پىقىر، قايسى بىر زاماندا رىۋايەتلەردىكى پولات.ئەلەمدارنىڭ داڭقىنى بەك ئاڭلاپ كېتىپ، توردىن «كوردلارۋادىسى» دېگەن پەسىللىك تېياتىرنىڭ بىربۆلۈمىنى چۈشۈرۈپ كۆرگەن ئىدىم، ئەپسۇس قاراپ تۇرسام ئۈچ-تۆت نەپەر تۈركىيىلىك ئالاھىدە خادىملار ھېچ بىر قىينالمايلا ئىسرائىلىيە گازارمىسىغا كېرىپ ،بىردەمدىلا ۋەيران قىلىۋەتتى،ئالە شەنى ! دېدىم-دە، بۇ كىنونى ئىزبېسىپ كۆرۈپ بېقىش نېيىتىدىن ۋازكەچتىم…
نېمىشقا دېسىڭىز ئەزەلدىن، ئەقلىي يەكۈن چىقىرىشقا ئۈندەيدىغان، قۇرۇلمىسى مۇرەككەپرەك ياكى كىشىنى بىرنەچچە كۈنگىچە ئويلاندۇرىدىغان كىنولارنى كۆردىغان ئادەم مەن ، شۇڭا بۇ «كوردلارۋادىسى» ماڭا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى جۇڭگودا ئىشلەنگەن قېپ-قېزىل كىنولاردىكى ئوق تەگمەس باھادىرلارنى ئەسلەتتى.
ئەلقىسسە، يېقىندا تېلېۋزۇر بۇزۇلۇپ قېلىپ،ياسىتاي دېسەم پۇل يوق( بۇگەپنى باشقا يەردە دەپ يۈرمەڭ) كومپيۇتېرنى ئەر-خوتۇن ئىككىمىز تالىشىپ قالىدىغان ۋەقەلەر يۈزبەرگىلى تۇردى. بۇغۇ بىرھېساپتا ياخشى بولدى، بىرئولتۇرسام نەچچە سائەت ئولتۇرغىنىمنى بىلمەي قالىدىغان ئادەم، مۇشۇ باھانىدە ئارام ئالىدىغان بولدۇم..
بىركۈنى خوتۇنغا «ھەي سادىغاڭ كىتەي ماۋۇ بىلوگىمنى كۆرۈپ قويە، 2011-يىللىق 10 چوڭ بىلوگىنىڭ بىرى جۇمۇ بۇ» دەپ «ۋەتەن» نى ئېچىپ بەرسەم بەش مېنۇت كۆرۇپلا ۋاي-ۋۇي نېمە بۇ!؟ دەپلا ئۇلىنىش تورىغا كېرىپ، بىرچاغدا «ناتىۋانلار» دېگەن بىر كىنونى قويۇۋاپتۇ…
دەسلىۋىدە ، «خوتۇن خەق دېگەننىزە، قارا، كومپيۇتېرنى بەرسىمۇ، تېلېۋىزۇردا كۆرۈپ تويمىغاندەك يەنە شۇ كىنو كۆرىۋاتقىنىنى »دەپ ئىچىم سىقىلدى، كېيىن قۇلۇقىمغا بەكمۇ يېقىملىق دىئالۇگلار ئاڭلانغىلى تۇردى،ئۇنىڭدىن كېيىن بىريېقىملىق ناخشا ئاڭلاندى…ئۇنىڭدىن كېيىن ئاستا كومپيۇتېر ئىكرانىغا قادالدىم.
شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە تېلېۋىزىيە تېياتىرلىرىنى كۆرىۋاتقان زور كوللىكتىپ ئىچىگە كېرىپ كەتتىم، نۆۋەتتە قويۇلىۋاتقان باشقا فىلىملىرى ھەققىدە كۆرمىگەنلىكىم سەۋەبىدىن بىرنېمە دېيەلمىسەممۇ، ئەمما بۇ تېلېۋىزىيە تېياتىرى مەندە ھەقىقەتەن ياخشى تەسىرات قالدۇرماقتا (ھازىر 40-قىسىمغا كەلدۇق)، بولۇپمۇ فىلىمدىكى سۆز-ئىبارىلەر تۈركچىسىگە يېقىن ئۆزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، يىغىنچاق، دەل جايىدا ئېيتىلغان سۆزلەر بەك يېقىشلىق بىلىندى. ۋەقەلىكى بىرقەدەر تېراگىدىيەگە تويۇنغان ھايات قىسمەتلىرى ئىكەن، گەرچە تېلېۋىزىيە تېياتىرلىرىدا بۇخىل ئالامەتلەر يېڭىلىق ھېسابلانمىسىمۇ، يۇقارقى ئىلمىنىتلارنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ فىلىمدىن خىلىلا زوق ئېلىۋاتىمەن.
ئەسكەرتىش: بۇ تېلېۋىزىيە تېياتىرىنىڭ نامى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە «ناتىۋانلار» دەپ ئېلىنىپتۇ، تۈركچىسىنى ئەسلى نامى كۆرسەم« كىچىك خانىملار »(Küçük Kadınlar) بولۇپ،ئىشلەنگەن ۋاقتى 2008-2011 يىللىرى ، جەمئى 120قىسىم ئىكەن.
تۆۋەندىكىسى فىلىمنىڭ ئاساسى ناخشىسى «يۈرەك يىغلىسىمۇ، كۈلۈپ ئۆت»(Kalbin ağlasada gülümse inadına )، بۇ ناخشىنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالدىم دېسە…
Kucuk Kadinlar Kalbin_Aglasada
Powered by mp3skull.com
تېكستى:
Kalbin ağlasada gülümse inadına
Düşler takıp saçlarına yürü umutlara..
Düşler takıp saçlarına yürü rüzgarlara..
Kurduğun hayalleri ayazlar yıksada
Sen yeter ki hep ümit et,
Hayat döner sana..
O pembe gülyüzünü kederle soldurma
Dalda ki son yaprak gibi
Sarıl hep hayata
Kurduğun hayalleri ayazlar yıksada
Sen yeter ki hep hayal et,
Hayat döner sana..
Unutma !
Göğün asıl rengi mavidir
En kör gece bile sabahtır sonunda
Kalbin ağlasada gülümse inadına
Düşler takıp saçlarına yürü rüzgarlara..
O pembe gülyüzünü kederle soldurma
Daldaki son yaprak gibi
Sarıl hep hayata
Geçerken acılardan gülmeyi unutma
Fırtınalara direnmektir yaşamak birazda
Kurduğun hayalleri yağmurlar yıksada
Sen yeter ki hep ümit et,
Hayat döner sana…
Sen yeter ki hep ümit et,
Hayat döner sana…