تونۇش- بىلىش قۇرداشلار ئىچىدە بالىلىق دەۋرىمدە تېلېۋىزۇرنى ئەڭ كۆپ كۆرگەن مەن بولسام كېرەك، بەزىدە ئۆز-ئارا كىنو-تېلېۋزىيە تېياتىرلىرىنىڭ پارىڭى بولغاندا ئەينى يىللىرى كۆرگەن فىلىملەرنىڭ گېپىنى قىلسام ، ئۇلار كۆرمىگەن بولۇپلا چىقىدۇ.
يادىمدا بالىلىق دەۋرلەردىكى بىغۇباردۇنيانىڭ نۇرغۇن ئەسلىمىلىرى شۇنداق ئىنىق ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ، بەزىدە بالىلىق دەۋرىمنىڭ ئەڭ نوچى ۋاقىتلىرى ھېسابلىندىغان 90-يىللارغا ئائىت ئەستىلىكلەرنى ئۇچرىتىپ قالسام ئىنتايىن سۆيۈنۈپ كىتىمەن، بۇرنۇمغا سەمىمىيلىككە تولغان شۇ ۋاقىتلار پۇراپ كېتىدۇ…
شۇ سەۋەبتىنمۇ ، مەن بلوگنى يېزىشقا باشلىغاندىن كېيىن ، بالىلىق دەۋرىمىزگە مەزمۇن قوشقان بىر تۈركۈم نادىر كىنو-فىلىملەرنى تونۇشتۇرۇش-ئەسلەش تېمىسىدىكى يازمىلارنىمۇ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمەن.
بۈگۈن ئەسلەپ ئۆتىدىغىنىم ،ئەينى يىللىرى شىنجاڭ تېلېزىيە تەرجىمە مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان ، ئەنگىلىيە 20قىسىملىق تېلېۋىزىيە تېياتىرى «ئاندى.روبسۇن» (ئېنگىلىزچىسى «AndyRobson») . بۇ ھەقتە توردىن ھېچقانچە تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالغا ئېرىشەلمىدىم ھەم سىن-ھۆججەتلىرىنى تېخىمۇ تاپالمىدىم، بەلكىم بۇ فىلىمنىڭ كونىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇ. ئىسىمدە قىلىشىچە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى 90-يىللاردىن كېيىن كۆرگەن ئىدۇق.(1982-1983-يىللىرى ئىشلەنگەن ئىكەن).
فىلىمدە ئون بەش-ئون ئالتە ياشلاردىكى باش قەھرىمان ئاندى.روبسۇننىڭ ئائىلە قېيىنچىلىقىنى يېڭىش مۇددىئاسىدا يىراقتىكى ھاممىسى تۇرۇشلۇق شەھەرگە ئىش ئىزدەپ بارغانلىقى ۋە شۇ جەرياندىكى سەزگۈرەشتىلىرى ئاساسى لېنىيە قىلىنىپ، تۇرمۇش، مۇھەببەت، دوستلۇق،ھەققانىيەت،باي-نامراتلىق قاتارلىقلارغا چىتىشلىق بىر ھېكايەت سۆزلەنگەن.
ئاندى .روبسۇن فىلىمىنىڭ باش قىسمىدىكى ناخشىسى ماڭا بەكلا ياقاتتى، شۇڭا بىرئاماللارنى قىلىپ يۈرۈپ، بۇ ناخشىىنى تېپىپ چىقتىم. بىلسەم، بۇ ناخشىنىداڭلىق ناخشىچى باربارادېكسون ئېيتقان ئىكەن . ناخشىنىڭ نامى : «ئەڭ قالتىس دوستلۇق» (The Best of Friends)
تېكستى :
Longer summers and warmer nights
Frozen forever in your youthful sight
Vivid memories of deeper vows
Wonder who’s talking in the old school now
In your hand there’s a crumpled piece of paper
It’s a note from a long-forgotten friend
Saying ‘like me for now, and love me later’
We’ll be forever the best of friends
They say the first love is the only one
For only innocence is so much fun
Stolen glances in a crowded place
The awkward pauses when you’re face to face
In your hand there’s a crumpled piece of paper
It’s a note from a long-forgotten friend
Saying ‘like me for now, and love me later’
We’ll be forever the best of friends
The best of friends
Just a crumpled piece of paper
A note from a long forgotten friend
Saying ‘like me for now, and love me later’
We’ll be forever the best of friends
ئۆزۈمچە تەرجىمىسى :
ئۇزاق يازپەسلىنىڭ ئىللىق كېچىسى
ياشلىقىڭنىڭ ئۇپۇقلىرىدا مەڭگۈلۈك قاتقان،
بىرچوڭقۇرئەسلىمە – قەسەم سۆزىنى
قايسى بىر ئوقولدىشىڭ ئېيتقانلىقىنى ئەسلىمەك بولسىەن.
قولۇڭدا چىڭ سىقىملانغان،بىرپارچە پۈرلەشكەن قەغەز،
بۇيىراق ئۆتمۈشتىكى بىر دوستۇڭنىڭ يالدامىسى،
يېزىلغان ئاڭا: «ھازىرئامراقسەن ماڭا، كېيىن سۆيۈپ قالساڭمۇ
بىزلەر يەنىلا مەڭگۈلۈك ،ئەڭ قالتىس دوستلار…»
كىشلەر دېيىشىدۇ: تۇنجى سۆيگۈ پەقەتلا بىررەت
چۈنكى مەسۈم-گۆدەكلىك ئاجايىپ بىر ئىش.
شۇنچە لەززەتكى يانمۇ-يان تۇرۇپ، مارىغاندىكى،
تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىش، يۈزمۇ-يۈز بېقىش.