ئىدىيە ئامبىرى بولۇپلا قالماي ،ئادەتتىكى مەكتەپ مۇھىتىدىمۇ تۈرلۈك ئىلىم مەزھەبلىرى ۋە سىياسىي قاراشتىكىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى جەھەتتە قاينام -تاشقىنلىققا چۆمگەن .
توربېكەت ئادرېسى : http://www.harvard.edu
2. كامبىرج ئۇنىۋېرسىتېتى (University Of Cambridge 剑桥大学)
تەۋەلىكى : ئەنگلىيە
بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى: 801يىل
قىسقىچە تەرجىمىھالى : كامبىرج ئۇنىۋېرسىتېتى ئەنگلىيىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالى ئوقۇللارنىڭ بىرى .كامبىرج ئۇنىۋېرسىتېتىدا 31ئىنستىتۇت ،62 فاكۇلتېت بار.ھەربىر فاكۇلتېتنىڭ ئۆزئالدىغا ئايرىم ئوقۇتۇش رايۇنى ۋە ئايرىم كۇتۇپخانىسى بار . كامبىرج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات شارائىتى ئىلغار بولۇپ ،يۇقىرى سەۋىيىلىك تەجرىبەخانا رايونىدىن 20گە يېقىن بار .
توربېكەت ئادېرىسى: www.cam.ac.uk
3. سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى(Stanford University USA 斯坦福大学)
تەۋەلىكى : ئا ق ش
بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى: 125يىل
قىسقىچە تەرجىمىھالى : بۇ بىر خۇسۇسىي ئۇنىۋېرسىتېت .1885-يىلى تۆمۈريول ماگناتى سىتانفورد تەرىپىدىن ئۇل سېلىنغان .
ئۇنىڭ تارمىقىدا سودا ئىشلىرى تەتقىقات ئىنستىتۇتى ،مائارىپ ئىنستىتۇتى ، خوۋېر ئۇرۇش ۋە تىنچلىق تەتقىقات ئورنى ، خوفجېنس دېڭىز-ئوكيان تەتقىقاتى ئورنى ، خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزى ،ئېنېرگىيە تەتقىقات ئورنى قاتارلىق كەسپ ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى خىلى زور شۆھرەتكە ئىگە .
سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ھازىرغىچە يېتىشىپ چىققان مەشھۇر كىشىلەردىن ئامېرىكىنىڭ 31-نۆۋەتلىك ئەلباشى خوۋېر ،نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى جون .ستەنبەگ ۋە ئامېرىكا ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ تۇنجى باش سوتچىسى س. كوننېل قاتارلىقلار بار .
توربېكەت ئادرېسى: www.stanford.edu
4.كالفۇرنىيەبېركلىي ئۇنىۋېرسىتېتى (University of California at Berkeley 加州柏克利大学 )
تەۋەلىكى: ئا ق ش
بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى: 142 يىل
قىسقىچە تەرجىمىھالى : كالفۇرنىيەبېركلىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئەسلى كالغورنىيە شتاتىدىكى ئەڭ داڭلىق ئالى ئوقۇل بولۇپ ،پۈتكۈل ئامېرىكا ئالى ئوقۇللىرىنى رەت تەرتىپىگە تېزغاندا 23-ئورۇندا تۇرغان ،ئەمما ئوقۇتۇش سۈپىتى جەھەتتە ئالدىنقى بەش ئالى ئوقۇلنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .
ئالدىنقى يىللىرى كالفۇرنىيەبېركلىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا 20،281كىشى ئىمتىھان بەرگەن بولۇپ ،بۇنىڭ ئىچىدىن ئاران %40 نى قۇبۇل قىلىنغان .بۇ كالفۇرنىيەبېركلىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش ،تارىخ ۋە تەبىئەت ئىلمىي …قاتارلىق كەسىپلىرى بىر قەدەر داڭلىق ھېسابلىنىدۇ .
توربېكەت ئادرېسى :www.berkeley.edu
5. ماسساچۇستېس ئىنستىتۇتى(Massachusetts Institute of Technology (MIT) 麻省理工学院)
تەۋەلىكى : ئا ق ش
بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى :150يىل
قىسقىچە تەرجىمىھالى : ماسساچۇستېس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى بولسا خۇسۇسىي ئالى ئوقۇلدۇر .ماسساچۇستېس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىدا خىزمەت قىلىدىغان 93نەپەر ئوقۇتقۇچى دۆلەتلىك قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ،90نەپىرى دۆلەتلىك ئاكادىمىيەنىڭ ئەزاسى ،209نەپىرى ئامېرىكا گۈزەل-سەنئەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ھازىرغىچە 16نەپەر ئوقۇتقۇچى دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تەتقىقات تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
ماسساچۇستېس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى جەھەتتە زور ئەۋزەللىككە ئىگە ، ئوقۇتۇش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئىختىساسلىقلار مەنبەسىنى يىتىشتۇرۇشتە مول تەجرىبىلەرنى توپلىغان .
توربىكىتى : www.mit.edu

6.يالى ئۇنىۋېرسىتېتى(Yale University 耶鲁大学 )
تەۋەلىكى : ئا ق ش
بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى : 309يىل
قىسقىچە تەرجىمىھالى :  يالى ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنياغا مەشھۇر خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالى ئوقۇل بولۇپ، ئامېرىكىدىكى تارىخى ئۇزۇن ئالى ئوقۇللار ئىچىدە 3-ئورۇندا تۇرىدۇ .
يالى ئۇنىۋېرسىتېتى 1701 -يىلى كوننېكتىكۇت شىتاتىدا قۇرۇلغان . 1969-يىلىدىن بۇرۇن يالى ئۇنىۋېرسىتېتى پەقەت ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىلا قۇبۇل قىلاتتى ،ئۇنىڭدىن كېيىن قىزئوقۇغۇچىلارنىمۇ قۇبۇل قىلىشنى يولغا قويغان .يالى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش شەرتلىرى بىر قەدەر قاتتىق بولۇپ ،ھەرقايسى جەھەتلەردە ئامېرىكىدىكى ئالى ئوقۇللار ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ .
توربېكەت ئادرېسى : www.yale.edu

7.كولۇمبىيەئۇنىۋېرسىتېتى(Columbia University 哥伦比亚大学)
تەۋەلىكى : ئا ق ش
بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى : 256 يىل
قىسقىچە تەرجىمىھالى :كولۇمبىيەئۇنىۋېرسىتېتى نىيۇيورك شەھىرىنىڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ .1754-يىلى قۇرۇلغان .نۆۋەتتە 10،800نەپەرئەتىراپىدا ئوقۇغۇچى بار.كولۇمبىيەئۇنىۋېرسىتېتى 1979-يىلى پۈتكۈل ئامېرىكا بويىچە 10ئالى مەكتەپنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان .تېببىي پەنلەر،قانۇن ۋە mbaجەھەتلەردە بولسۇن زور ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە .
كولۇمبىيەئۇنىۋېرسىتېتى 1997-يىلى ئاسپىرانتلارخىزمىتىدە پۈتكۈل ئامېرىكا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان .كولۇمبىيەئۇنىۋېرسىتېتى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنى تاماملاشتىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئالى ئوقۇل ھېسابلىنىدۇ .
توربېكىتى :www.columbia.edu

8. پرىنسىتۇن ئۇنىۋېرسىتېتى (Princeton University 普林斯顿大学)
تەۋەلىكى: ئا ق ش
بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى : 264يىل

قىسقىچە تەرجىمىھالى : پرىنسىتۇن ئۇنىۋېرسىتېتى1746-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ،ئۇنىۋېرسال خاراكتېرگە ئىگە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئالى ئوقۇل ھېسابلىنىدۇ .
پرىنسىتۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى سانى كۆپ ئەمەس ،نۆۋەتتە 6400 نەپەر ئوقۇغۇچى بار ،بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى 4600نەپەر، ئاسپىرانت 1800نەپەر .
پرىنسىتۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى پۈتكۈل ئامېرىكا شتاتلىرى ۋە 55 دۆلەتتىن كېلىدۇ ،بۇنىڭ ئىچىدە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار %5 نى ئىگىلەيدۇ .
توربىكىتى : www.princeton.edu
 
9.چىكاگۇ ئۇنىۋېرسىتېتى (University Chicago 芝加哥大学)
تەۋەلىكى : ئا ق ش
بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى: 119يىل
قىسقىچە ئەھۋالى : 1891-يىلى قۇرۇلغان ،مەشھۇر خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئالى ئوقۇل بولۇپ ،خەلقئارا ئېتىراپ قىلغان ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.
چىكاگۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا7 كەسپى ئىنستىتۇت ۋە خىلى كۆپ تەتقىقات مەركىزى بار ،بۇنىڭ ئىچىدە فېرانكلن ئىنىستىتۇتى ،شەرق تەتقىقاتى مەركىزى،سېتىفنسون خەلقئارالىق مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزى ..قاتارلىقلار داڭلىق .
چىكاگۇ ئۇنىۋېرسىتېتى بىرقىسىم تېخى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسلىرىنى تاماملاپ بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قۇبۇل قىلىدۇ ،يەنى قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بارلىق پەنلىرىنى تولۇق تاماملىشىنى تەلەپ قىلماستىن ،بەلكى ئۇلارنىڭ ئومۇمىي نەتىجىسى ، ئۇنىۋېرسال باھالىنىشى قاتارلىق ئامىللارنى ئاساس قىلىدۇ .
چىكاگۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1892-يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى قۇرۇلغان.
توربىكەت ئادرېسى : www.uchicago.ed

10. ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى(University Oxford 牛津大学)
تەۋەلىكى : ئەنگلىيە
بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى :843يىل

قىسقىچە ئەھۋالى : ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى 13-ئەسىردە بىنا قىلىنغان ،دۇنيابويىچە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان ئالى ئوقۇللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن نامى دۇنياغا مەشھۇر . جۈملىدىن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئەنگلىيىدە تۇنجى بولۇپ قۇرۇلغان ئالى ئوقۇل ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ قارمىقىدا 36 مۇستەقىل ئىنستىتۇت بولۇپ ،ھەربىر ئىنستىتۇتنىڭ ئۆزئالدىغا ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسى ،ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئوقۇش ۋە تۇرمۇش يېتەكچىلىك قارالمىلىرى بار .
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى ئوقۇغۇچى تاللايدۇ ،ئۈچ يىللىق تەربىيىلىنىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى ئالىدۇ .
توربىكەت ئادرېسى : www.ox.ac.uk

ۋەتەن بلوگى تەييارلىدى





13 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • دىۋانچى كەلدى،،،

    • weten

      ئاپلا ماۋۇ دېۋانچىلارنىڭ قەدىمى ۋەتەنگىمۇ يەتتى مانا ،بالدۇر كەلگىنىڭىز ئۈچۈن يۇقارقى ئالى ئوقۇلدىن بىرنى تاللىۋىلىڭ ،ئوقۇش ھەققىنى كۆتۇرىۋىتىمەن ;-)

  • گېلەمدە بولسىمۇ ئولتۇراي…
    خارۋاردتىكى قۇدرەت مېنىڭ ئۆز ئاكام بولىدۇ،،، :roll:

    • weten

      ئاپلا بىگىم !؟ بۇنداقلىقىنى بىلگەن بولسام دىۋاننى ئېۋۇ پرېستانغا بەرمەي سىلىگە ئېلىپ قويىتىم ئەمەسمۇ :cry:

  • ئەمدى جۇڭگو ۋە دىيارىمىزدىكى ئالدىنقى 10 ئالىي ئوقۇللارنى تىزىپ چىقايلى .

    • weten

      بۇ تەكلىپىڭىز ئۈستىدە ئىشلەپ باقساق بولغۇدەك .

  • قاپتىمەندە مەن ئەڭ ئارقىدا، بوپتۇلا، بۇنداق ياخشى يەرلەر تۇنۇشتۇرغان يامىنى ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ ئاڭلىساممۇ بولىدۇ

    • weten

      قارا قىشتا سەت بولدى-دە :mrgreen:

  • ۋەتەندىكى ئونۋېرستلار بولمايدىكەن

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم؟ ۋەتەن ئەپەندى، بۇ قىسقىچە تونۇشتۇرۇش تولىمۇ ياخشى بوپتۇ، لېكىن دۇنياغا داڭلىق خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئادرېسى خاتا بولۇپ قاپتۇ، سىلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاستىغا قالدۇرغان تور بېكەت ئادرېسى دۇنياغا داڭلىق ھەربىي مەكتەپ (لېكىن ھازىر كارخانىچىلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشتە بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق، چۈنكى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم خوجايىنلىرى ۋە مۇھىم خادىملىرى دەل مۇشۇ مەكتەپنىڭ مەھسۇلاتى) غەربىي پوئېنىت ھەربىي مەكتىپىنىڭ تور بېكىتى ئىكەن. ئەسلى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تور بېكىتى :
    http://www.harvard.edu بولۇپ، بىر تور بېكەت ئادرېسىدىمۇ مەكتەپنىڭ نامى بار، ئەگەر بۇ توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا قىزىقسىلا، http://www.uyghuredu.net قا كىرىپ، خارۋارد توغرىسىدىكى مۇنۇ ماقالىگە كۆز يۈگۈرتۈپ باقسىلا.
    مەنزىل: http://www.uyghuredu.net/plus/view.php?aid=38 ;-)

    • weten

      رەھمەت،ئۇيغۇرتەكىن تۈزىتىپ قويدۇم

  • ئاپلا، پىقىرنىڭ تەخەللۇسىنى خاتا يېزىپ قويدىلىمۇ، نېمە؟ :roll:

    • weten

      ھوي !! :oops: «تەكىن» دەپ قويۇپتىمەنغۇ !كەچۈرۈڭ ئۇيغۇرتېكىن :grin:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif