ئۇزۇن بوپتۇ تورداشلارنىڭ پسىخىكىسىنى سىناپ باقمىغىنمغا، بەلكىم تورداشلارنىڭمۇئۆز پسىخىكىسىنى بىر تەكشۈرۈپ باقىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى. بۈگۈن سىلەرگە بىر سىناق ئېلىپ كەلدىم، مەزمۇنى خۇددى بىر ئويۇننى ئەسلىتىدۇ، ئەمما نەتىجىسى سىزنى ئويغا سالىدۇ، مېنىڭچە سىزئاۋال سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپىنى تاماملاڭ، ئاندىن جاۋابىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىڭىز ھەققىدە سوغۇققانلىق بىلەن بىرپەس ئويلىنىڭ.
ئاۋال سىزگە بەش تۈرلۈك ھايۋانات تاپشۇرىمەن، ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ، ئۇلار : يولۋاس، مايمۇن، توز،پىل ۋە ئىتتىن ئىبارەت.
سىزگە بۇ بەش تۈرلۈك ھايۋاناتنى ئەگەشتۈرۈپ، بىرئىپتىدائىي ئورمانلىقنى كېسىپ ئۆتۈش ۋەزىپىسى بېرىلدى،ئورمان ئىچى بەك خەتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن سىز ئامالسىزلىقتىن يول بويى بۇلارنى بىردىن-بىردىن تاشلىۋەتمەكچى بولدىڭىز، ئۇنداقتا سىزئەڭ ئاۋال قايسىنى تاشلىۋېتىسىز؟ باشتىن ئاخىر تاشلىۋىتىلىدىغانلارنىڭ رەت تەرتىپى قانداق؟