• قوللانچى: پارول:

پەرىشتە سۈپەت ئانىلار،ئامان بولۇڭلار

«ھازىرۋە كەلگۈسىدە قانچىلىك شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۇشۇمدىن قەتئىي -نەزەر، بۇلارنىڭ بارلىقى پەرىشتىدەك ئانامغا مەنسۈپ. مەن ئانامنىڭ ئاشۇ دۇئالىرىنى يادىمدا تۇتىمەن، ئۇتىلەكلەر ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلمەكتە، بەلكى ئۇلارمېنىڭ پۇتكۇل ھاياتىمغا ھەمراھ بولىدۇ.»

— ئابراھام لېنكولىن

«مېنىڭ ئانام مەن كۆرگەن ئەڭ چىرايلىق ئايال. مېنىڭ بۇ ھاياتىمدا ئېرىشكەن بارلىق نەتىجىلىرىم ئانامنىڭ پەزىلەت، ئىدراك ۋە جىسمانى جەھەتتە مىنى تاۋلىغانلىقىنىڭ مەھسۇلى.»

-جورج.ۋاشىڭتۇن

«ئەزەلدىن ھېچقانداق بىر ئايالنى ئۇنىڭغا ئوخشىتالمايمەن. ئۇ ئىنتايىن يېقىملىق، ئۇ گويا بىر كەپتەرگە ئوخشايدۇ؛ ئۇ ئىنتايىن قەيسەر، ئۇ گويا بىر ئاناشىرغا ئوخشايدۇ………ئانامنىڭ ئەشۇ ئۆگۇتلىرى مېنىڭ ھايات مۇساپەمنىڭ تۇنجى قەدەملىرىدىكى بىردىن-بىر بايلىقىم.»

-ئاندريېۋ.جەكسىن

«بىر ياخشى ئانا، يۇز نەپەر ئوقۇتقۇچىدىن قىممەتلىك»

-گېئورگى ھېربىت

«باھار ئۆتۇپ كېتىدۇ، سۆيگۇمۇ خازان بولىدۇ، دوستلۇقنىڭ يېشىل ياپراقلىرىمۇ تۆكۇلۇپ كېتىدۇ. بىراق بىر ئانىنىڭ يۈرىكىدىكى ئارمانلىرى ئۇلاردىن ئۇزاق ياشايدۇ»

-ئولېۋر.ۋېندېل.ھولمېس

«دۇنيادىكى بارچە شان-شەرەب ۋە پەخىرلىنىشلەرنىڭ مەنبەسى -ئانا»

-گوركىي

«مېنىڭ ھاياتىم كۆزۇمنى ئېچىپ ، ئانامنىڭ مېھرىبان رۇخسارىنى كۆرۇش بىلەن باشلانغان…»

-ئىللىيۇت

«ئانىنىڭ مۇھەببىتى غايەت زور يالقۇنغا ئوخشايدۇ»

-رومان روللان

«ئانا مېھرى -دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ»

-مېر

«دۇنيادا ئەڭ گۈزەل (يېقىملىق) بىرخىل ئاۋاز بار ، ئۇ بولسىمۇ دەل ئانىنىڭ بىزنى چاقىرغاندىكى ئاۋازى»

-دانتې

«تەڭرى يوق ئورۇن يوق ، چۈنكى ئۇ ئانىلارنى ياراتقان»

- يەھۇدىيلارنىڭ ماقالى

«ئانا قەيەردە بولىدىكەن، شۇ يەرشادلىققا چۆمۈلىدۇ»

-ئەنگلىيە ماقالى

«بالىلارنىڭ دىلىدا ئانا دەل تەڭرىدۇر»

- ئەنگىلىيە ماقالى

«ھەممىدىن ئاجىز قىزلارئانا بولغاندىن كېيىن ھەممىدىن قۇدرەتلىك بولۇپ كېتىدۇ »

- فېرانسىيە ماقالى

(ۋەتەن تەرجىمىسى)

-ئەتە تاڭ ئاتسا، دۇنيا ئانىلاربايرىمى كۈنى بولىدۇ. ئالدى بىلەن دۇنيادىكى بارلىق ئانىلارغا سالامەتلىك، خۇشھاللىق تىلەيمەن. ئۇلۇغ ئانىلار سىلەر ئۆزۇڭلار ئېرىششكە تېگىشلىك بولغان بارلىق بەخت-سائادەتكە ئېرشكەيسىلەر. شۇ تاپتا ئەتىكى قۇتلۇق كۈندە، «مۇھىم» ئىشلار تۈپەيلىدىن ئانامنىڭ بايرىمىنى پەقەت تېلېفۇندا تەبرىكلەشكە مەجبۈر ئىكەنلكىمنى ئويلاپ ئىنتايىن بىئارام بولىۋاتىمەن…





2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئوخشاشكەنمىز ، مەنمۇ تېلېفوندا تەبرىكلەيمەن . ئانىلىرىمىز ئامان بولسۇن !

  • تورباجىن جاۋاب

    ئانىلار ھەقىقەتەن ئۇلۇغ.

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif