كىنۇ كۆرۇش كىچىكىمدىن ھازىرغىچە تۇرمۇش رىسالەمدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مەزمۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.قىزىق يىرى يىقىندىن بىرى دۇنياۋى نادىر فىلىملەرنى كۆرگەنسىرى ئۆزۇمنىڭمۇ كىنۇئىشلىگۈسى كېلىپ،بۇ ھەقتە تەسەۋۋۇرلىرىم قانات قاقماقتا.لېكىن بۇ مۈمكىنمۇ؟
نېمىلا بولسۇن،گۆدەك خىياللىرىدىن تېخىچە نىرىگە كېتەلمىگەن پىقىر،بۇ ئەخمىقانە ئويلىرىنى ئەسلەپ تۇرۇش يۈزىسىدىن تەسەۋۋۇرىدىكى ئىشلىمەكچى بولغان كىنۇلارھەققىدە خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇشنى قارار تاپتى.
تەسەۋۋۇرۇمدىكى كىنۇلارنىڭ بىرى مېنىڭ «ۋەتەن »كىنۇ شېركىتىم بىلەن 20-ئەسىرفوكس شېركىتى بىرلىكتە ئىشلەيدىغان تارىخى فىلىم –«لۇتۇن»(لۇتپۇللا مۇتەللىپ)
بالىلىق مەزگىللىرىمدە مەن ئابدۇللا تالىپنىڭ «قاينام ئۆركىشى»ناملىق رومانىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تونۇغاندىن ھازىرغىچە،ئۇ روھىيىتىمگە تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم شەخىسلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
(بۇ كىنۇ تەشۋىقات رەسىمى گۈدۈك مىكروبلوگ تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى|http://guduk.com/v/61782)
ھەقىقەتەنمۇ،ئاران22يىل ھايات كەچۈرگەن لۇتپۇللامۇتەللىپ ئۆزىنىڭ يۈكسەك تالانتى،مىللىي مەسئۇلىيىتى ،قىسقىغىنە ھاياتىدا ياراتقان ئۆلمەس قىممىتى بىلەن ئۇيغۇرھازىرقى زامان تارىخىدا،شۇنداقلا بۈگۈنكى ۋە كىلچەكتىكى ئۇيغۇرمەنىۋىيىتى ئۈچۈن مۇھىم بىرئىنسان .
«لۇتۇن »ناملىق بۇ كىنۇدالۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى چىنلىق بىلەن يورۇتىلىدۇ.كۆرۇرمەنلەر لۇتۇنغا ئەگىشىپ ئەينى يىللاردىكى ئۇيغۇردىيارىنىڭ قان-ياشلىق باغرىنى كىزىپ چىقىدۇ…
بۇ كىنۇنىڭ باشقا ئىسىملىرى«لۇتپۇللا مۇتەللىپ»،«يىللارغاجاۋاب بەرگەن كىشى»،ئومۇمى ۋاقتى 1سائەت30مېنۇت ئەتىراپىدا.تىلى ئۇيغۇرچە(ئېنگىلىزچە سىلۇشتۇرما خەتلىك مەزمۇنى بار)
چۈشۈرۈش ئادىرىسى : download