• قوللانچى: پارول:

دەرس دوكلاتى [مۇھاكىمىسى]ھەققىدە چۈشەنچە

دەرس دوكلاتى ھەققىدە چۈشەنچە
ۋەتەن

1. قىسقىچە ئۇچۇر
دەرس دوكلاتى دېگەن ئۇقۇم ئەڭ ئاۋۋال 1987-يىلى خېنەن ئۆلكىسى شىن شىياڭ شەھىرى قىزىل بايراق رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ،بولۇپ ئوقۇتۇش پائالىيىتى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرتۈرلۈك ئىزدىنىش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ .
كۆپ يىللىق سىناق ۋە نەتىجىلەر شۇنى يەكۈنلىدىكى دەرس دوكلاتى يېزىش يېڭىچە دەرس ئىسلاھاتىدا تەكتلىنىۋاتقان تەتقىقاتچى تىپىدىكى ئوقۇتقۇچى بولۇش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىششنىڭ ياخشى يولى بولۇپ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە .
2. دەرس دوكلاتى دېگەن ئۇقۇم ھەققىدە
دەرس دوكلاتى بولسا ئوقۇتقۇچىنىڭ كونكرېت دەرس تېمىسى ئۈستىدە ئالدىن ئېلىپ بارغان لايىھە تەسەۋۋۇرى -نەزەرىيىسىنى ،جۈملىدىن مەزكۇر دەرس ھەققىدىكى «دەرس تەييارلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت .
دەرس دوكلاتى بېرىش ئادەتتە -ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرى ،ياكى كەسپداشلارغا بېرىلىدۇ ،باھالىغۇچىلار ياكى ئاڭلىغۇچىلار پىكىر بېرىدۇ ،بۇ ئارقىلىق ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ ،ئورتاق تونۇشلار قولغا كەلتۈرۈلىدۇ .
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا دەرس دوكلاتى – سىزنىڭ مەلۇم دەرسنى قانداق ئۆتىدىغانلىقىڭىز ،نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۆتىدىغانلىقىڭىز ئۈستىدە بەرگەن تەتقىقات دوكلاتىڭىزدىن ئىبارەت .

3. دەرس دوكلاتى يېزىش (بېرىش) نىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە
(1) ئوقۇتقۇچىنىڭ تەتقىقاتلىق ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ .
ئادەتتە ئوچۇق دەرس ،ئۈلگىلىك دەرس قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بىرىۋاتىمىز ،بىراق بۇ پائالىيەتلەردە نوقۇل ھالدا دەرس ئاڭلىغۇچىلارلا پىكىر بايان قىلىدۇ ياكى دەرسنى باھالايدۇ . ئەمەلىيەتتە دەرس ئۆتكۈچىنىڭ لايىھىلەش ئىدىيىسى ،دەرسنى بىرتەرەپ قىلىش جەھەتتىكى تاكتىكىلىق نەزەرىيىسى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى كۆپچىلىككە نىسبەتەن قاراڭغۇ بولۇپ قالىدۇ .
دەرس دوكلاتى بولسا دەرس ئۆتكۈچى بىلەن ئاڭلىغۇچى -باھالىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .دەرس ئۆتكۈچى دەرس دوكلاتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەزكۇر دەرسنى قانداق ئۆتىدىغانلىقىنى ،نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۆتىدىغانلىقىنى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن ،ئاڭلىغۇچى -باھالىغۇچىلار ئاندىن توغرا لىنىيىدە پىكىربايان قىلىدۇ ،ئەڭ مۇھىمى دەرس دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئوقۇتۇش ئىدىيىسى ،ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىلمىي نۇقتىدىن پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ .
(2) ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس تەييارلاش سەۋىيىسى ۋە دەرس لايىھىسىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ .
ئوقۇتقۇچى دەرس دوكلاتى يېزىشنى ئادەت قىلغاندا ، دەرسكە نىسبەتەن تەتقىقات تېمىسى سۈپىتىدە قاراپ ،دەرس تەييارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ،بۇنىڭ تەبىئىي تۈردە ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس تەييارلاش سەۋىيىسى ئۆسىدۇ ،دەرس تەييارلىقنىڭ سۈپىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ .
(3) دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ .
دەرس دوكلاتى ئىزدىنىش جەريانى بولغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى دەرسىنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى قىزىپ چىقىدۇ ،ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قىزىش ۋە تەدبىقلاش ئىقتىدارى ئىشىپ بارىدۇ .
(4) ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى بىلىمى ۋە ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ .
دەرس دوكلاتى تەييارلاش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆپلەپ ماتېرىيال توپلىشى ،پىكىر يۇرگۇزىشىگە توغرا كېلىدۇ  .دەرس دوكلاتى يېزىشنى داۋاملاشتۇرغاندا ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپى جەھەتتىكى نەزەرىيىۋى بىلىمى ئۆسۇپلا قالماي ،ئۇنىۋېرسال ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ .

4. دەرس دوكلاتى يېزىشنىڭ تۈرى ،شەكلى ۋە ئۇسۇللىرى ھەققىدە
ئادەتتە ھەرقايسى پەنلەرنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن دەرس دوكلاتى يېزىشتا ئاز-تولا پەرقلەر مەۋجۇت . بىراق چوڭ جەھەتتىن قارىغاندا دەرس دوكلاتى چوڭ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ :
① ئەمەلىيەت خاراكتېرلىك دەرس دوكلاتى
② نەزەرىيە خاراكتېرلىك دەرس دوكلاتى
ئەمەلىيەت خاراكتېرلىك دوكلات بېرىش – مەلۇم بىر كونكرېت دەرس تېمىسى ئۈستىدە دوكلات بېرىشنى كۆرسىتىدۇ ، نەزەرىيە خاراكتېرلىك دوكلات بېرىش – مەلۇم بىر نەزەرىيىۋى قاراش ھەققىدە دوكلات بېرىشنى كۆرسىتىدۇ .
دەرس دوكلاتى بېرىشنىڭ شەكىللىرى تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ :
① لېكسىيە شەكىللىك دەرس دوكلاتى -
② نۇتۇق شەكىللىك دەرس دوكلاتى-
③ سۆھبەت شەكىللىك دەرس دوكلاتى -
④مۇھاكىمە شەكىللىك دەرس دوكلاتى -
5. دەرس دوكلاتى بېرىشنىڭ بىرقەدەر قېلىپلاشقان شەكلى :
I. دەرس ماتېرىيالىنى تونۇشتۇرۇش
① مەزكۇر دەرسىنىڭ پۈتكۈل دەرس قۇرۇلمىسىدىكى ئورنى
② مۇناسىۋەتلىك دەرس ئۆلچىمىدىكى مەزكۇر دەرسنى ئوقۇتۇشقا دائىر تەلەپلەر
③ مەزكۇر دەرسنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى قاراتمىلىق سەۋەبلەر
II. مەزكۇر دەرسنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە يەتمەكچى بولغان نىشانلارنى تونۇشتۇرۇش
①   بىلىم ھازىرلاش نىشانى : ئوقۇتۇش پائالىيىتى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ھازىرلىنىدىغان ئاساسى بىلىملەر
② ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش نىشانى :  مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ، ئوقۇشلۇق – رەسىم قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىش ، ئۇچۇرتوپلاش-بىرتەرەپ قىلىش ۋە ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىي تۇرمۇشتا قوللىنىش …قاتارلىق ئىقتىدارلار چۈشەندۈرۈلىدۇ .
③ ئەخلاقى تەربىيە سىڭدۈرۈش نىشانى (ھېسسىيات ،پوزىتسىيە ، قىممەت قارىشى يىتىلدۈرۈش )
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش تەجرىبىسى ۋە سەۋىيىسىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئوقۇغۇچىلاردا ھېسسىيات ، پوزىتسىيە ۋە دۇنيا قارىشى نۇقتىلىرىدىن ئادىمىيلىك تەربىيىسى بېرىش .
III. دەرسىنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلىرىنى تونۇشتۇرۇش
دەرسلىك ئۆلچىمىدىكى تەلەپ ۋە مەزكۇر دەرسنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرسىنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلىرى بېكىتىلىدۇ :
① مۇھىم نۇقتىسى :
② قىيىن نۇقتىسى :
IV. ئوقۇتۇش سىتىراتىگىيىسنى تونۇشتۇرۇش
⑴ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇش
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش -ھەل قىلىشنى ئاساس قىلىپ لايىھىلىنىدۇ .
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى لايىھىلەشتە دىققەت قىلىدىغان ئاساسى پرىنسىپ بولسا « ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش ، ئوقۇتقۇچى يېتەكچىلىك قىلىش» بولىدۇ .
⑵ ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالى ئۈستىدە تەھلىل
ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ ئوبيېكتى – دەل ئوقۇغۇچى .
نۆۋەتتە ساۋاتسىزلىق ئۇقۇمى خەت تۇنۇمايدىغانلارنى ئەمەس بەلكى ئۆگىنىشنى بىلمەيدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ .شۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى لايىھىلەنگەندە ئوقۇغۇچىنى تەھلىل قىلىش ناھايىتى مۇھىم . ئوقۇغۇچى تەھلىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ، ياش قۇرۇلمىسى ، پىسخىكىلق ئالاھىدىلىكى ، ئادەتتىكى ئۆگىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلار تەھلىل قىلىنىپ ،ئوقۇتۇش پائالىيىتىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى شۇ سەۋىيىگە ئەڭ زور دەرىجىدە يىقىنلاشتۇرىلىدۇ .
V. ئوقۇتۇش پائالىيىتى جەريانى ۋە ئالدىن تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويۇش
① يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش ئۇسۇلى (جەريانى )
② تەييارلانغان مىساللار ۋە بۇ ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلىلەر
③ ئىقتىدار سىناش لايىھىلىرى

VI. دەرس خۇلاسىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش
ھەرقايسى پەنلەر ئوقۇتۇشىنىڭ دەرس خۇلاسىسىنى لايىھىلەش شۇپەنلەرنىڭ خاسلىقى بويىچە ئوخشىمىغان شەكىلدە لايىھىلىنىدۇ . ئورتاقلىق بولسا  ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە يەتمەكچى بولغان ئۈچ خىل نىشان ئاساسى لىنىيە قىلىنىدۇ .

VII . دەرسىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇن سخېمىسى (دوسكا لايىھىسى) نى ئوتتۇرىغا قويۇش
مەزكۇر دەرستىكى مۇھىم بىلىم نۇقتىلىرىنى ئاساس قىلىپ ، دەرسىنىڭ مەزمۇن سىخىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ . ئادەتتە دوسكا لايىھىسى دەپمۇ ئاتايمىز .

VIII . تاپشۇرۇق بېرىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش
① تاپشۇرۇق مەزمۇنى
② تاپشۇرۇق لايىھىلەشتىكى مۇددىئا ۋە يەتمەكچى بولغان ئۈنۈم (نىشان)
③ تاپشۇرۇق باھالاش ئۆلچىمى
………….
IX . دەرستىن كېيىنكى ئانالىز نى ئوتتۇرىغا قويۇش
دەرستىن كېيىنكى ئانالىز خاتىرىسى  ئادەتتە بىرسائەتلىك دەرسنى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن يېزىلىدۇ .
دەرستىن كېيىنكى ئانالىزدا -شۇسائەتلىك دەرسنىڭ ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە قولغا كەلگەن ئۇتۇق بىلەن كۆرۈلگەن مەسىلە ئاساس قىلىنىپ ،سەۋەبلىرى تەھلىل قىلىنىدۇ .ساۋاقلاريەكۈنلىنىپ ، تۈزىتىش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ .
ئەگەر دەرس دوكلاتى دەرستىن كېيىن بېرىلسە ،بۇ نۇقتا چوقۇم يېزىلىدۇ ، ئەگەر دەرستىن ئاۋۋال بېرىلسە مۇۋاپىق ئەسكەرتىش يېزىلىدۇ.

2010-يىلى 6-ئاي





5 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • تۇنجى يازمىزغا مۇبارەك بولسۇن

    • weten

      تەشەككۇر ،گەرچە ئىملارىڭىز خاتا بولسىمۇ خۇشھال بولوپ كەتتىم :lol:

    • ۋەتەنقارى، قايلاپ باقسىلا ئۆزلىرىنىڭ ئىملاسىغا، بولوپ دىمەي بۇلۇپ دەيلى
      يېڭى بلوگغا مۇبارەك!

  • شۇنداق قىلىپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ۋوردپرەسكە كۆچىۋالدىڭىزمۇ؟
    مۇبارەك بولسۇن…..

    • weten

      رەھمەت سىزگە ،كېلىپ تۇرارسىز يېڭى كۇلبەمگە ;-)

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif