بالىلىق مەزگىللىرىمىزدە ئۇچراشقان كارتون فىلىملەرئىچىدە ئەڭ بۇرۇن كۆرگەنلىرىمىزنىڭ بىرى دەل سابىق چېخ-سلوۋاكىينىڭ «قارىغۇچاشقاننىڭ سەزگۈرەشتىسى» بولسا كېرەك. مەزكۇر كارتون فىلىم ھەقىقەتەنمۇ دۇنيا مىقىياسىدىكى كلاسسىك ،نادىر كارتون فىلىملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
«قارىغۇ چاشقاننىڭ سەزگۈرەشتىسى»(鼹鼠的故事،The Mole) دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان بولۇپ ئەڭ بۇرۇنقى بۆلىملىرى 1957-يىلى ئىشلەنگەندىن باشلاپ 1980-يىللىرىغىچە چاتما شەكىلدە ئىشلىنىپ كەلگەن .ئۇنىڭدىن كېيىن 2002-يىلىغىچە يەنە بىرقانچە قىسىملىرى ئىشلەنگەن.
«قارىغۇچاشقاننىڭ سەرگۈرەشتىسى» نىڭ كۆپ قىسىملىرى ئاساسەن ئەنئەنىۋي كارتون ئىشلەش ئۇسۇلىدا (قولدا سىزىلغان) ئىشلەنگەن بولۇپ،گەرچە ئىشلىنىش سەۋىيىسى ھازىرقى زاماندىكى يۇقىرى تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە ئىشلەنگەن كارتون فىلىملارغا يەتمىسىمۇ ،ئەمما كىشىگە بېرىدىغان راھەت تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئوبرازلار بەكلا ئوماق بولۇپ تەبىئىيلا كېشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ.
توردا كۆرۇش مەنزىلى : (55قىسىم)
http://video.baidu.com/v?ct=301989888&rn=20&pn=0&db=0&s=8&word=%F7%FA%CA%F3%B5%C4%B9%CA%CA%C2&fr=ala0
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.verycd.com/topics/49970/