• قوللانچى: پارول:

Anne Geddes ۋە ئۇنىڭ ئوماقلاردۇنياسى

ئاتاقلىق بالىلار فوتوگرافى Anne Geddes ئادەتتىن تاشقىرى تەسەۋۋۇر ۋە خاس ئۇسلۇب ئىگە . ئۇ ياراتقان بىر تۈركۈم بالىلار سۈرەتلىرى خىلمۇ-خىل مەتبۇئاتلاردا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى .
Anne Geddesنىڭ بۇنچە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدا بىر سىر بار دەپ قارىساق ،بۇ دەل ئۇنىڭ بالىلارغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىدىندۇر . ئۇ فوتوگرافىيەدىن ئىبارەت بۇدۇنياۋى تىل ئارقىلىق بۇ گۈزەل ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ ،كۈنسېرى كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە نائىل بولماقتا .

Anne Geddes تۈرلۈك كىيىم-كىچەك ،سەھنە جابدۇقى ، دېكوراتسىيە ۋە سۇژىت تەييارلاش ئارقىلىق ئەسەر ئىجاد قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئىككى قىزى بار بولۇپ (ماڭا ئوخشاش) بىرجۈپ قىزى ئۇنىڭ بارلىقى . بىر نەپەر فوتوگراف بولۇش سالاھىيىتى بىلەن سۈرەتكە تارتماقچى بولغان ئوبيېكتىنى چۈشەنگەندە ۋە ئۇنىڭغا ھېسسىيات جەھەتتىن چوڭقۇرلاپ كىرگەندە ئاندىن كىشىلەرنى ھاياجانغا سالغۇدەك بىرپارچە ئەسەر ئىجاد قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ . بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ بىرجۈپ قىزى ئېلىپ كەلگەن مۇھەببەت ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
Anne Geddes نىڭ ئەسەرلىرى نۆۋەتتە نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق نەشر بۇيۇملىرىدا ئىشلىتىلمەكتە، مەسىلەن؛ «دەۋر»، «تۇرمۇش» قاتارلىق داڭلىق ژورناللار ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى داۋاملىق دېگۈدەك ئىشلىتىدۇ .
1996-يىلى ئۇنىڭ ئەسەرلەر توپلىمى «گۈللۈككە قونۇش»سوۋغاتلىق كىتابلار تۈرى بويىچە بىرىنچى قاتارغا تىزىلدى.ئۇندىن باشقا نيۇيورك« دەۋر»ژۇرنىلى ئېلىپ بارغان ئىتتىك كىتابلارپائالىيىتىدەنادىركىتابلار قاتارىدا 3-ئورۇندا تىزىلدى ۋە ئۇدا 12 ھەپتە بۇ رېكورتنى ساقلاپ قالدى .
ئۇنىڭ بۇئەسەرلەرتوپلىمى 11قېتىم نەشر قىلىندى ،سەككىز خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىندى ،تىراژى بىرمىليۇن پارچىدىن ئاشتى .ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى يەنە كىتاب، ئاسماكالىندار،ئاتكىرتكاقاتارلىق مەھسۇلاتلارسۈپىتىدە 50نەچچە دۆلەتتە سېتىلدى.

Anne Geddes ئاۋىستىرالىيىدا تۇغۇلغان ،ھازىربولسا يېڭى زىللاندىيىنڭ ئوھلان شەھىرىدە ياشايدۇ ،ئۇ يېڭى زېللاندىيە كەسپى فوتوگېرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ :
«بىز بەزىدە قەدەملىرىمىزنى ئىختىيارسىز توختىتىپ، بىرتۈرلۈك ئازادە تۇيغۇئىلكىدە ۋە يۇمۇرستىك ھېسسىيات بىلەن ئەتىراپىمىزدىكى مۇھىتقا زەن سېلىشىنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز كېرەك .چۈنكى ئەتىراپىمىزدا بىز ئېسىمىزدە تۇتۇۋېلىشقا لايىق بولغان نۇرغۇن ئاددىي نەرسىلەربار، بەلكىم بۇلاربىزئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەربولىشى مۇمكىن».

ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن بەھىر ئالماقچى بولسىڭىز baidu.com ياكى google.comغاAnne Geddesدەپ يازسىڭىزلا ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئېسىل ئەسەرلىرىنى تاپالايسىز.





10 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئاتا – ئانىلارنىڭ بەختىگە بالىلارغا كۆز تەگمىسۇن ، سەبىي دىلى ئازار يېمىسۇن ، بالىلىقىغا قېنىپ چوڭ بولسۇن ئىلاھىم ! ئوغلۇم ئوغۇزنىڭمۇ ۋەھشەت رەسىملىرى بار ئىدى. مەنمۇ بۇ فوتوگرافتىن قېلىشمىغۇدەكمەن … :lol:

    • weten

      يۈكسەل ئوغلىڭىزغا «ئوغۇز» دەپ ناھايىتى ياخشى ئىسىم قويۇپسىزجۇمۇ ،بولسا بالىلىرىمىزغا ئىسىم (ئات) قويۇش ھەققىدە يېڭىچە قاراشلارنى ئاڭلاپ باقمامدۇق ؟!

  • ئاۋۇ ئاستىغا YUKSEL دەپ يېزىپ قويغىنى قىز بالىمۇ نېمە… :mrgreen: قارىسام قارىسام قىز بالىغا بىر يەرلىرى ئوخشاپ تۇرىدۇ،.. ;-)

    • ئاللاھ، ئاللاھ!
      بوۋاقلارنىڭ ئاستىدىكى خەتكە پەقەتلا دىققەت قىلماپتىمەن جۇما. قىزبالا ئۇنداق تەتۇر ئۇستخان بولماس پرېستان ؟!

    • ھې ھې ھې مەن قارىسام prestanدەپ قۇيۇلغىنى ئوخشاپ تۇرىدۇ

  • مۇشۇ يەرنىڭ ئۆزىدە بىرقىسىم سۆرەتلىرىنى كۆرگۈم كەلدىيا… :cry:

  • تەبىئەت جاۋاب

    قارىغاندا ،بۇيەردە مەنلا قىز ئوخشايمەن.

    • جۇشقۇن

      مىنىڭ بىلوگـ ئارلىغىنىمدىن بۇيان تۇنجى قىتىم قىز بالىنى ئۇچىرتىشىم .

  • ما رەسىمدە مەنمۇ باركەنمەدە؟ :mrgreen:

  • :sad: ياخىشىمۇسىلەر دوسلار
    :lol:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif