سىزمۇ بۇخىل تۇيغۇنى باشتىن كەچۈرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن، يىگىت -قىزلاربىرگە ئىشلىسە ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ. بۇخىل ھادىسىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى ئاللىقاچان تېپىلىپ بولغان. پىسخلوگىلارنىڭ بايقىشىچە بۇخىل پىسخىكىلىق ئېففېكت يىگىتلەردە بىرقەدەر روشەن ئىپادىلىنىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا تۇيغۇسى ئارقىلىق يات جىنسلاردىن كىلىدىغان ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشكە تېخىمۇ ئامراق كېلىدۇ. يات جىنسلارنىڭ جامالى، چاچ پاسونى، تېرىسى، بوي-تۇرقى قاتارلىق تاشقى ئالاھىدىلىكلىرى كۈچلۈك تۈردە، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇنىڭ تەسىرىدە ئەرلەرنىڭ سەزگۈ ئورگانلىرى مەلۇم دەرىجىدە پارتىلاش ھاسىل قىلىدۇ-دە، پۈتۈن ھۇجۇدى مەستخۇشتلۇققا چۆمىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت، پسىخىلوگلارنىڭ يەنەربىرتۈرلۈك بايقىشىغا قارىغاندا ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى نامايان قىلىش ئىستىكى، ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى نامايان قىلىش ئىستىكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. نامايان قىلىش ئىستىكى ۋە ھەرىكىتى ئادەم تېنىنى غىدىقلاپ زور مىقداردىكى دوپامىن ماددىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
دوپامىن (多巴胺) بولسا بىرتۈرلۈك ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان ۋە ئادەمنى يېتەرلىك ھالدا قوزغىتىدىغان نىرۋائۆتكۇزگۇچ ماددىسى، ئادەم تېنىدە دوپامىن نىڭ مىقدارىنىڭ نورمال چەكتە ئۆرلىشى ئادەمنى تولۇپ تاشقان ھاياتى كۈچ ۋە ھەۋەسكە ئىگە قىلىدۇ.
پىسخىكىلىق ۋە روھىي جەھەتتىكى ئامىللاردىن باشقا، تەتقىقاتچىلار يەنە بىرتۈرلۈك سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. تاشقى ھورمۇن بولسا ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنىڭ تېرىسى ياكى تاشقى ئەزالىرىنىڭ ئاجراتما بەزلىرى ئارقىلىق سىرتقا تارقىلىدۇ، بۇخىل ھورمۇن ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇ ئادەم تېنىدىكى پۇراق شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ، بىراق بۇخىل پۇراق ناھايىتى ئاسانلا ئەتىراپتىكى يات جىنىسلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىلەيدۇ.
خەنچە «يىنىمىزدىكى پسىخىلۇگىيە » تورىدىن تەرجىمە قىلىندى