جوڭگولۇقلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 10 چوڭ يېتەرسىزلىك
يېقىندا بىر تورداش ،سوخو تورىنىڭ مائارىپ مۇنازىرىسى قانىلىدا تېما ئېلان قىلىپ جۇڭگونىڭ ئائىلە تەربىيىسى ۋە مائارىپ تەلىم -تەربىيىسىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى يىغىنچىقلاپ چىققاندا تۆۋەندىكى 10 نۇقتىغا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان .بۇلار تۆۋەندىكىچە :
1. ئىنسانىي مېھىر -مۇھەببەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش يېتەرسىز ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەيرىي ئەقلىي ئىلمىنىتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ناھايىتىمۇ سەل قارىلىدۇ .
2. بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا چۆكۇنۇش يوق دېيەرلىك بولۇپ ، ئۇلارنىڭ خاسلىق يارىتىشى بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرىۋىتىلىدۇ .
3.بالىلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ئاساسەن بۇرمىلانغان ، بۇ مال-دۇنياغا ، ھوقۇققا ھېرىسمەن جوڭگۇلۇقلارنىڭ ئىدىيىۋى ئارقاسەپ مۇلازىمەت بازىسىدۇر .
4. مائارىپتا نوقۇل نەرسىلەر بەك كۆپ ،ھەتتا ئاتا-ئانىلارمۇ ئىمتىھان مائارىپىنىڭ «قول-چوماقچىلىرى» بولۇپ كەتتى .
5. مائارىپ يۆنىلىشىنىڭ تۇتامى يوق ،مائارىپ نىشانىدا باسقۇچلۇق ۋە يىراق مەزگىللىك پىلانلار ئىنتايىن يۈزەكى .
6. ئائىلىدىكى تەربىيە ئۇقۇمى ئىنتايىن سۇس ،زور كۆپ ساندىكى ئائىلە باشلىقلىرىغا نىسبەتەن پەرزەنتلىرى ئۇلار ھەردائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ناتونۇش ئادەملەردىن ئىبارەت .
7.بالىلارنىڭ كىلچەكتىكى ئىجتىمائىي ئورنىغا نىسبەتەن ئۆزلىرىدە ھېچبىر روشەن قارار يوق ، چۈنكى كۆپىنچە بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزلىرى يېتەلمىگەن نىشانغا كۈچ ئۇلاپ يىتىشتىكى ئىزباسارى خالاس .
8.بالىلارنىڭ ئەخلاق تۇيغۇسى بارغانسېرى خۇنۇكلەشمەكتە ، ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن مەكتەپ تەربىيىسى بىرلىكتە بۇ ھاڭنى تېخمۇ چوڭايتماقتا .
9. بالىلارنى تۇرمۇش ئەمەلىيىتى بىلەن چېنىقتۇرۇش كەمچىل ، بالىلار نى ماددىي بۇيۇم بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش جۇڭگوچە مائارىپ ئىدىيىسىدىكى ئەڭ چوڭ كەمچىللىكلەرنىڭ بىرى .
10.توغرا بولغان جىنسى تەربىيە ئىلىپ بېرىش يوقنىڭ ھېسابىدا ، بۇ ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام،بىخەتەر ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدىكى بىر چوڭ پۇتلىكاشاڭغا ئايلىنىپ قالدى .