بۈگۈن ،يەنى يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى ئۇيغۇربەگ بلوگىدىن مەزكۇر بلوگنىڭ 2010-يىللىق 10نادىر ئۇيغۇر بلوگلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى كۆردۈم . دېمەك بۇ 2008-يىلىدىن بىرى يۈكسەل بلوگى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان «يىللىق 10 نادىر ئۇيغۇر بلوگ»نى باھالاش پائالىيىتىنىڭ 2010-يىللىق باسقۇچى ئاخىرلاشتى دېگەندىن دىرەك بىرىدۇ.
بۇ پائالىيەتنى 2008-يىلى يۈكسەل بلوگى لايىھىلىگەن ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك تەشكىللەپ ،غەلبىلىك ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى ،ھالبۇكى 2009-يىلى رايۇنىمىزدا تور قامال قىلىنغانلىقتىن بۇ پائالىيەتمۇ ئېلىپ بىرىلمىدى ئەلۋەتتە . 2010-يىلى يىل ئاخىرىدا ،مەزكۇر پائالىيەت ئىككىنچى نۆۋەت يەنە تەشكىللەندى .بۇ قىتىم بۇ پائالىيەتنىڭ ئېلىپ بىرىلغاندىكى ئۇيغۇر تور مۇھىتى ئەلۋەتتە بىرىنچى نۆۋەتلىك پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋاقىتتىكىگە ئانچە ئوخشىمايدۇ دەپ قارايمەن .بۇلتۇر 7-ئايدا تور قامال قىلىنغاندىن كېيىن تاكى 2010-يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە رايۇنىمىزداقامال قىلىندى.تورغا بولغان زارىقىش بىلەن تەڭ توردىن ھەزەر ئەيلەشتەك بىرخىل مۇرەككەپ بىرىكىشكە ئىگە ھېسىيات رايۇنىمىزدىكى تورداشلارنىڭ ئورتاقلىقى بولىشى مۈمكىن .
ئۇنىڭدىن باشقا توربېكەت ياكى ئۇيغۇر توردۇنياسىدا بىرمەزگىل تازا «قىزىق نۇقتا» بولغان مۇنبەرئىچىشقا دائىر رەسمىيەتلەر ئىلگىرىكىدەك «ئاسان» بولمىغاچقا، خىلى كۆپ ساندىكى توربەت ياساش خۇمارلىرى ياكى تور يازمىكەشلىرى ئۆزىنىڭ پائالىيەت سورۇنىنى «بلوگ»قا يۆتكىدى …
شەخسەن پىقىرمۇ ئالى مەكتەپ ھاياتىمدىن بىرى ئۇزۇن ۋاقت توردا كۆرۇرمەن ، يازارمەن بولغاندىن كېيىن 2008-يىلىدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن«روجەك مەرىپەت كۇلۇبى» ۋە«قاراق مەرىپەت كۇلۇبى» ناملىرىدا ئىككى مۇنبەر قۇرۇپ ،بىرقىسىم تەجرىبە-ساۋاقلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۆزۇم ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق تور سورۇنىنىڭ يەنىلا «بلوگ» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدىم . شۇڭلاشقىمۇ رايۇنىمىزدا تور رەسمىي ئەسلىگە كېلىپ يىرىم ئايدىن كېيىن «مۇئەللىم تور پۈتۈكلىرى»نامىدا ،بلوگباس سۇپىسىدا بىر بلوگ ئىچىۋالدىم ،لېكىن ھەقىقى مۇددىئايىم يەنىلامۇستەقىل بوشلۇق،مۇستەقىل نام بىلەن بلوگ يېزىشقا رەسمىي تۇتۇنۇش بولغاچقا «مۇئەللىم تور پۈتۈكلىرى»گە ئۇنچىلا ئىنچىكىلەپ كىتەلمىدىم ،ئەمما بۇ جەرياندا بلوگ ھەققىدە تونۇشنى كۈچەيتكەندىن باشقا ،يەنە ئازبولمىغان بلوگېر دوستلارغا نائىل بولدۇم .
نۆۋەتتە مېنىڭ توردىكى خىلى كۆپ ۋاقتىم نادىر بلوگلارنى ئارىلاش ۋە بۇ دوستلار بىلەن يېرىم دىدارلىق خۇشۋاق سۆھبەتلەرگە ئىشتىراك قىلىش بىلەن مەنە تاپماقتا .
شۇنداق ئويلايمەنكى يىقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر تور تۇرمۇشىدا بلوگ يازمىچىلىقى باش كۆتۆرۇپ چىققۇسى ۋە رېئال تۇرمۇشىمىزدىكى دائىمىيلىق مەنىۋى مەزمۇن بولۇپ قالغۇسى .
خوش ، گەپنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كەلسەم ، مەن گەرچە بۇقىتىم ئۆزۇمنىڭ بلوگىنى نالايىق كۆرۇپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشمىغان بولساممۇ ،پائالىيەت جەريانىغا ئاساسەن دىققەت قىلىپ ماڭدىم ، راستىنى ئىيتقاندا بۇ بىر ئېسىل پائالىيەت بولسىمۇ ،لېكىن تور ئەھلىمىزنىڭ قاتنىشىش سان -سۈپەت مەسىلىسى ۋە بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ بەغەرەزلىك قىلىشى قاتارلىق ئامىللار بىزنى يەنىلا ئويغا سالىدۇ .
داغدۇغا ،ھەشەمىتى جەھەتتە گەرچە بۇ نوبىل ياكى ئوسكار پائالىيىتى بولمىسمۇ ،ئەمما بىز ئۈچۈن قىممەتلىك پائالىيەت ئىكەنلىكى ئىنىق ،شۇڭا مەن ئاخىرىدا بۇندىن كېيىنكى «10نادىربلوگ»نى تاللاش پائالىيتىنىڭ تەشىكىللەش ، تەشۋىق قىلىش ،باھالاش قاتارلىق ئىش ھالقىلىرىدا تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ ، ھەريىلى پۇتۇن ئۇيغۇر تور ئەھلىنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم پائالىيەت بولوپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئاخىرىدا «2010-يىللىق 10 نادىرئۇيغۇربلوگلىرى» پائالىيىتىدە تاللانغان «80خالتا»، «تەدبىركار»، «جېك»،«تورخۇمار»، «ئۇيغۇربەگ»، «ئىلقۇت»، «شاھ ئۇيغۇر»، «ئابرال»، «باي دادا»، «چەۋەنداز» قاتارلىق ئون نادىر بلوگنى چىن كۆڭلۇمدىن تەبرىكلەيمەن !