يۈكسەل بلوگىدا2011-يىللىق «ئۇيغۇرلاردىكى ئون چوڭ بلوگ»نى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى باشلىنىپ كەتتى.ئۇيغۇرتورداشلارنىڭ توردۇنياسىدىكى تۇنجى ۋە بىرقەدەرسىستېمىلىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى بولمىش-«10چوڭ بلوگ»نى باھالاش پائالىيىتى بۇيىل 3-نۆۋەتلىكىگە قەدەم قويدى.گەرچە مەزكۇرپائالىيەتنىڭ باش تەشكىللىگۈچىسى بولغان«يۈكسەل»بلوگى بۇيىل بۇپائالىيەتنىڭ ۋاقتىنى سەل كىچىكتۈرۈپ قويغان بولسىمۇ،نۆۋەتتىكى كۈزىتىشمگەئاساسلانغانداپائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش، باھالاش جەھەتلەردە ئالدىنقى نۆۋەتلىكلەرنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، ۋاقىت سەرپىياتى،باھالاش پىرىنسىپى، مۇكاپاتلاش شەكلى قاتارلىقلارداكۆرىنەرلىك ئىلىگىرىلەش باردەك قىلىدۇ.
بۇيىل ئۇيغۇرلاردابلوگ يېزىش قىزغىنلىقى كۆرىنەرلىك يۇقىرى بولغان بىريىل،مەيلى سان،مەيلى سۈپەت جەھەتتەبولسۇن كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بىرمەنزىرە شەكىللەندى،نۇرغۇنلىغان تورداشلار«بلوگ»دىن ئىبارەت بۇشەيئىنى تونىدى ۋە بۇئۆزگىچە تورمەنزىلگاھلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىپ تېگىشلىك نەپ ئالىدىغان،ئۆزقەدەم ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كىتىدىغان بولۇشتى…
يۈكسەلدە «10چوڭ بلوگ»قانامزات كۆرسىتىش باشلاندى، كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنى كۈزىتىش جەريانىدا بايقىدىمكى نى-نى ئېسىل بلوگلارنى بىزتىخى بايقاشقائۈلگۇرمەپتۇق!
سىزمۇ توردۇنياسىدىن نەپ ئىلىۋاتقان ياكى توردۇنياسىدا نەپ بېرىۋاتقان بىر«تورپۇقراسى»بولۇش ساھالاھىيىتىڭىزبىلەن مەزكۇرپائالىيەتنىڭ ئادىل باھالىغۇچىسى بولالايسىز،قىنى ئەمىسە بۇيەرگە كىرىپ نامزات كۆرسىتىڭ:http://www.yuksel.me/1845.html
قوشۇمچە:ۋەتەن بلوگى بۇقېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشماقچى
مەزكۇر بلوگ 2011-يىلى قەھرىتان ئېيىدا ئەسلىدىكى «مۇئەللىم بىزبلوگى »ئاساسىدادۇنياغا كەلگەن.ئائىلە-نىكاھ،پەرزەنت تەربىيىسى، مائارىپ مۇھاكىمىلىرى، پىسخۇلۇگىيە،جاھاندارچىلىق قاتارلىقلارنى ئاساسى تېمادائىرىسى قىلغان ئاساستا يەنە ئاپتۇرنىڭ تۇرمۇش ھەۋەسلىرى،قىزىقىشى،ئارتۇقچىلىقلىرىغا ئۇيغۇن مەزمۇنلاردىمۇ يازمىلارئېلان قىلىنپ كەلمەكتە.
بۈگۈنگە قەدەر111پارچە ماقالە (يازما)ئېلان قىلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە%60تەرجىمە،%40 ئىجادىي ئەسەرلەردۇر.